پەتىۋا كومېتىتى: ئىلىم ئېلىش پەرز

پەتىۋا كومېتىتى: ئىلىم ئېلىش پەرز

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات - پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 21030 – نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىكى 3- سوئال.

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: دىنىي جەھەتتە ئىلىمسىز كىشىلەردىن ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەر توغرىلىق ھېساب ئېلىنامدۇ؟ بۇنداق كىشىلەرگە ئىلىم ئېلىش ۋاجىبمۇ؟

جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ ئىلىمسىز ھالەتتە تۇرۇۋېرىشى دۇرۇس ئەمەس. ئۇلار ئۆز دىنىدىكى چوقۇم بىلمىسە بولمايدىغان ئىلىملەرنى ئۆگىنىشى ھەم ئالىملاردىن دىنىي ئىلىم ئېلىشى كېرەك. ئاللاھ (سۇبھانەھۇ تائالا) «بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار» دېگەن.
ئەگەر بىر ئادەمدە ئالىملاردىن دىنىي ئىلىملەرنى سوراش ۋە ئۆگىنىش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئىلىمسىز ھالىتىدە تۇرۇۋەرسە، ئۇ گۇناھكار بولىدۇ.
ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىزگە يار بولغاي! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە بولغاي!

پەتىۋا بەرگۈچىلەر: پەزىلەتلىك شەيخ بەكرى ئەبۇزەيىد، سالىھ ئەلفەۋزان.
ئابدۇلئەزىز ئىبن ئابدۇللاھ ئەل ئەلشەيخ.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟