«مەن ئىبنى ئۇسەيمىن» دېمىدى
«مەن ئىبنى ئۇسەيمىن» دېمىدى
تەخمىنەن 1996-
يىلى بىلەن 1998- يىلنىڭ ئارىسىدىكى بىر كۈنى ئىدى، مەسجىدۇلھەرەمدا بامدات
نامىزىنى ساقلاپ بىرىنجى سەپتە ئولتۇراتتىم. ئوڭ تەرىپىمدە بىرىنجى سەپتىكى ئۆلىمالار
ئۈچۈن تەييارلانغان ئورۇندا باشقىلارنىڭ ئولتۇرىۋىلىشنى توسۇش ئۈچۈن 4 ساقچى ئۆرە
تۇراتتى. شۇ ئاندا چاچ-ساقاللىرى ئاقارغان ۋە ئاددى-ساددا كىيىنگەن ئىگىز بويلۇق
بىر مويسىپىت كىشى كىلىپ بىرىنجى سەپكە بېرىش ئۈچۈن ساقچىلارنى كىسىپ ئۆتمەكچى
بولىۋىدى، ساقچىلار ئۇ كىشىنى توسۇۋالدى. ئۇ كىشى كەئبىنى بىر قېتىم تاۋاپ قىلىۋېتىپ
كېلىپ، سەپكە كىرىشكە يەنە ئۇرۇنىۋىدى ساقچى يەنە توسۇۋالغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم
ئايلىنىشقا باشلىدى. مەن ئۇ كىشىنى كۆزىتىپ ئولتۇرغان ئىدىم، شۇ ئەسنادا مويسىپىت
كىشى ساقچىلارنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ بىرىنجى سەپكە بېرىۋالدى. يېنىمدىكى
ساقچى ئۇ مويسىپىتقا ئارقىدىن كايىشقا باشلىدى، لېكىن ئۇ كىشى ساقچىنىڭ
كايىشلىرىغا پەرۋا قىلماستىن، بىرىنجى سەپكە بېرىپلا بامداتنىڭ سۈننىتىگە تۇرۇۋالدى.
ساقچى مويسىپىتقا قاتتىق ئاچچىقلانغان ھالەتتە ناماز ئوقۇپ بولغانغا قەدەر بېشىدا
قاراپ تۇرۇپ، سالام بەرگەندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرىشىنى ئىشارەت قىلىپ دولىسىغا نوقۇۋىدى،
مويسىپىت كىشى: نىمە بولدى؟ دىدى. ساقچى: بۇ ئورۇن شەيخ، ئۆلىمالارغا خاس، ئارقىڭغا
قايت! دېدى. مويسىپىت كىشى:
ـــ شەيىخلەر
نامازغا بالدۇر كەلمىسە، مىنىڭ نىمە ئىشىم! دېدى.
ساقچى
ئاچچىقلىنىپ، مويسىپىت كىشىگە قوپال مۇئامىلە قىلىپ قويماسلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشقا
ئارىلىشىپ ساقچىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ قېشىمغا كىلىشىگە ئىشارەت قىلدىم، قېشىمغا كىلىۋىدى،
قۇلىقىغا پىچىرلاپ: ئۇ مويسىپىت كىشىنىڭ ئەللامە فەقىھ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى
ئۇسەيمىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم.
ساقچى دەرھاللا
شەيخنىڭ پىشانىسىغا سۆيۈپ ئۆزە سوراشقا باشلىۋىدى. شەيخ ماڭا "نىمىشقا دەپ
قويىسىز" دېگەن مەنىدە قاراپ قويدى. شۇ ۋاقىتتا نامازغا تەكبىر ئىيتىلىۋىدى،
شەيخ سەئىد شۇرەيىم كېلىپ، ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ بىرىنجى سەپتە تۇرغانلىقىنى
كۆرۈپ ناماز ئوقۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىۋىدى، ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن (كىچىك پېئىللىقلىقىدىن)
ئۇنىماي تۇرۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن شەيخ سەئىد شۇرەيىم ناماز ئوقۇپ بەردى.
ئى ئاللاھ! شەيخ
ئىبنى ئۇسەيمىنگە رەھمەت قىلسلا!
ئەسلى ئەرەبچە
مەنبەسى:
https://www.instagram.com/p/BMFGwvSBMy_/
[/size]
Yorumlar
Yorum Gönder