ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇغاندا ئوقۇلىدىغان ئەۋزەل دۇئالار




 ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇغاندا ئوقۇلىدىغان ئەۋزەل دۇئالار
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇد دۇئاسىنى قانداق ئوقۇشنى ساھابىلىرىگە ئۆگەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:«ئاندىن سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزى ياخشى كۆرگەندىن دۇئالار بىلەن ئاللاھقا دۇئا قىلسۇن.» (ئەبۇ داۋۇد 825) يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېگەن:«ئاندىن كىشى خالىغان دۇئا بىلەن ئاللاھقا دۇئا قىلسا بولىدۇ.» (مۇسلىم 609) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككىنچى تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى:
 « اللهم إني أعوذ بك من عذاب جهنم ومن عذاب القبر ومن فتنة المحيا والممات ومن فتنة المسيح الدجال.»[صحيح البخاري الجنائز (1377) ، صحيح مسلم المساجد ومواضع الصلاة (588) ، سنن الترمذي الدعوات (3604) ، سنن النسائي الاستعاذة (5506) ، سنن أبو داود الصلاة (983) ، سنن ابن ماجه إقامة الصلاة والسنة فيها (909) ، مسند أحمد بن حنبل (2/523) ، سنن الدارمي الصلاة (1344).] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاخىرقى تەشەھھۇدتىكى دۇئا توغرىسىدا مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن:« يا معاذ إني لأحبك فلا تدعنَّ أن تقول دبر كل صلاة اللهم أعني على ذكرك وشكرك وحسن عبادتك»«ئى مۇئاز، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭىلاشقا، ھەر-بىر نامازنىڭ ئاخىرىدا ‹ اللهم أعني على ذكرك وشكرك وحسن عبادتك › (ئاللاھۈممە ئەئىننىي ئەلا زىكرىكە ۋە شۇكرۇكە ۋە ھۇسنى ئىبادەتىكە) دېيىشنى ئۇنۇتما.»[رواه النسائي في السهو برقم ( 1286 ) ، وأبو داود في الصلاة برقم ( 1301 )]
مۇنۇ دۇئانى ئوقۇشمۇ مۇستەھەب. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ماڭا نامىزىمدا ئوقۇشۇم ئۈچۈن دۇئا ئۆگىتىپ قويغان بولسىلا» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: « ‹اللهم إني ظلمت نفسي ظلمًا كثيرًا ولا يغفر الذنوب إلا أنت فاغفر لي مغفرة من عندك وارحمني إنك أنت الغفور الرحيم›
دېگىن» [صحيح البخاري الأذان (834) ، صحيح مسلم الذكر والدعاء والتوبة والاستغفار (2705) ، سنن الترمذي الدعوات (3531) ، سنن النسائي السهو (1302) ، سنن ابن ماجه الدعاء (3835) ، مسند أحمد بن حنبل (1/4).]

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى