نامازدا كۆزنى يۇمۇۋېلىشنىڭ ھۆكمى





نامازدا كۆزنى يۇمۇۋېلىشنىڭ ھۆكمى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 22174 – نومۇرلۇق پەتىۋا.

سوئال: نامازدا كۆزنى يۇمۇۋېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ئالىملار ئۆزرىسىز ئەھۋالدا نامازدا كۆزنى يۇمۇۋېلىشنىڭ مەكرۇھلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن. «ئەلراۋىد»نىڭ مۇئەللىپى «بۇنىڭ مەكرۇھ بولۇشىدا، يەھۇدىيلار شۇنداق قىلاتتى» دېگەن. (ئەلراۋد ئەلمۇرەببا، 95/1) .

«ئەلئىقنا»نىڭ مۇئەللىپى ئەلفاز ئەبۇ شۇجە «ئەگەر نامازدا قارىماسلىققا تېگىشلىك نەرسىلەرگە، مەسىلەن ئايالىغا، ياكى باشقا ناماھرەم ئاياللارغا، يېرىم – يالىڭاچلارغا قاراپ قېلىش خەۋپى بولمىسىلا، نامازدا كۆزنى يۇمۇۋېلىش مەكرۇھ» دېگەن. «ئەلمۇغنى»نىڭ مۇئەللىپى ئىبن قۇدامە رەھىمەھۇللاھمۇ ئوخشاش كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەلقەسسانى بۇ ھەقتە: «بۇنداق قىلىش كۆزنى سەجدە قىلىدىغان جايغا توغرىلاش سۈننىتىگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن مەكرۇھدۇر، بۇنىڭدىن سىرت، ئادەمنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى ئىبادەت جەريانىدا تېگىشلىك رولىنى ئادا قىلىدۇ، كۆزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە» دېگەن.

«ماراقى ئەلفالاھ»نىڭ مۇئەللىپى «بۇ مەقسەتسىز قىلىنسا مەكرۇھ. ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا كۆزنى يۇمۇۋېلىش ئېچىشتىن ياخشى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ئىمام ئەلئىز ئابدۇسالام ئۆز پەتىۋاسىدا «ئەگەر كۆزنى يۇمۇۋېلىش زۆرۈر بولسا، ناماز ئوقۇغۇچى شۇنداق قىلغاندا دىققىتىنى تېخىمۇ بەك يىغالىسا، بۇنداق قىلىش جائىز» دېگەن.

ئەللامە ئىبن قەييۇم رەھىمەھۇللاھ «زادەلمەئاد»تا: «ئەگەر بىر ئادەم نامازدا كۆزى ئوچۇق ئەھۋالدا دىققىتىنى بەك يىغالىسا، كۆزىنى ئېچىپ تۇرۇشى ئەۋزەل. ئەگەر ئەتراپتا بېزەك ياكى باشقا دىققەت چاچىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، بىراۋ نامازدا كۆزىنى يۇمسا دىققىتىنى تولۇق يىغالايدىغان بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا كۆزنى يۇمۇۋېلىش مەكرۇھ ئەمەس، بەلكى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، بۇ شەرىئەتنىڭ نىشان – پىرىنسىپلىرىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن». (زادۇلمەئاد 1/283).

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟