پېشانە سەجدىگاھقا تەگمىسە ناماز دۇرۇس بولمايدۇ
پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: سەجدىدە پېشانىسى ۋە بۇرنى سەجدىگاھقا تەگمىگەن كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ (پەتىۋا كومېتىتى بۇ ھۆكۈمىگە يۇقارقى ھەدىسنى دەلىل قىلغان). ناۋاد پېشانە ۋە بۇرنىنى سەجدىگاھقا قويۇشتىن توسىدىغان شەرئىي ئۆزرە بولسا، ئۇ ھالدا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ.
ھەدىستە بۇيرۇلغىنىدەك سەجدىدە يەتتە ئەزا زېمىنغا تېگىشى پەرز، بۇ ھۆكۈم ئەر ۋە ئايالغا ئورتاق.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازدا يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇلار پېشانە (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق دەپ بۇرنىغىمۇ ئىشارە قىلدى)، ئىككى قول، ئىككى تىز ۋە ئىككى پۇتنىڭ ئۇچىدىن ئىبارەت. (نامازدا) كىيىمنى تۈرۈۋېلىشقا، چاچنى بوغۇۋېلىشقا بولمايدۇ»(بۇخارى 812؛ مۇسلىم 490) (پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 7175-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
Yorumlar
Yorum Gönder