رۇكۇدىن تۇرۇش سۈننىتى ھەققىدە تەپسىلىي بايان



ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى توغرىسىدىكى رىسالىسىنىڭ بىر بۆلىكى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى


     سمع الله لمن حمدە «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ رۇكۇدىن تۇرىدۇ، يەنى بېلىنى كۆتۈرۈپ تۈز ھالەتتە تۇرىدۇ. رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىماممۇ، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىمۇ، ياكى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچىمۇ ئوخشاشلا «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەيدۇ. رۇكۇدىن تۇرغاندا باشتا قوللىرىنى كۆتۈرگەندەك ئىككى قول ئىككى مۈرە ياكى قۇلاق يۇمشىقى باراۋىرىدە كۆتۈرلىدۇ. ئاندىن، باشتىگە ئوخشاش قوللار كۆكرەك ئۈستىگە قويۇلۇپ، ئوڭ قول بىلەن سول قولنىڭ بېغىشى قاماللىنىدۇ. ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن ئىككى قولنى ئىككى يانغا تاشلاپ تۇرامدۇ ياكى قىيامدا تۇرغان چاغدىكىدەك كۆكرىكى ئۈستىگە قويۇپ تۇرامدۇ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئىختىلاپ بار. ئەڭ توغرىسى ئىككى قولنى كۆكرەك ئۈستىگە قويۇشتۇر. چۈنكى، سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«بىز نامازدا ئوڭ قولىمىز بىلەن سول قولىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇلدۇق.»(ئەبۇ داۋۇد 759) بۇ ھالەتتە تۇرۇش سۈننەت. ناۋادا براۋ رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولىنى ئىككى يېنىغا ساڭگىلىتىپ تۇرسىمۇ ھېچگەپ يوق، ئەمما بۇ ھالەتتە تۇرۇش سۈننەت ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھالەتتە تۇرۇپ «ربنا ولك الحمد» (رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ) ياكى «ربنا لك الحمد» (رەببەنا لەكەل ھەمدۇ) ياكى «اللهم ربنا لك الحمد» (ئاللاھۇممە رەببەنا لەكەل ھەمدۇ) ۋە ياكى  «اللهم ربنا ولك الحمد» (ئاللاھۇممە رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ) دېيىلىدۇ. يۇقارقى تۆت خىل سانا شەكلىدىن قايسى بىرى دېيىلسە بولىدۇ. بىرلا قېتىم دېيىلىدۇ، ھەر بىرىنى بىر قېتىمدىن دەپ چىقىش كېرەك ئەمەس. تىلىڭىزغا قايسى قولاي كەلسە شۇنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ. كىشى رۇكۇدىن تۇرۇشتىكى ۋە رۇكۇدىن تۇرۇپ ئۆرە بولغاندىكى ھەرىكەتلىرىنى ئالدىراپ كەتمەستىن تەمكىنلىك بىلەن قىلىدۇ. رۇكۇدىن تۇرغاندىمۇ يۇقارقى سانالارنى ئالدىرىماستىن، ئىخلاس بىلەن ئوقۇيدۇ ۋە ئۆرە ھالىتىدە تىنىچ ۋە تەمكىن ھاللەتتە تۇرىدۇ. رۇكۇدىن تۇرۇش نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بولۇپ، بەزى كىشىلەر رۇكۇدىن تۇرا تۇرماستىن، سەجدىگە بېرىشقا ئالدىراپ كېتىدۇ، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى