جۇنۇب كىشى قۇرئان ئوقۇسا بولامدۇ؟
جۇنۇب
كىشى قۇرئان ئوقۇسا بولامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى
8859-نومۇرلۇق پەتىۋا
جاۋاب: جۇنۇبنىڭ غۇسل قىلماي تۇرۇپ قۇرئان ئوقۇشىغا بولمايدۇ. مەيلى يادقا
ئوقۇسۇن، ياكى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسۇن ئوخشاشلا دۇرۇس ئەمەس. شۇنداقلا، كىشى تولۇق
تاھارەتلىك ھالەتتە بولمىغانلا ئىكەن – مەيلى جۇنۇب بولسۇن ياكى تاھارەتسىز ھالدا
بولسۇن – قۇرئانغا تۇتۇپ ياكى قاراپ تۇرۇپ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇسا بولمايدۇ.
(تاھارەتسىز كىشى قۇرئاندا يادقا ئوقۇسا بولىدۇ. ھەيزدار ئايال قۇرئاننى يادقا
ئوقۇسا، ياكى مۇسھەپ ‹قۇرئان› نى پەلەي، لاتا قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ۋاسىتىلىك
تۇتۇپ ئوقۇسا بولىدۇ.)
ئەللامە بىن باز مۇنداق دېگەن:
جۇنۇب ھالەتتىكى كىشىنىڭ قۇرئاننى يادقا ھالەتتىمۇ، ياكى قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپمۇ
ئوقۇشىغا بولمايدۇ. جۇنۇبنىڭ قۇرئان ئوقۇشىغا بولماسلىقىغا ئەلىي رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىس دەلىلدۇر:(أخرجه ابن ماجه في
كتاب الطهارة وسننها ، باب ما جاء في قراءة القرآن على غير طهارة برقم 594 . كان النبي صلى الله عليه وسلم لا يحجزه شيء عن القرآن سوى
الجنابة.)«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى جۇنۇبلۇقتىن
باشقا ئىش قۇرئان (ئوقۇش) تىن چەكلەپ قويمايتتى.»(ئىبنى ماجە 594) [بىن باز
پەتىۋالىرى توپلىمى،29\64]
[«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]
Yorumlar
Yorum Gönder