نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش ۋە نامازنى رەسۇلۇللاھتەك ئوقۇش


 
كىشىنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا كىرىشى ناماز باشلاش تەكبىرى دېيىلىدۇ. ناماز باشلاش تەكبىرى پەرز بولۇپ، تەكبىرسىز باشلانغان ناماز دۇرۇس بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«...قىبلىگە يۈزلەنگىن ۋە تەكبىر ئېيتقىن.» (بۇخارى 6251؛ مۇسلىم 884) نامىزىنى باشلىماقچى بولغان كىشى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ قوللىرىنىڭ ئۇچىنى ئىككى مۈرىسى ياكى بەزىدە قۇلاق يۇمشىقى باراۋىردە كۆتۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار.» (بۇخارى 631؛ دارىمىي 1253) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامىزىنى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ باشلايتتى ۋە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيتتى.» (ئىمام ئەھمەد 6\31؛ مۇسلىم 1\357؛ ئەبۇ داۋۇد 1\208؛ ئىبنى ماجە 1\267)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ ناماز باشلىغىنىنى كۆردۈم. (ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ) تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈردى. تەكبىر ئوقۇپ رۇكۇ قىلغاندا ۋە ‹سەمىئ ئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە› دەپ رۇكۇدىن تۇرغاندا ئوخشاشلا قوللىرىنى كۆتۈرەتتى ۋە ‹رەببەنا ۋەلەكەل ھەمد› دەيتتى. بىراق، سەجدە قىلغاندا ۋە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە قوللىرىنى كۆتۈرمەيتتى.» (بۇ ھەدىسنى يەتتە مۇھەددىس توپلىغان: ئىمام ئەھمەد، بۇخارى 738-نومۇرلۇق ھەدىس، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، تىرمىزى، نەسائىي)
ھۇمەيدى بىر ساھابىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈردى.»(سەھىھۇلبۇخارى)
ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز باشلىغاندا، رۇكۇغا ئېگىلگەندە، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى.» (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ بۇلۇغۇلمەرام 272-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئەبۇ ھۇمەيدتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز باشلىغاندا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ، ئاندىن («ئاللاھۇ ئەكبەر») دەپ تەكبىر ئېيتقانلىقى بايان قىلىنغان. (ئىمام ئىبنى ھەجەر-بۇلۇغۇلمەرام 273-نومۇرلۇق ھەدىس) مۇھەددىس سەفىيۇۇراھمان مۇبارەكفۇرى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس نامازنى باشلىغاندا قوللارنى كۆتۈرگەندىن كېيىن («ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ) تەكبىر ئېيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بۇنىڭ ئەكسىدە («ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرگەنلىكى توغرۇلۇق) ھەدىسلەرمۇ بار. شۇ ۋەجىدىن، بۇ جەھەتتە ئىختىيارلىق بار. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىستە يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 117-بەت) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار.» (بۇخارى 595؛ 5549؛ 6705)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى