ناماز ئوقۇۋاتقاندا شەيتان ۋەسۋەسە قىلسا قانداق قىلىمەن؟
ناماز ئوقۇۋاتقاندا شەيتان ۋەسۋەسە قىلسا
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 6355-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق
دېگەن:
نامازغا تۇرغان كىشى بارلىق دۇنياۋىي
ئوي-خىياللارنى كاللىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە بارلىق ئوي خىيالىنى
ئاللاھ تائالاھقا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. كىشى ئىچى تېشىنى پاك قىلىپ، نامازدا چىن
ئىخلاس بىلەن تۇرۇشى، نامازدىكى زىكىر ۋە ئوقۇاتقان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر
قىلىشى كېرەك. شەيتان ناماز ئوقۇغۇچىنى نامىزىدىن دىققىتىنى بۇراشقا كۈچەيدۇ.
(شۇنىڭ بىلەن كىشى نامىزىنى ئاللاھنى ئۇنۇتقان ھالدا ئوقۇيدۇ.) كىشى نامىزىدا
شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئورۇن بەرمەسلىكى، دىققىتىنى يىغىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى
كېرەك. ئەبى ئەئلا ئىبىن شۇخەير مۇنداق دەيدۇ:«ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: يا
رەسۇلۇللاھ، شەيتان كېلىپ مېنىڭ نامىزىم ۋە قىرائىتىمگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، دېدى.»
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى{ذاك شيطان يقال له
خنزب، فإذا أنت حسسته فتعوذ بالله منه واتفل عن يسارك ثلاثًا}:«ئۇ خەنزەب
ئىسىملىك شەيتاندۇر. ئۇنىڭ نامازدا سېنى ۋەسۋەسە قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلساڭ،
(‹ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەش شەيتاننىر رەجىيم›) دەپ ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاندىن پاناھ
تىلىگىن ۋە سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم قۇرۇق
تۈكۈرگىن.» (كېيىن) ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«مەن (رەسۇلۇللاھ
دېگەندەك) قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇ شەيتاننى مەندىن يىراق قىلدى.»( أخرجه أحمد 4 / 216،
ومسلم 4 / 1728 -1729، وعبد الرزاق 2 / 85، 499 برقم (2582، 4220) وابن أبي شيبة 7 /
419، 10 / 353، وابن السني في عمل اليوم والليلة ص 272
برقم (577).)
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە دۇئا ۋە سالاملار
بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچىلەر: ئەللامە
ئابدۇلئەزىزى ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛
ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.
Yorumlar
Yorum Gönder