«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
ئىبنى
مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ ماڭا قۇرئان ئايىتىنى ئۆگەتكەندە تەشەھھۇدنى مۇنداق ئۆگەتتى:‹ التحيات لله والصلوات والطيبات السلام عليك أيها
النبي ورحمة الله وبركاته السلام علينا وعلى عباد الله الصالحين أشهد أن لا
إله إلا الله وأشهد أن محمدًا عبده ورسوله›‹ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى
ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىبات، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى
ۋەبەرەكەتۇھۇ ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە ئەلە ئىبادىللاھىس سالىھى ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە
ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ›»(أخرجه أحمد 1 / 422، والبخاري 7 / 135، 136، ومسلم 1 / 301 برقم (402
-59-) والنسائي 2 / 241 برقم (1171).)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار نامازدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرسا ‹ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى› نى ئوقۇسۇن....» (بۇخارى
835؛ نەسەئىي 1298؛ ئەبۇ داۋۇد 968؛ ئەھمەد 1\428) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە
مۇنداق دېگەن:«سىلەر بۇنى دېگەندە، مۇھەققەقكى ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەر بىر سالىھ
مۇتتەقىيگە سالام يوللىغان بولىسىلەر.» (صحيح البخاري الجمعة (1202)
، صحيح مسلم الصلاة (402) ، سنن النسائي السهو (1298) ، سنن أبو داود الصلاة (968) ، سنن
ابن ماجه إقامة الصلاة والسنة فيها (899) ، مسند
أحمد بن حنبل (1/428) ، سنن الدارمي الصلاة (1340).) ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن:«ئاندىن
(تەشەھھۇدتىن كېيىن) ئۆزى خالىغان دۇئالارنى ئوقۇپ نامىزىنى تاماملىسۇن.» (مۇسلىم
402) يۇقارقى تەشەھھۇدتىن دۇئاسىدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمگە مۇنداق دەپ دۇرۇت سالام يوللايمىز:«اللهم صل على محمد وعلى آل محمد كما صليت على إبراهيم وعلى آل إبراهيم إنك حميد مجيد،
اللهم بارك على محمد وعلى آل محمد كما باركت على
إبراهيم وآل إبراهيم إنك حميد مجيد»«ئاللاھۇممە سەللى ئەلا
مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەد، كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى
ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەدجىيد؛ ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا
ئالى مۇھەممەد كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىدۇن
مەجىيد.»( أخرجه
أحمد 4 / 241، والبخاري 6 / 27، 7 / 156، ومسلم 1 / 305، برقم (406)، والنسائي 3 / 47،
48، برقم (1287-1289) ، والترمذي 2 / 352، برقم (
483)،
والبيهقي 2 / 148، وابن أبي شيبة 2 / 507
.)
Yorumlar
Yorum Gönder