ھەدىس: تاھارەتسىز ناماز دۇرۇس ئەمەس
تاھارەتسىز
ئوقۇلغان ناماز دۇرۇس ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«ئاللاھ تائالا تاھارەتسىز ئوقۇلغان نامازنى ۋە خىيانەت بىلەن توپلانغان
مالدىن بېرىلگەن سەدىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.» (نەسائىي 139؛ ئەلبانى ‹سەھىھ› دېگەن) پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەتتۇر. ئۇ
تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر، دېگەن) بىلەن باشلىنىپ، (ئىككى تەرەپكە ئەسسالامۇ
ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، دەپ) سالام قىلىش بىلەن ئاياقلىشىدۇ.» (ئابدۇررازاق 2539؛
ئىمام ئەھمەد 1\123؛ ئەبۇ داۋۇد 61؛ تىرمىزى 3؛ ئىبنى ماجە 275؛ دارىمىي 687؛ بەيھەقى
2\173؛ ئەبۇ نۇئەيم 8\372؛ ئەل خاتىب 10\117)
Yorumlar
Yorum Gönder