پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىتابى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىتابى

دوكتور ئائىز ئەل قارنىينىڭ «كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى



    پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىتابى قۇرئاندۇر. ئۇ كىتابلارنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى، قەسەملەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغىدۇر. قىسسەلەر ۋە سۆزلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلىدۇر. ئۇنىڭ ھەيۋىتى ھەقىقەتتۇر. قۇرئانغا ئالدىدىن ۋە ئارقىسىدىن باتىل يېقىنلىشالمايدۇ. ئۇ ئەڭ ھېكىمەتلىك ۋە ئەڭ ماختالغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان. ئايەتلىرى روشەن ۋە پۇختا بىر كىتابتۇر. ئوقۇلىشىدا ۋە تەپەككۇر قىلىنىشىدا بەرىكەت بار. ئۇنىڭ بىلەن شىپا ئۈمىد قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىنىدۇ. ھەر-بىر ھەرىپى ئون ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. شاپائەت قىلىدۇ، شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. دۇرۇست گۇۋاھچىدۇر، پايدىلىق دوستتۇر. كېچىلىرى مەنپەئەتلىك سۆھبەت ھەمراھىڭدۇر. ئىشەنچىلىك بۇرادىرىڭدۇر. تەڭدىشى يوقتۇر، تەسىرلىكتۇر. تاتلىق ۋە گۈزەلدۇر. ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، ھۆكۈم قىلىنغۇچى ئەمەستۇر. سېھىر ئەمەس، شېئىر ئەمەس، كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەستۇر. ئىنساننىڭ سۆزىمۇ ئەمەستۇر. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر. ئاللاھتىن باشلانغاندۇر ۋە ئاللاھقا قايتار. بۇ كىتابنى روھۇل ئەمىن- جىبرىئىل ئوچۇق ئەرەب تىلىدا ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىنىڭ قەلبىگە ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى بولۇشى ئۈچۈن ئېلىپ چۈشتى. بۇ كىتاب پاساھەت، بالاغەت، ھۆججەت ۋە بايان (شۇنداقلا، ھەممە جەھەتتە) باشقا كىتابلاردىن ئۈستۈندۇر. ھىدايەتتۇر، رەھمەتتۇر ۋە قەلبلەرنىڭ كېسەللىكلىرىگە شىپادۇر. نۇردۇر، ھۆججەتتۇر، تەڭداشسىزدۇر، نەسىھەت ۋە تەلىمدۇر. ئۆزگەرتىلىشتىن، قوشۇپ قويۇلىشتىن ياكى بىرەر ئايىتى كام بولۇپ قېلىشتىن خالىيدۇر. مەڭگۈلۈك مۆجىزىدۇر. ئەگەشكەنلەر ئۈچۈن ھەممە يامانلىقلاردىن ساقلىغۇچىدۇر. ئەمەل قىلغانلارغا نىسبەتەن نىجادلىقتۇر. رەھبەر قىلغانلار ئۈچۈن سائادەتتۇر. يولىدا ماڭغۇچىلار ۋە ھاياتىدا ئۇنى ھاكىم قىلغانلار ئۈچۈن مۇۋەپپىقىيەت دەستۇرىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:
«قۇرئان ئوقۇڭلار! ھەقىقەتەن، قۇرئان قىيامەت كۈنى ئۆزىنى ئوقۇغانلارغا شاپائەتچى بولىدۇ.» (ئىمام مۇسلىم ئەبۇ ئۇمامە ئەل باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان، 804-نومۇرلۇق ھەدىس)
«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر.» (ئىمام بۇخارى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان، 5027-نومۇرلۇق ھەدىس)
«شۈبىھسىزكى، بۇ كىتاب بەزى كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ.»(مۇسلىم ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان، 817-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ كىتاب شائىرلارنى ھەيرەتتە قويغان، خاتىپلارنى جىمغۇزغان، ئەدەبىياتچىلارنى مەغلۇپ قىلغان، ئاددىي ئەرەبلەرنى بويۇن ئەگدۈرگەن، ئەرەبچىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلارنى ئاجىز ھالدا قويغان، ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغان، ھېكمەت ئەھلىنى ھەيرەتكە سالغان كىتابتۇر.
«ھەقىقەتە، قۇرئان توغرا يولغا باشلايدۇ.» (سۈرە ئىسرا، 9-ئايەت)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى