تابىئىن ئىمام: سۇلايمان ئىبنى يەسار

[160] سۇلايمان ئىبنى يەسار
[مەدىنە؛ تۇغۇلۇشى: ھ 34 ـــ ۋاپاتى: 107؛ ئۆمرى: 73 ياش]
ئىمام ئىبنى جەۋزىنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن تەرجىمە قىلىندى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى


پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئايالى، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى مەيمۇنە بىنتى ھارىسنىڭ ئازادگەردىسى. كۇنيەسى ئەبۇ ئەييۇب.
سۇلايمان ئىبنى يەسار ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئامىر، ئىبنى ئابباس ۋە باشقا بىر تۈركۈم ساھابىلەردىن (ئاللاھ بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) ھەدىس رىۋايەت قىلغان.
مۇسئەب ئىبنى ئۇسمان مۇنداق دەيدۇ: سۇلايمان ئىبنى يەسار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ گۈزەللىرىدىن ئىدى. بىر كۈنى يېنىغا بىر خوتۇن كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن يامان ئىش ئۈمىدىدە بولدى. سۇلايمان ئىبنى يەسار قوبۇل قىلمىدى. خوتۇن ئۇنىڭغا: كەلگىن، دېدى. ئۇ خوتۇننى ئۆيىدە تاشلاپ، قېچىپ چىقىپ كەتتى.
سۇلايمان مۇنداق دەيدۇ: كېيىن يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنى چۈشۈمدە كۆردۈم. ئۇنىڭغا «سىلى يۇسۇف ئەلەيھىسسالاممۇ؟» دېدىم. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام:«شۇنداق، مەن خىيالىغا يامان ئىش كەلگەن يۇسۇفمەن، سەن بولساڭ خىيالىڭغا ھېچقانداق يامان ئىش كەلمىگەن سۇلايمانسەن» دېدى.
بۇ قىسسە بىزگە سۇلايماننىڭ قېرىندىشى ئاتا ئىبنى ياساردىن رىۋايەت قىلىندى. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
سۇلايمان ئىبنى يەسار ئۆمۈر بويى روزا تۇتتى. قېرىندىشى ئەتا ئىبنى يەسار بىر كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتمايتتى. ئاللاھ بۇلاردىن رازى بولسۇن.
[بىر ئۇزۇن ۋەقەلىكى قىسقارتىلدى]

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى