اللە زادى نەدە؟


 
اللە زادى نەدە؟

ئاپتورى: سايرام

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ھەققىدە بەزىلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن قېرىنداشلارنىڭ قايمۇقۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىپ بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم..ھەممەيلەنگە مەلۇمكى دىنىمىزنىڭ مەنبەسى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردۇر.بۇ ئىككىسىگە ئېسىلغان ئادەم مەڭگۈ ئازمايدۇ…شۇڭا اللەتەئالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىگەن.
«ئى مۇئمىنلار،اللەغا ئىتائەت قىلىڭلار،پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار ۋە ئۆزەڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە( ئىتائەت قىلىڭلار)؛ ئەگەر سىلەر بىرەر نەرسىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلاربۇ توغرىدا اللەغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار،ئەگەر سىلەر اللەغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقى)ئىشىنىدىغان بولساڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر،نەتىجە ئىتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر» سۈرە نىسا 59-ئايەت.
ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم يۇقارقى ئايەتتىكى بۇيرۇق بويىچە ھەرقانداق بىر مەسىلىنى ئايرىش ئۈچۈن چوقۇم قۇرئان كەرىمگە ۋە سەھىھ ھەدىسكە مۇراجىئەت قىلىشى،بۇنىڭغا قارشى كىلىدىغان ھەرقانداق كىتاپ ۋە ھەرقانداق ئادەمنىڭ سۆزىنى ئىككىلەنمەي رەت قىلالىشى كىرەك…بولمىسا ئۆزىنىڭ ئىمانىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى لازىم.
تۆۋەندە اللەنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەت – ھەدىسلەر ۋە سەلەف سالىھلىرىمىزنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ قايمۇقۇپ قالغان قېرىنداشلارغا دىنىمىزنىڭ توغرا ئەقىدىسىنى يەتكۈزىمىز….
1-اللەتەئالا ئۆزىنىڭ قەيەردىلىكىنى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىدۇ. « مەرھەمەتلىك اللە ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى…»
مۇشۇ مەزمۇندىكى ئايەت قۇرئان كەرىمنىڭ 6 يېرىدە ئوخشاش سۆز بىلەن سۆزلىنىدۇ.
ئۇلار سۈرە ئەئراف54- ئايەت ،سۈرە يونۇس 3-ئايەت، سۈرە رەئد 2-ئايەت، سۈرە تاھا 5-ئايەت،سۈرە فۇرقان 59-ئايەت،سۈرە سەجدە 4-ئايەت.
ئەمدى يۇقارقى ئايەتتىكى قارار ئېلىشنىڭ مەنىسى توغرىسىدا«تەپسىرئىبن كەسىر»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە قاراپ باقايلى..
«اللە تەئالانىڭ ئەرش ئۈستىدە قارار ئالغانلىقى ھەققىدە ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇنلىغان ئىختىلاپلار بار..لىكىن بىز بۇيەردە ئۇ ئىختىلاپلارنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمايمىز،بەلكى بىز بۇ ھەقتە ئىمام مالىك،ئەۋزائى،سەۋرى،لەيس ئىبن سەئدى،شافىئى،ئەھمەد،ئىسھاق ئىبن راھىۋەيھ….. قاتارلىق سەلەف ئالىملىرىمىزنىڭ تۇتقان يولىنى تۇتىمىز،ئۇ بولسىمۇ اللەتائالانىڭ ئەرش ئۈستىدە قارار ئېلىشى،اللەتەئالانىڭ قولى،ياكى اللەتەئالا كىلىدۇ ….دىگەندەك ئايەتلەرنى چۈشىنىشتە ئۇ سۈپەتلەرنى ئىنسانلاردا بولىدىغان كەيپىياتلارغا ئوخشىتىۋالماستىن ،شۇنداقلا ئوخشاتماسلىق كىرەك دەپ ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى باشقا مەنىگە ئۆزگەرتىۋەتمەستىن( مەسىلەن اللەتەئالانىڭ قولى دىگەن ئايەتنى اللەنىڭ قۇدرىتى دەپ تەرجىمە قىلماستىن ) پەقەت اللەتەئالانىڭ ئۆز زاتىغا لايىق بولغان رەۋىشتە دەپ چۈشىنىش يولىدۇر…
سۈرە تاھانىڭ 5-ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق يېزىلغان.
مىھرىبان اللە ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى…
بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە سەلەف ئالىملىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى ئەڭ توغرىدۇر…. (4-توم48-بەتكە قاراڭ)
2. اللەتەئالا يەنە مۇنداق دىگەن «ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋىتىشىدىن قورقمامسىلەر؟ …(سۈرە مۇلك 16-ئايەت)
3-يەنە مۇنداق دىگەن «ياخشى سۆز اللەنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ…..»(سۈرە فاتىر 10-ئايەت.)
4-يەنە مۇنداق دىگەن« پەرىشتەلەر ۋە روھ (جىبرىئىل) اللە تەرەپكە ئۆرلەيدۇ….»(سۈرە مەئارىج 4-ئايەت)
مانا بۇ ئىككى ئايەتتىكى ئۆرلەيدۇ دىگەن سۆز نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئېنىقكى بۇ سۆز اللەتەئالانىڭ ئۈستىمىزدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ..
يەنە اللەتەئالا مۇنداق دىگەن«ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى ھايۋاناتلار،پەرىشتىلەر اللەغا سەجدە قىلىدۇ،ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ (اللەغا سەجدە قىلىشتىن )باش تارتمايدۇ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ…..(سۈرە نەھل 50-ئايەت.) .
يەنە اللەتەئالا مۇنداق دىگەن«..بەلكى اللە ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىسائەلەيھىسسالامنى اللە ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى) …(سۈرە نىسا 158-ئايەت)
قۇرئان كەرىمدە اللەتەئالانىڭ ئاسماندا،ئەرشنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرخىل ئىبارىلەر بولۇپ ھەممىسىنى سۆزلىسەك تىما ئۇزۇراپ كىتىدۇ..يۇقارقىلار ئىمانى ساغلام كىشىلەرگە يىتەرلىك دەلىل بولالايدۇ…تۆۋەندە بۇ مەزمۇندىكى سەھىھ ھەدىسلەردىن بىرقانچىنى كەلتۈرىمىز.
5.رەسۇلۇللا مۇنداق دىدى: اللەتەئالا خەلقنى يارىتىشتىن بۇرۇن « مىنىڭ رەھمىتىم غەزىپىمنى بېسىپ چۈشىدۇ» دەپ بىر خەت يازغان.بۇ خەت اللەنىڭ يېنىدا،ئەرشنىڭ ئۈستىدە يېزىقلىقتۇر…(1)
مانا بۇ ھەم سەھىھ ھەم شۇنچە ئوچۇق ئىبارە بولۇپ كىچىك بالىلارمۇ بۇنى چۈشىنىدۇ…
6-مۇئاۋىيە ئىبن ھەكەم رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:…..مىنىڭ بىر دىدىكىم بار ئىدى،ئۇ ئوھۇد ۋە جەۋانىيە تەرەپتە قوي باقاتتى، بىر كۈنى قارىسام بىر بۆرە قويلىرىمدىن بىرنى ئەپقاچتى،مەنمۇ ئادەم بولغاچقا بۇنىڭغا ئاچچىغىم كىلىپ ئۇنىڭ كاچىتىغا ئۇردۇم، كىيىن بۇ قىلمىشىمدىن قورقۇپ رەسۇلۇللانىڭ قېشىغا كىلىپ «ئى رەسۇلۇللا، ئۇنى ئازات قىلىۋىتەيمىكىن؟»دىدىم،رەسۇلۇللا «ئۇ دىدەكنى مىنىڭ قېشىمغا ئەپكەل» دىدى.مەن ئەپكەلدىم،رەسۇلۇللا ئۇنىڭغا «اللە نەدە؟»دىدى،ئۇ «ئاسماندا »دەپ جاۋاپ بەردى،رەسۇلۇللا «مەن كىم؟»دىۋىدى،ئۇ «سەن اللەنىڭ پەيغەمبىرى»دىدى..ئاندىن رەسۇلۇللا «ئۇنى ئازات قىلىۋەت،ئۇ مۇئمىنكەن»دىدى….(2)
(ئۇنداقتا« اللە- ئاسماندا ئەمەس» دىگەن ئادەمنى نىمە دىسەك بولار؟؟؟؟؟؟)
7-ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن: رەببىمىز تەبارەك ۋەتائالا ھەر كىچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشىدۇ،ئاندىن «كىم ماڭا دۇئا قىلىدۇ؟،مەن ئىجابەت قىلىمەن،كىم مەندىن سورايدۇ؟،ئۇنىڭغا بىرىمەن،كىم مەندىن مەغفىرەت تىلەيدۇ؟،ئۇنى مەغفىرەت قىلىمەن» دەيدۇ . (3)
8-رەسۇلۇللا مۇنداق دىدى: مەن ئاسماندىكى زاتنىڭ ئىشەنچلىك كىشىسى تۇرسام سىلەر ماڭا ئىشەنمەمسىلەر؟ ماڭا ئاسماننىڭ خەۋىرى ئەتىگەن-كەچتە كىلىپ تۇرىدۇ.(4)
9- رەسۇلۇللا مۇنداق دىدى«زىمىندىكى كىشىلەرگە رەھىم قىلىڭلار،ئاسماندىكى زات سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ.».(5)
10-يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خوشلىشىش ھەججىدە خۇتبە ئوقۇپ بولۇپ ساھابىلارغا : مەن يەتكۈزدۈممۇ؟ دىگەندە ئۇلار ؛شۇنداق ؛دىدى.رەسۇلۇللا بارمىقىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ۋە كىشىلەرگە قارىتىپ «ئى اللە گۇۋاھ بولغىن؛دىدى…(6)
يۇقارقى ھەدىسلەر اللەنىڭ ئۈستىمىزدە ئىكەنلىكىنى شۇنچە ئوچۇق ئىسپاتلايدۇ..
.11- رەسۇلۇللا مۇنداق دىدى: ….(ئى اللە! ) سەن ئۈستۈندۇرسەن،سىنىڭ ئۈستۈڭدە ھىچنەرسە يوقتۇر…..(7)
مىئراج ھەققىدىكى ھەدىسلەردىمۇ اللەتەئالانىڭ پەيغەمبىرىمىزنى ھەرقايسى ئاسمانلاردىن ئۆتكۈزۈپ ئۈستىگە ئاچىقىپ ئاندىن ئۇنىڭغا بىۋاستە گەپ قىلىپ بەش ۋاقىت نامازنى پەرز قىلغانلىقى ھەققىدىكى مەشھۇر ھەدىسلەر پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا قۇياشتىنمۇ ئايدىڭ…
بۇنداق مەزمۇندىكى سەھىھ ھەدىسلەر نۇرغۇن بولۇپ يۇقارقىلار ئىمانى ساغلام كىشى ئۈچۈن يىتەرلىك…تۆۋەندە ساھابىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىمىز.
ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دىگەن«كىمكى اللەغا ئىبادەت قىلىدىكەن،اللە -ئاسماندا ھايات،ئۇ -ئۆلمەيدۇ» (8)
….رەسۇلۇللانىڭ ئايالى زەينەپ رەزىيەللاھۇئەنھا رەسۇلۇللانىڭ باشقا ئاياللىرىغا ماختىنىپ مۇنداق دەيتتى«سىلەرنى ئائىلىلىرىڭلاردىكىلەر ياتلىق قىلدى،مىنى بولسا اللەتەئالا يەتتە ئاسماننىڭ ئۈستىدىن(رەسۇلۇللاغا) ياتلىق قىلدى…(9)
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ« ھەممە نەرسىنى تەپەككۇر قىلىڭلار،اللەنى تەپەككۇر قىلماڭلار،يەتتىنچى ئاسمان بىلەن كۇرسىنىڭ ئارىسى يەتتە مىڭ يىللىقتۇر،اللەتەئالا ئۇنىڭمۇ ئۈستىدىدۇر…(10)
ئەمدى سەلەف ئالىملىرىمىزنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك يەكۈنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز…..
12-ئىمام ئەۋزائى مۇنداق دىگەن: بىز ۋە بارلىق تابىئىنلار دەيمىزكى اللەتەئالا ئەرشنىڭ ئۈستىدىدۇر،اللەدۇنيا ئاسمىنىغا قانداق خالىساشۇنداق چۈشىدۇ.(11)
13- ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە مۇنداق دىگەن: كىمكى رەببىم ئاسماندىمۇ ياكى زىمىندىمۇ بىلمەيمەن دىسە كافىر بولىدۇ،چۈنكى اللەتەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مىھرىبان اللە ئەرش ئۈستىدە(ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى».اللەنىڭ ئەرشى يەتتە ئاسماننىڭ ئۈستىدىدۇر.ناۋادا بىركىم « اللە ئەرشنىڭ ئۈستىدە،لىكىن ئەرش ئاسماندىمۇ ياكى زىمىندىمۇ بىلمەيمەن» دىسە ھەم كافىر بولىدۇ..چۈنكى ئۇ ئەرشنىڭ ئاسماندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ…دىمەك قانداق ئادەم ئاللانىڭ ئاسماندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلسا كافىر بولىدۇ،چۈنكى اللە -ئۈستىنىڭ ئۈستىدىدۇر.(يەنى ھەممىنىڭ ئۈستىدىدۇر)اللەنى ئۈستىمىزدە دەپ دۇئا قىلىنىدۇ،ئاستى تەرەپتە دەپ دۇئا قىلىنمايدۇ… … (12)
ئۆزىنى «ھەنەفى»دەپ دەۋا قىلىدىغان ساختا «ھەنەفىلەر» اللەدىن قورقۇپ كاللىسىنى سىلكىۋىتىشى ھەمدە باشقىلارنى قايمۇقتۇرماسلىقى كىرەك….
ئەگەر اللە ئۈستىمىزدە دەيدىغان ئادەملەر مۇشەببىھە (اللەنى مەخلۇقلارغا ئوخشاتقۇچى) بولۇپ كافىر بوپكىتىدىغان بولسا ئىمام ئەزەم كافىر بولىدۇ…(كىمنىڭ كافىر ئىكەنلىكىنى ئەقلى بار ئادەم بىلەلەيدۇ….)
14-ئىمام ئابدۇللائىبن مۇبارەك مۇنداق دەيدۇ؛ بىز رەببىمىزنى ئەرش ئۈستىدە قارار ئالغان،خەلقتىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ دەپ تونۇيمىز،«جەھمىييە»لەردەك « اللە بۇ يەردە دىمەيمىز» دەپ زىمىنغا ئىشارەت قىلدى »(13)
15-بىرەيلەن ئىمام مالىكتىن « اللە ئەرش ئۈستىدە قانداق قارار ئالغان؟» دەپ سورىغاندا ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن« قارار ئالغانلىقى- ئېنىق،قانداقلىقى- نامەلۇم،بۇنىڭغا ئىشىنىش- پەرز، قانداق؟ دەپ سوراش -بىدئەت، ماۋۇ بىدئەتچىنى چىقىرىۋىتىڭلار…. (14)
16- ئىمام شافىئى مۇنداق دىگەن« اللەتەئالا ئاسماندا، ئەرشنىڭ ئۈستىدە،مەخلۇقلارغا قانداق خالىسا يېقىنلىشىدۇ،ھەمدە اللە دۇنيا ئاسمىنىغا قانداق خالىسا شۇنداق چۈشىدۇ. (15)
17- داڭلىق مۇھەددىس ئىمام ئىبن خۇزەيمە مۇنداق دىگەن« كىمكى اللەنىڭ ئاسمانلارنىڭ ئۈستىدە، ئەرشنىڭ ئۈستىدە قارار ئالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلمىسا ئۇ كافىر بولۇپ قېنى ھالال بولىدۇ،ئەگەر توۋا قىلمىسا كاللىسى ئېلىنىدۇ،ھەمدە ئۇنىڭ جەسىدىنىڭ سېسىق پۇراپ مۇسۇلمانلارغا ۋە ئامانلىق بىلەن تۇرۇۋاتقان غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئازار يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھاجەتخانىغا تاشلىۋىتىلىدۇ.ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئولجا قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭ مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ،چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيىتقاندەك مۇسۇلمان كافىرغا ،كافىر مۇسۇلمانغا ۋارىس بولالمايدۇ.» (16)
18-ئىمام ئىسھاق ئىبن راھىۋەيھ مۇنداق دەيدۇ: ئەمىر ئابدۇللائىبن تاھىر ماڭا مۇنداق دىدى.ئى ئەبۇيەئقۇب،«رەببىمىز ھەر كىچىسى دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشىدۇ» دەپ ھەدىس رىۋايەت قىلىدىكەنسەن،ئۇنداقتا قانداق چۈشىدۇ؟
مەن دىدىم: اللە سىلىنى ئەزىز قىلسۇن،رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىغا قانداق؟ دەپ سوئال قويۇلمايدۇ، پەقەت « چۈشىدۇ» لا دەيمىز،ئانداق،ياكى مۇنداق دىمەيمىز دەپ جاۋاپ بەردىم… (17)
19-فۇزەيل ئىبن ئىياز مۇنداق دىگەن: ئەگەر بىرەر «جەھمى(بىدئەتچى)» كىلىپ « بىز -چۈشىدىغان خۇداغا ئىشەنمەيمىز» دىسە ئۇنىڭغا « مەن خالىغىنىنى قىلىدىغان خۇداغا ئىشىنىمەن» دەپ جاۋاپ بەر…. (18)
20-ۋەلىدئىبن مۇسلىم مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەۋزائى،سۇفيان،ۋە ئىمام مالىك قاتارلىقلاردىن اللەنىڭ سۈپەتلىرى ۋە مۇئمىنلارنىڭ جەننەتتە اللەنى كۆرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر ھەققىدە سورىسام ئۇلار بىردەك « بۇ ھەدىسلەرنى شۇ پىتى چۈشىنىڭلار،قانداق دەپ سورىماڭلار»دەپ جاۋاپ بەردى…. (19)
شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىييە مۇنداق دىگەن«مەيلى اللەنىڭ كالامى بولسۇن،ياكى رەسۇلۇللانىڭ ھەدىسلىرى بولسۇن ۋە ياكى تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسىدا مەيلى ئوچۇق ھالدا ياكى تاشقى كۆرۈنۈشتە بولسۇن اللە ئاسماندا ئەمەس،ياكى اللە ئەرشتە ئەمەس دەيدىغان گەپ يوق.بەلكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سۆزلىرى اللەنىڭ ھەممە نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە بىرلىككە كىلىدۇ..(ئەقىدە ۋاستىييە شەرھى 179-بەت)
قەلبى ساغلام مۇسۇلمان ئۈچۈن يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بىرسى بولسا كۇپايە قىلىدۇ..ئەمما ئاغزىنىڭ ئۇچىدا قۇرئان ھەدىسكە ئەگىشىمىز دەپ جار سالغان بىلەن ئەمىلىيەتتە ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە،ئۆزى چوڭ بىلىدىغان ئاتالمىش «شاھانە ئەسەرلەر» گە ۋە ئاتالمىش ئىمام -موللىلىرىغا ئەگىشىدىغان،ئۇلارنى خۇدا بىلىپ، زۆرۈر بولسا ئۇلار ئۈچۈن قۇرئان ۋەھەدىسنىمۇ چۆرۈپ تاشلايدىغان مۇتەئەسسىپلەر شۇنچىۋالا دەلىل تۇرسىمۇ قايىل بولماي يەنىلا ئاتالمىش ئۇستازلىرىدىن سورايدۇ..چۈنكى ئۇلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن قۇرئان –ھەدىسكە ئەگىشىش نىيىتى يوق.شۇڭا ئۇنداقلارغا يۈز مىڭلىغان دەلىل-ئىسپاتمۇ كار قىلمايدۇ.. ..ھىدايەت دىگەننى اللە ئۆزى خالىغان كىشىگە بىرىدۇ….
ئەمدى شۇنچە ئېنىق ھەم ئىشەنچلىك دەلىل –ئىسپاتلار تۇرسىمۇ نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە ئوچۇقتىن ئوچۇق قارشى گەپلەر چىقىپ تۇرىدۇ؟ دىگەن مەسىلىگە كەلسەك ئەسلىدە ساغلام مۇسۇلمانلارغا قۇرئان –ھەدىستىكى تەبىئى ھەم ساغلام ئەقىدە كۇپايە قىلاتتى.شۇڭا سەلەف سالىھلىرىمىز ئارىسىدا ئۇنداق زىددىيەتلەر بولمىغان..ئەمما قاچانكى ئىسلام دۇنياسىغا يۇناننىڭ پەلسەپىلىرى،سوقرات،ئەپلاتون،ئارستوتىل قاتارلىقلارنىڭ ئەقلى نەزىرىيەلىرى ئېقىپ كىردى. شۇنىڭدىن باشلاپ شۇنچە ساغلام بولغان ئىسلام ئەقىدىسى بۇلغىنىشقا باشلىدى…ئەقلى يەكۈنلەرنى ھەممىدىن چوڭ بىلىدىغان بۇ پەلسەپە دىنىمىزنىڭ ئەقىدىسى،بولۇپمۇ اللەنىڭ ئىسىم –سۈپەتلىرى ساھەسىگىمۇ بۆسۈپ كىردى…شۇنىڭ بىلەن قۇرئان –ھەدىس ۋە سەلەف سالىھلىرىمىزنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى تاشلاپ اللەنى ئۆزىنىڭ كەمتۈك ئەقىللىرى بىلەن خالىغانچە تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بىر قىسىم ئادەملەر شۇنچە ساغلام ئىسلام ئەقىدىسىنى لېيىتىپ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇشقا باشلىدى..مەسىلەن ؛ قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە اللەتەئالانىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە يۇقارقىدەك شۇنچە ئىشەنچلىك ۋە چۈشىنىشلىك دەلىل-ئىسپاتلار پولاتتەك تۇرسىمۇ ھەمدە سەلەف ئالىملىرىمىز شۇنچە ساغلام چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ لىكىن ئۇلار بۇنىڭغا قانائەت قىلماي اللەنى ئاسماندا،ئەرشتە دىسەك اللەنىڭ بىرەر ماكانغا ھاجىتى چۈشكەن بولۇپ قالىدۇ،ھالبۇكى اللەتەئالا ھەممىدىن بۇرۇن بار ئىدى دەپ ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ئەقىللىرى بويىچە ئەقىدە ياساپ چىقتى..بەزىلىرى اللە ھەممە يەردە بار دىسە يەنە بەزىلىرى اللە ئۈستىدىمۇ ئەمەس،ئاستىدىمۇ ئەمەس،ئوڭدىمۇ ئەمەس،سولدىمۇ ئەمەس،ئوتتۇرىدىمۇ ئەمەس،ئالەمنىڭ ئىچىدىمۇ ئەمەس،ئالەمنىڭ سىرتىدىمۇ ئەمەس …دەيدىغان ئەپسانە گەپلەرنى پەيدا قىلدى.شۇنداق قىلىپ خۇددى ئاتا-ئانىسىنى بىلمەيدىغان توك چۈجىسىدەك ياراتقۇچىسىنى توغرا تونۇيالمايدىغان مۇسۇلمانلار ئاۋۇشقا باشلىدى.ساغلام ئىتىقات تەربىيىسىنى قوبۇل قىلمىغانلار بۇنداق گەپلەردىن گۇمانلانغۇسى بولسىمۇ لىكىن كافىر بولۇپ كىتىشتىن قورقۇپ ئۇنىڭغا رەددىيە بىرىشكە پىتىنالمايدۇ..چۈنكى باشقىلار ئۇنىڭغا «بۇ دىگەن ئىسلام ئەقىدىسى ،بۇنىڭغا قارشى چىقساڭ كافىر بولىسەن» دەپ تەھدىت سالىدۇ.سەلەفلىرىمىزنىڭ ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلىدىغانلارغا بولسا «مۇشەببىھە» يەنى اللەنى مەخلۇقلارغا ئوخشاتقۇچى كافىرلار دەپ قالپاق كەيدۈرىدۇ…شۇنىڭ بىلەن بىچارە مۇسۇلمانلار ئاشۇنداق ئىس-تۈتەك ۋە تۇمانلار ئىچىدە گاڭگىراپ ياشايدۇ….شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىييە « اللەنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار (مۇئەتتىلەلەر) ئەمىلىيەتتە يوق نەرسىگە ئىبادەت قىلىدۇ » دىگەندەك اللەنى يۇقارقىدەك چۈشەندۈرۈش- قىلچىلىك دەلىل –ئىسپاتسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە اللەنى ئىنكار قىلىدىغان دەھرىلەردىنمۇ ئۆتە ئاكتىپلىق بىلەن ئىنكار قىلغانلىقتۇر..ئەگەر يېڭىدىن مۇسۇلمان بولماقچى بولغان ئادەمگە اللەنى ئاشۇنداق تونۇشتۇرساق قەسەم قىلىپ دىيەلەيمىزكى ئۇ چوقۇم «مۇسۇلمانلارنىڭ خۇداسى ئەمىلىيەتتە يوق نەرسىكەنغۇ؟» دەپ مۇسۇلمان بولۇشتىن يالتىيىۋېلىشى تۇرغانلا گەپ…چۈنكى ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان نەرسىنىمۇ بۇنچە كۈچەپ تەسۋىرلەپ ئىنكار قىلىش كەتمەيدۇ… .مانا بۇ نەزىرىيەلەر (ئەمىلىيەتتە سەپسەتىلەر) ئىلمى كالام دەپ ئاتالدى…ھەتتا كالامچىلار ئىچىدە اللەنىڭ بارلىق سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، گەپ قىلىشىنى ئىنكار قىلىدىغانلار،اللەنىڭ بەندىلەرنى دوست تۇتۇشىنى ئىنكار قىلىدىغانلار،مۇئمىنلارنىڭ ئاخىرەتتە اللەنى كۆرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغانلار،قەبرە ئازابىنى ئىنكار قىلىدىغانلار مەيدانغا چىقتى.چۈنكى ئۇلار بۇ ھۆكۈملەرنى ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى.ھالبۇكى بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە قۇياشتەك ئېنىق پاكىتلار نۇرغۇن ئىدى…دىمەك ئۇلار مانا مۇشۇنداق ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىگە سىغدۇرالمىغانلىكى گەپنى قۇرئان ۋە ھەدىستە سۆزلەنگىنىگە قارىماي ئىنكار قىلىشتى ياكى بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلشتى..ئەقلىنى قۇرئانغا بويسۇندۇرۇشنى تاشلاپ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىگە بويسۇندۇرۇشتى.ئەقلىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى ھەر خىل پەتىۋالار ۋە بۇرمىلاشلار ئارقىلىق رەت قىلدى…بۇ ئىلىمغا بەزى ئالىملارئاشۇ كىشىلەرگە رەددىيە بىرىش مەقسىتىدە يەنە بەزىلەر ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىزىقىپ كىرىپ قېلىشتى…شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىمۇ سىزىپ سەزمەي بۇ پاتقاققا پېتىپ قېلىپ ئىسلام ئەقىدىسى ئېغىر بوھرانغا دۇچ كەلدى…سەلەف سالىھلىرىمىزنىڭ ساغلام ئەقىدىسى خىرەلەشتى…ئۇلارنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى…مەسىلەن:
ئىمام ئەزەمدىن مۇنداق سورالدى« كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەرەز ۋە جىسىم دىگەن گەپلەرگە قانداق قارايلا؟ ئۇ مۇنداق دىدى« بۇلار پەيلاسوفلارنىڭ گەپلىرى،سەن ئەسەرلەرنى(ھەدىسلەرنى) ۋە سەلەفلەرنىڭ يولىنى تۇت،يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان گەپلەردىن ھەزەر قىل.ئۇنداق نەرسىلەر بىدئەتتۇر… (20)
يەنە مۇنداق دىگەن« قۇرئان كەرىمدە دىيىلگەن ،رەسۇلۇللا تەشۋىق قىلغان،ساھابىلار ماڭغان يولدىن باشقىسى يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەردۇر…. (21)
ئىمام ئەبۇيۈسۈپ مۇنداق دىگەن« كىمكى ئىلمى كالام ئارقىلىق دىن ئىزدەيدىكەن ئۇ دىنسىز بولۇپ كىتىدۇ»
ئىلمى كالامنى بىلمەسلىك –ئالىملىقتۇر،ئۇنى بىلگەنلىك نادانلىقتۇر.. (22)
قانداق دىنسىز بولۇپ كەتكىنىنى يۇقارقى مىساللاردىن كۆرگىلى بولىدۇ…
ئىمام ئەھمەد مۇنداق دىگەن« ئىلمى كالام بىلەن ھەپىلەشكەن ئادەم مەڭگۈ ئوڭشالمايدۇ،كالام ئالىملىرى دىنسىزلاردۇر..» (23)
ئىمام شافىئى مۇنداق دىگەن«بىر ئادەمنىڭ كافىر بولىدىغان گۇناھتىن باشقا گۇناھلارغا مۇپتىلا بولۇپ قالغىنى ئىلمى كالامنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇغىنىدىن ياخشىراق،
ئۇيەنە مۇنداق دىگەن«كالام ئۆلىمالىرى ھەققىدە مەن شۇنداق ھۆكۈم قىلىمەنكى ئۇلارنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ «مانا بۇ قۇرئان ۋە ھەدىسنى تاشلاپ بىدئەتچىلەرنىڭ ئىشى بولغان ئىلمى كالام بىلەن مەشغۇل بولغاننىڭ جازاسى دەپ كوچىلاردا سازايى قىلىش كىرەك..مەن كالامچىلارنىڭ گەپلىرى ئىچىدە بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئاغزىدىن چىقىدۇ دەپ ئويلىمىغان گەپلەرنى ئاڭلىدىم.(24)
«ئەلفىقھۇلئەكبەر»گە شەرھى يازغان موللائەلى قارى يۇقارقى نەقىللەرنىڭ داۋامىدا مۇنداق دىگەن..
ناۋادا بىر ئادەم ئۆز شەھرىدىكى ئۆلىمالارغا مال-مۈلۈك ۋەسىيەت قىلغان بولسا كالام ئالىملىرى بۇ ۋەسىيەتتىكى ئۆلىمالار دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دەپ پەتىۋا كىتاپلىرىمىزدا يېزىلغان…يەنە بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىلىم كىتاپلىرىنى ۋەقپە قىلىۋەتكەن بولسا ئۇ كىتاپلارنىڭ ئىچىدىكى ئىلمى كالام كىتاپلىرى سېتىۋىتىلىدۇ.ۋەقپە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دەپ سەلەپلەر پەتىۋا بەرگەن…ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ..چۈنكى پەيغەمبەرگە ئەگەشمەي تۇرۇپ ئاساسلىق ئىلىمگە قانداق ئىرىشكىلى بولىدۇ…ئۇستازىمىز جەلالۇددىن سۇيۇتى مۇنداق دىگەن« مەنتىق دىگەندەك پەلسەپە كىتاپلىرىنى ئوقۇش -ھارام،سەلەپلىرىمىز ۋە مۆتىۋەرخەلەپلەردىن نۇرغۇنلىرى بۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن..ئىبن سالاھ،نەۋەۋى قاتارلىق سانسىز ئۆلىمالار بۇنى ئوچۇق ئىلان قىلغان..» شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان ھافىز سىراجۇددىن قۇزۋەينى پەلسەپىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە يازغان كىتابىدا غەززالىنىڭ دەسلەپتە پەلسەپىنى ماختىغانلىقىنى، كىيىن بۇ پىكرىدىن يېنىپ ئاخىرقى ئۆمرىدە ھارام دىگەن قاراشقا كەلگەنلىكىنى يازغان…سەپداشلىرىمىزدىن سەلەفى،مالىكىلاردىن ئىبن رۇشدى قاتارلىقلار پەلسەپە بىلەن مەشغۇل بولغۇچىنىڭ قىلغان رىۋايىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپ كىسىپ ئېيتقان….غەززالى ئۆزىنىڭ «ئىھيائۇلئۇلۇم»دىگەن كىتابىدا ئىمام شافىئى،ئىمام مالىك،ئىمام مۇھەممەد،ئىمام ئەھمەد،سۇفيان،ۋە بارلىق ھەدىس ئىماملىرى بولغان سەلەفلەرنىڭ ئۇنى ھارام دىگەنلىكىنى نەقىل قىلغان…
كاتتا ئۆلىمالاردىن ئەلى ئىبن مەدىنى،ئەبۇزۇرئە رازى،ئەبۇھاتەم رازى،ئىسھاق ئىبن ئىبراھىم،قاسىم ئىبن سالام،لەيس ئىبن سەئد،ئىمام مالىك،سۇفيان سەۋرى …قاتارلىق پىشىۋالارنىڭ ھەممىسى ئىلمى كالام بىلەن مەشغۇل بولۇشنى چەكلىگەن… (25)
كالامچى ئۆلىمالارنىڭ چوڭلىرىدىن بولغان ئەبۇلمەئالى جۇۋەينى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا توۋا قىلىپ مۇنداق دىگەن« دوستلار، ئىلمى كالام بىلەن مەشغۇل بولماڭلار،ئەگەر بۇنداق بولۇشىنى بۇرۇن بىلگەن بولسام ئىلمى كالام بىلەن مەشغۇل بولمىغان بولاتتىم… (26)
شۇنداقلا كالامچى ئۆلىمالارنىڭ كاتتىىلىرىدىن بولغان ئەبۇلھەسەن ئەشئەرى،ئەبۇھامىد مۇھەممەد غەززالى،فەخرۇددىن رازى،ئىككى ھەرەم ئىمامى ئەبۇلمەئالى جۇۋەينى قاتارلىقلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىلمى كالام بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان يىگەن ھەتتا«ئىسىت،مەن نىمىدەپ بۇ ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولغاندىمەن،ئەگەر اللە ماڭا رەھىم قىلمايدىغان بولسا مىنىڭ ئىشىم چاتاق»دەپ يىغلاپ ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن ۋە ئاخىرىدا سەلەفلەرنىڭ يولىغا قايتقان… (27)
قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە،سەلەف سالىھلىرىمىزنىڭ تۇتقان يوللىرىغا خىلاپ كىلىدىغان ئاشۇنداق سەپسەتىلەر ئەسلىدە ئىمام شافىئى ئېيتقاندەك قۇرئان ۋە ھەدىسنى تاشلاپ ئىلمى كالام بىلەن مەشغۇل بولغاننىڭ نەتىجىسى ئىدى..شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ھەتتا خېلى چوڭ ئاتالغان ئالىملارمۇ زادى قايسى ئەقىدىنىڭ توغرىلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ياشايدىغان بولۇپ كەتتى… ئەسلىدە قۇرئان –ھەدىسكە چىڭ ئېسلىش نىجاتلىق يولى ئىدى….بۇنى چۈشەندۈرۈپ
ئۆز دەۋرىدىكى ئۆلىمالارنىڭ پىشىۋاسى ئىمام زوھرى مۇنداق دىگەن« اللە چۈشەندۈرىدۇ،پەيغەمبەر يەتكۈزىدۇ،بىزلەر بولسا تەسلىم بولىمىز….»
يەنە ئىمام تەھاۋى مۇنداق دىگەن« ئىسلام دىنى پەقەت دەلىللەرگە تەسلىم بولۇش ئۈستىدە ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ… (28)
مانا بۇ ساغلام مۇسۇلماننىڭ ئۆمۈرلۈك يولى …..
شۇڭا دوستلارنىڭ قىلچىمۇ گاڭگىراپ قالماي يۇقارقى دەلىللەر ۋە سەلەف ئالىملىرىمىزنىڭ يولى بويىچە اللە ئاسماندا،ئەرشنىڭ ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالغان، ئۇ ھىچنىمىگە ئوخشىمايدۇ،ئۇنىڭ ھىچنىمىگە ھاجىتى يوق ،ھەر زامان ھەر بىر ئىشىمىزنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرىدۇ دەپ ئىتىقات قىلىشىنى ۋە ئەقىدىسىنى توغرىلىۋېلىشىنى تەكلىپ بىرىمىز..ناۋادا قۇرئان –ھەدىسكە قارشى مۇقام توۋلاپ اللە ئاسماندا ئەمەس دەپ سەپسەتە سېتىپ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرىدىغان ئادەمنى كۆرسىڭىز ئۇنىڭغا اللەتەئالانىڭ سۈرە مۇلكتىكى مۇنۇ ئايىتىنى ئوقۇپ بىرىڭ ۋە يەنىلا قايىل بولمىسا ئۇنداق چۈپرەندىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ قويۇڭ!
«ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋىتىشىدىن قورقمامسىلەر؟ … ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ قانداقلىقىنى پات يېقىندا بىلىسىلەر !!!!!!!!!!!

تەييارلىغۇچى : سايرام
===================================================
نەقىل مەنبەلىرى

(1)(بۇخارى 3194-7404-7422-7453-7553-7554-،مۇسلىم 2751-ئىبن ماجە 4295-،مۇسنەدئەھمەد 2242-258-260-293-358-381-397-433-466-ھەدىس..)
(2)سەھىھ مۇسلىم 537-،ئەبۇداۋۇد 930-،نەسەئى 313-19-،مۇسنەدئەھمەد 5447-،448-،ئىبن ئەبى شەيبە 1119-،20-،تەيالىسى 1105-،ئىبن ئەبى ئاسىم 489-،سۈنەن بەيھەقى 7387-، تەبەرانى كەبىر 19937-938-ھەدىس،بەيھەقى «ئىسىم ۋە سۈپەتلەر»422-، دارەمى «جەھمىييەلەرگە رەددىيە »21-بەت،… .
(3)بۇخارى 1094،-مۇسلىم 758-،،ئەبۇداۋۇد 1315-،لەلكائى 742-،ئاجۇررى 743-،ئىبن ھىببان 920-،بەيھەقى «سۈنەن كۇبرا» 32-،«ئىسىم ۋە سۈپەتلەر» 44-ھەدىس)
(4) بىرلىككە كىلىنگەن ھەدىس..بۇخارى 4351-،مۇسلىم 1064-ھەدىس
(5)ئەبۇداۋۇد 4941-،تىرمىزى 1350، مۇسنەدئەھمەد2160،ھۇمەيدى 591-،ئىبن ئەبى شەيبە «مۇسەننەف»8526،ھاكىم 4159-،بەيھەقى «شۇئەبۇلئىمان» 7476-،سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 925-ھەدىس.تىرمىزى،ھاكىم،زەھەبى،ئەلبانى قاتارلىقلار سەھىھ دىگەن)
(6) (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.1218-، ئەبۇداۋۇد 1905-1907-1908-1909-،نەسەئى 5143-144-،ئىبن ماجە 3074-ھەدىس)
(7) (سەھىھ مۇسلىم،2713-تىرمىزى 3397-ئەبۇداۋۇد 5051-مۇسنەدئەھمەد 2381-404-539-ھەدىس)
(8)(دارەمى «جەھمىييەلەرگە رەددىيە» دىگەن كىتابىدا سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان..)
(9)(بۇخارى 7420-،تىرمىزى3213-،نەسەئى 680-ھەدىس)
(10)(بەيھەقى «ئىسىم ۋە سۈپەتلەر»283-بەت.ھافىز ئىبن ھەجەر «فەتھۇلبارى»دا بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ياخشى دىگەن)
(11) (بەيھەقى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ئەسەر…فەتھۇلبارى)
(12) ئەقىدە تاھاۋىيە شەرھىسى 289-بەت.زەھەبى.مۇختەسەرئۇلۇۋ 118-بەت.
(13) (سەھىھ ئەسەر. ئابدۇللا ئىبن ئەھمەدنىڭ «سۈننەت» 1111-بەت،ئىمام بۇخارىنىڭ « بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ يارىتىلىشى »دىگەن كىتابى 8-بەت،دارەمىنىڭ «جەھمىييەلەرگە رەددىيە»دىگەن كىتابى،23-بەت،شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىييە «ئەلھەمەۋىييە»دىگەن كىتابىدا بۇ ئەسەرنى سەھىھ دىگەن،ئەللامەئىبنۇلقەييىم«ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ يىغىلىشى»دىگەن كىتابىنىڭ84-بەتتە « بۇ ئەسەر مۇتەۋاتىرلىققا يېقىن»دىگەن )
(14) (بەيھەقى رىۋايەت قىلغان.ئىسىم ۋە سۈپەتلەر 866-،دارەمى «جەھمىييەلەرگە رەددىيە»104-، لەلكائى 3398-،ئەبۇنۇئەيم «ھىليە»6235-بەت.ھافىز زەھەبى «ئۇلۇۋ» 104 -بەتتە بۇ ۋەقە ئىسپاتلىق دىگەن.ھافىز ئىبن ھەجەر «فەتھۇلبارى»13406-بەتتە ئىسنادى ياخشى دىگەن )
(15) (ھەكاۋى ئىمام شافىئىنىڭ ئەقىدىسى ھەققىدە )
(16) (ھاكىم «ھەدىس ئىلىملىرىنى تونۇش»84-بەت،ئىبن قۇدامە «اللەنىڭ ئۈستىمىزدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش»112-بەت، شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىييە «ئەلھەمەۋىييە» 339-بەتتە بۇ ئەسەرنى سەھىھ دىگەن)
(17) (سەھىھ ئەسەر .بەيھەقى «ئىسىم ۋە سۈپەتلەر» 953-)
(18) (سەھىھ ئەسەر.لەلكائى 3452-بەت)
(19) (سەھىھ ئەسەر،ئاجۇررى« شەرىئەت» 314-بەت.«دارقۇتنى» «سۈپەتلەر» 67-بەت،«لەلكائى»930-بەت،بەيھەقى «ئىسىم ۋە سۈپەتلەر» 955-بەت،«ئىتىقات» 118-بەت.)
(20) (ھەرەۋىنىڭ «ئىلمىكالامنى تەنقىتلەش ھەققىدە» . ئەبۇلمۇزەففەرسەمئانى «مەنتىقنى قوغداشقا رەددىيە 32-بەت،ئىبن قۇدامەنىڭ تەئۋىلگە تەنقىت،«بەدرۇلبەدر»33-بەت )
(21) (ناسىرى. چاقنىغان نۇر.68-81-بەت)
(22) ئەلفىقھۇلئەكبەرنىڭ شەرھىسى،موللائەلى قارى1 -بەت)
ئەھلىسۈننەت ئىتىقادىنى چۈشەندۈرۈش…ھافىز لەلكائى 1145-بەت)
(23) (يۇقارقى مەنبە83-بەت
) ئەلفىقھۇلئەكبەرنىڭ شەرھىسى،موللائەلى قارى.5-بەت)
(24) ئەلفىقھۇلئەكبەرنىڭ شەرھىسى،موللائەلى قارى.5-بەت
25)ئەلفىقھۇلئەكبەرنىڭ شەرھىسى،موللائەلى قارى.3-بەت.
ئىبنۇلجەۋزى. ئىبلىسنىڭ ئېزىتقۇلۇقلىرى.82-بەت
(26) (ئىبنۇلجەۋزى. ئىبلىسنىڭ ئېزىتقۇلۇقلىرى.85-بەت
دوكتۇر يۈسۈپ قەرداۋى.«سەلەف ۋە خەلەف ئەقىدىسى ھەققىدە بايانلار 140-بەت)
(27) يۇقارقى مەنبە.
(28) ئەقىدە تاھاۋىييە

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى