ھىجرەت ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ


ھىجرەت ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى»


سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ 121-نومۇرلۇق ھەدىسىدە ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ رەسۇلۇللاھقا بەيئەت بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى، ئەمما رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بەيئىتىنى ئالماقچى بولۇپ قولىنى چىقارغاندا ئەمر ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قولىنى تارتىۋالىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا «ساڭا نېمە بولدى، ئى ئەمر!» دېدى. ئەمر «بىر شەرتىم بار» دېدى. رەسۇلۇللاھ «نېمە شەرت ئۇ!» دېدى. ئەمر ئاس «مەغفىرەت قىلىنىشىم» دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇ چاغدا مۇنداق دېدى:
«ئىسلامغا كىرىشنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقىنى؛ ھىجرەتنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقىنى؛ ھەجنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟» (سەھىھۇل مۇسلىم 121-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ بىر قىسىمى؛ بۇ ھەدىس ياخشىلار باغچىسىنىڭ 711-نومۇرلۇق ھەدىسىدۇر)
پازىل ئۆلىما مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:
ئىسلامغا كىرىشنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى قۇرئان ئايىتى بىلەن سابىتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«كاپىرلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) ۋاز كەچسە (ۋە ئىسلامغا كىرسە) ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ. ئەگەر گۇناھقا قايتسا، ئۆتمۈشتىكى ئۈممەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بالا-قازا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىدۇر.» (ئەنفال سۈرىسى، 38-ئايەت)
ھىجرەتمۇ ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ. يەنى، مۇسۇلماننىڭ ياشاۋاتقان زېمىنى كۇفرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى زېمىن بولسا، شۇ زېمىننى تەرك ئېتىپ ھىجرەت قىلسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى سەۋەبلىك ئىلگىرىكى گۇناھلىرى يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 3-جىلد، 342-بەتلەر، 711-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىنىڭ بىر بۆلىكى)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى