سۈننەتكە ئۇيغۇن تالاق ۋە بىدئەت تالاقنىڭ ئېنىقلىمىسى
سۈننەتكە ئۇيغۇن تالاق ۋە بىدئەت تالاقنىڭ ئېنىقلىمىسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ
5940 – نومۇرلۇق پەتىۋاسى
جاۋاب: سۈننەتكە ئۇيغۇن تالاق دېگىنىمىز _____ ئايال
ھامىلدار ۋاقتىدا، ياكى (ئىككى قېتىملىق ھەيزدارلىق ئارىلىقىدىكى)
پاكلىق مەزگىلىدە ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ قىلىنغان
تالاقتۇر.
ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىدئەت تالاق دېگىنىمىز ______ بىر سۆز
بىلەن ئۈچ تالاق قىلىش (مەسىلەن، سېنى ئۈچ تالاق قىلدىم دېيىش)، ياكى ئايرىم –
ئايرىم سۆزلەر بىلەن بىر قېتىمدا ئۈچ تالاق قىلىش (مەسىلەن، سەن تالاق، سەن تالاق،
سەن تالاق دېيىش)، ياكى ئايال ھەيزدار، نىفاس (تۇغۇت قېنى كېلىۋاتقان مەزگىل)
ھالىتىدە، ياكى ئايال (ئىككى قېتىملىق ھەيزدارلىق ئارىلىقىدىكى) پاكلىق مەزگىلىدە
بولۇپ، شۇ قېتىملىق پاكلىق مەزگىلىدە ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلگەن
ئەھۋالدا قىلىنغان تالاقلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئاللاھتىن تەۋپىق تىلەيمىز، ئاللاھنىڭ رەھمىتى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە بولغاي.
پەتىۋا بەرگۈچىلەر:
ئىككى ھەرەم ئۇستازى، ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇللا
ئىبن قائۇد، ئابدۇرەززاق ئەفىفىي
Yorumlar
Yorum Gönder