جۇنۇپ بولۇپ قېلىپ خىجىللىقتىن يۇيۇنماي، تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى
جۇنۇپ بولۇپ قېلىپ خىجىللىقتىن يۇيۇنماي، تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى
سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – پەتىۋا كومىتېتى تور بېتىدىكى
16356 – نومۇرلۇق پەتىۋا
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
2- سوئال: مەن نەچچە كۈن ئاۋۋال بىر ئىمام دوستۇمنىڭ
ئۆيىدە قونۇپ قالدىم. ئەتىسى ئەتىگەن بامداتقا ئەزان ئوقۇلغاندىن كېيىن ئۇ مېنى
ئويغاتتى. بۇ چاغدا نامازغا تۇرىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالغان بولغاچقا، جامائەت
ئۇنى ساقلاۋاتاتتى. ئەمما، مەن جۇنۇپ بولۇپ قالغانىدىم. ئەگەر غۇسۇل قىلماقچى
بولسام دوستۇمنىڭ مېنى ئايالى بىلەن يالغۇز قالدۇرۇپ، مەسجىدكە چىقىشى مۇمكىن
بولمايتتى. ئەگەر مەن غۇسۇل قىلىپ بولغۇچە مېنى ساقلاپ تۇرسا جامائەت ئۇزۇن ساقلاپ
كېتىشى، نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداقلا، مەن ئۇنىڭغا جۇنۇپ
بولۇپ قالغانلىقىمنى ئېيتىشتىن خىجىل بولدۇم ھەم ئۇنىڭغا تۇيدۇرمايلا تەيەممۇم
قىلىپ بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇدۇم. ئاندىن شۇ كۈنى پېشىن نامىزىدىن
ئاۋۋال غۇسۇل قىلدىم. قىلغىنىم توغرىمۇ؟ ئەگەر خاتا بولسا مەن ھازىر قانداق
قىلىشىم كېرەك؟
جاۋاب: (غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن) سۇ بار ئەھۋالدا بامدات
نامىزىنى تەيەممۇم بىلەن ئوقۇغىنىڭىز باتىل. شۇ نامازنى قايتا ئوقۇشىڭىز كېرەك.
يەنە كېلىپ، شۇ خىل ئەھۋالدىكى خىجىلچانلىقىڭىز ئىسلامدا تەرىپلىنىشكە ئەرزىيدىغان
خىجىلچانلىق ئەمەس.
ئاللاھتىن تەۋپىق تىلەيمىز. ئاللاھ
رەسۇلۇللاھقا، ئائىلىسىگە، ساھابىلىرىغا رەھمەتلەرنى ياغدۇرغاي.
پەتىۋا بەرگۈچىلەر:
باش مۇپتى: بىن باز.
مۇئاۋىن باش مۇپتى: ئاﺑﺪۇراززاق ئەفىفىي؛
ئەزا مۇپتىلار: بەكرى ئەبۇزەيىد، سالىھ فەۋزان،
ئابدۇلئەزىز ئەلشەيخ، ئابدۇللاھ ﺋﯩﺒﻨﻰ غۇدەييان.
Yorumlar
Yorum Gönder