تابىئىن ئىمام: سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئىبنى خازىن

تابىئىن ئىمام: سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئىبنى خازىن [مەدىنە؛ 14 ـــ 84]

ئىمام ئىبنى جەۋزىنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى


ھەزىرتى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ ئىككىنچى يىلى ـــ يەنى ھىجرەتنىڭ 14-يىلى تۇغۇلدى، ھىجرىيەنىڭ 84- يىلى يەتمىش يېشىدا مەدىنىدە ۋاپات بولدى. كۇنيەسى ئەبۇ مۇھەممەد.
سەئىد ئىبنى مۇسەييەب مۇنۇ ساھابىلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان: ئۇمەر ئىبنى خەتتاب، ھەزىرتى ئۇسمان، ھەزىرتى ئەلى، سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، ئۇبەي ئىبنى كەئب، ئەممار ئىبنى ياسىر، مۇئاز ئىبنى جەبەل، ئىبنى ئۇمەر، ئەبۇ دەردا، ئۇقبە ئىبنى ئامىر، سۇھەيب، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئەبۇ سەئىد خۇدرى، سەلمان، ئەنەس ئىبنى مالىك، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس، ئەمر ئىبنى ئەبۇ سەلەمە، ھەزىرتى ئائىشە، ئۇممۇ سەلەمە (ئاللاھ بۇ زاتلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن، بىزنى ھەم شۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغۇچىلاردىن قىلسۇن، ئامىن.)
سەئىد ئىبنى ئىبراھىمدىن خەۋەر قىلىنىدۇكى، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئەبۇ بەكرى سىددىق ۋە ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار چىقارغان ھۆكۈملەرنى مەندىن ياخشى بىلىدىغان بىرى قالمىدى.
ئابدۇراھمان ئىبنى ئىبنى ھارمەلە مۇنداق دەيدۇ: ھەر قانداق بىر كىشى سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن بىر نەرسە سورىماقچى بولسا، ۋالىيدىن رۇخسەت ئالغاندىكىدەك رۇخسەت ئالمىغۇچە، ئۇنىڭدىن مەسىلە سوراشقا پېتىنالمايتتى.
مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ يېنىغا بىر كىشى كىرىپ كەلدى، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن، يېتىغلىق ھالەتتە ئىدى. كەلگەن كىشى ئۇ زاتتىن بىر ھەدىس سورىدى. سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ھەدىسنى ئورنىدىن ئۆرە بولۇپ سۆزلىدى. كەلگەن كىشى «سىلىنى چارچىتىپ قويۇشنى خالىمايتتىم» دېدى. سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئۇ كىشىگە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسىنى يېتىپ تۇرۇپ سۆزلەشنى خالىمىدىم» دېدى.
مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېگەن: مەدىنىدىكى ھەر-بىر ئالىم ماڭا ئىلىمىنى ئېلىپ كەلدى، مەن بولسا سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ ئىلىمىگە ماڭىمەن.
ئەببۇ ئىيسا ئەل خۇراسانىي سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن مۇنداق دېگەن: زالىمنىڭ ياردەمچىلىرىدىن چىن قەلبىڭلار بىلەن نەپرەتلەنمەستىن تۇرۇپ، ئۇلارغا كۆزلىرىڭلار بىلەن چەكچىيىپ قارىماڭلار. بولمىسان، ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ.
يەزىد ئىبنى ھىزام مۇنداق دەيدۇ: سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ھېچبىر كۈننى تاشلىماستىن روزا تۇتاتتى.
سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ ئازادگەردىسى بۈرد مۇنداق دېگەن: قىرىق يىلدىن بېرى، قاچانلىكى ئەزان ئوقۇلغان بولسا، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ھەر زامان مەسجىدتە ھازىر ئىدى.
ئابدۇلمۇئمىن ئىبنى ئىدىرىس دادىسىدىن مۇنداق دېگەن: سەيىد ئىبنى مۇسەييەب ئەللىك يىل بامداتنىڭ تەرىتى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدى.(يەنى بامداتتىن خۇپتەننى ئوقۇپ بولغۇچە شۇ بىر قېتىملىق تەرىتىنى بۇزمىدى.)[ئىزاھات: بىر تاھارەت بىلەن بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش ئەۋزەل. ھەر نامازغا بىر قېتىم تاھارەت ئېلىش مۇستەھەبتۇر.]
ئەلى ئىبنى زەيد سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلغان: شەيتان بىر بەندىدىن قايسى جەھەتتىن ئازدۇرۇشتىن ئۈمىد ئۈزسە، ئۇنى ئاياللار ئارقىلىق ئازدۇرماقچى بولىدۇ، ـــ سەئىد ئىبنى مۇسەييەب سەكسەن تۆت يېشىدا ئىككى كۆزىدىن بىرى كۆرمەس، يەنە بىرى ياخشى كۆرەلمەيدىغان بىر ھالدا تۇرۇپ شۇنداق دېگەن: مېنىڭ نەزىرىمدا ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىنمۇ بەك قورقۇنچلۇق يەنە بىر ئىش يوق.
سەئىد ئىبنى مۇسەييەب مۇنداق دېگەن: بەندىلەر ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باشقا بىر ئىش بىلەن نەپسىگە ئىكرام قىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھقا ئېسىيان كۆتۈرۈشتىن باشقا بىر ئىش بىلەن نەپسىگە ئاسىيلىق قىلالمايدۇ. بىر مۇئمىننىڭ دۈشمىنىنى ئاللاھقا ئىسىيان ئەتكەن ھالدا كۆرۈشى ئۇ مۇئمىنغا ياردەمدە بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.(يەنى ئاللاھقا ئىسىيان قىلغانلارنى كۆرگەندە، ئۇنداقلاردىن نەپرەتلىنىدۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى كۈچەيتىش نىيىتىدە بولىدۇ.)
سەئىد ئىبنى مۇسەييەب مۇنداق دېگەن: كىم ئاللاھ بىلەن باي بولسا، پۈتۈن ئىنسانلار ئۇنىڭغا موھتاج بولىدۇ.
سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: دۇنيا ئەرزىمەستۇر، ئۇ ھەر قانداق ئەرزىمەس نەرسىگە مايىلدۇر. دۇنياغا باتىل يول ئارقىلىق ئېرىشكەن ۋە مال-دۇنياسىنى توغرا يولدا سەرپ قىلمىغان كىشى مال-دۇنيادىنمۇ ئۆتە ئەرزىمەستۇر.
ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: شەرەپلىك، ئالىم ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ھىچبىرى قۇسۇردىن خالىي ئەمەس. ئىنسانلاردىن پەقەتلا بىر تۈرلۈك كىشىلەر باركى، قۇسۇرى يوق ھالدىدۇر. ئۇ تۈردىكى كىشىلەر بولسا: پەزىلەتلىرىنىڭ كۆپ بولغىنىنىڭ پەزىلىتى سەۋەبلىك قۇسۇرلىرى مەغفىرەت قىلىنۇر.
بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ئىمام ئىبنى جەۋزى مۇنداق دەيدۇ: سەئىد ئىبنى مۇسەييەب توغرىسىدىكى بايانلارنى مۇشۇنچىلىك بايان قىلىمىز. چۈنكى، ئۇ توغرىلىق مەخسۇس كىتاپ يازدۇق. كىم، بۇ زات توغرىسىدا تېخىمۇ كەڭ مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسا، شۇ كىتابنى ئوقۇسۇن.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى