ساھابىلەر مۇنداق زاتلار ئىدى


 
ساھابىلەر مۇنداق زاتلار ئىدى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى»

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ مېنى سىلەرگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتى؛ سىلەر مېنى يالغانچى دېدىڭلار، ئەبۇ بەكرى بولسا مېنى تەسدىقلىدى. ماڭا جېنى ۋە مېلى بىلەن ياردەمدە بولدى...»(1)
ئىلىم ئىگىلىرى مۇنداق دەيدۇ: ئۇمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندا ئىسلام ئەزىز بولدى. ئوچۇق-ئاشكارا ھىجرەت قىلدى...(2)

    ئىمام ئەۋزائى مۇنداق دەيدۇ: ھەزىرتى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچە قاراڭغۇلىقىدا سىرتقا چىقتى، بۇنى تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆردى. ھەزىرتى ئۇمەر بېرىپ بىر ئۆيگە كىردى. ئاندىن باشقا بىر ئۆيگە كىردى. تاڭ ئاتقاندا تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئۆيگە بېرىپ، ئۆيدە قارىغۇ ۋە پالەچ بىر موماينى كۆردى. تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مومايغا:«بۇ ئادەم (يەنى ھەزىرتى ئۇمەر) يېنىڭغا نېمىشقا كېلىدۇ؟» دېدى. موماي:«ئۇ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى. لازىمەتلىكلىرىمنى تەييارلاپ ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆيۈمنى سۈپۈرىدۇ، دېدى. تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز ئۆزىگە:«ئەي تەلھە! ئاناڭ ساڭا يىغلىسۇن، ئۇمەردىن قۇسۇر ئىزدىگەنمىدىڭ؟» دېدى.(3)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئىسا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۈزىدە (ئاللاھتىن قورقۇپ كۆپ) يىغلاش سەۋەبلىك ئىككى قارا سىزىق بار ئىدى.(4)
سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىنىڭ يېرىملاشقاندا (تەھەججۇت) نامىزى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى.(5)
زۇبەير ئىبنى ئابدۇللاھ رەھىمەھۇللاھ رۇھەيمە ئىسىملىك مومىسىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىلبويى روزا تۇتاتتى. كېچىڭ ئەۋۋىلىدە ئازغىنا ئۇخلىۋېلىپ، ئاندىن تۇرۇپ تاڭ ئاتقۇچە ئىبادەت قىلاتتى.(6)
ئىبىن سىرىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلگەندە، ئۇ زاتنىڭ ئايالى مۇنداق دېدى: ئونۇ ئۆلتۈرۈدۈڭلار، ھالبۇكى ئۇ پۈتۈن كېچىنى قۇرئان ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتى.(7)
سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەزىرتى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىنىدا بولمىغان چاغلاردا قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىناتتى.(8)
قەيس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆردۈم. ئوھۇد ئۇرۇشىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى قوغدىغان قولى پالەچ ئىدى.(بۇخارى 4063)
ھەسەن بەسىرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر پارچە زېمىنىنى يەتتە يۈز مىڭ دىرھەمگە ساتتى. شۇ كېچە زېمىن ساتقان پۇل يېنىدا قالدى. يېنىدىكى پۇلنىڭ خەيرلىك يولغا ئىشلىتىلمىگەنلىك قورقۇنچىسى بىلەن ئۇ كېچە ئۇخلىيالمىدى. تاڭ ئاتقاندا، ئۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى (ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە) تارقىتىۋەتتى. (ئىمام ئەھمەد: زۇھد كىتابى)
تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى سەئدە ئىبنى ئەۋف مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، تەلھە ھەر كۈنى يۈز مىڭ دىرھەم سەدىقە بەردى. كېيىن كىيىمى يىرتىق بولغىنى (ئۇ كىيىمىدە ئەۋرىتىنى ياپالمىغانلىقى ۋە يېنىدا كىيىم سېتىۋالغۇدەكمۇ پۇل قالمىغانلىقى) ئۈچۈن مەسجىدكە بارالمىدى.(9)
ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسى زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دەيدۇ: ئوھۇد غازىتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا «ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن» دېدى.(10)
ئەمر ئىبنى مۇسئەب ئىبنى زۇبەر مۇنداق دەيدۇ: زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئون ئىككى يېشىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە غازاتقا قاتنىشىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلدى.(11)
نەۋفەل ئىبنى ئىياس ئەل ھۇزەلى مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بىزنىڭ بۇرادىرىمىز ئىدى. ئۇ ئاجايىپ ئېسىل بۇرادىرىمىز ئىدى. بىر كۈنى بىزنى ئۆيىگە ئېلىپ باردى، ئىچىگە كىرىپ غۇسۇل قىلدى. ئاندىن چىقىپ بىز بىلەن ئولتۇردى. بىزگە بىر تاۋاق كەلتۈردى. تاۋاقتا گۆش بىلەن نان بار ئىدى. تاۋاق داستىخانغا قويۇلغاندا ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا «ئى مۇھەممەدنىڭ دادىسى، نېمىشقا يىغلايسەن؟» دېيىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلىسى ئارپا نېنىغا تويماستىن دۇنيادىن كەتتى. بىزنىڭ مۇكاپاتىمىز دۇنيادا بېرىلىپ بولغان (ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان مۇكاپاتىمىز قالمىغان) بولۇشىدىن قورقۇپ يىغلايمەن.(12)
سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئوھۇد غازىتىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوقدىنىنى چىقاردى ۋە «ئات سەئىد! ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن» دېدى.(13)
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چىقىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بۇ مېنىڭ تاغامدۇر. كىمنىڭ بۇنداق تاغىسى بولسا كۆرسەتسۇن!» دېدى.(تىرمىزى3752)
ئەبۇ قىلابە رەزىيەلاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: يەمەنلىكلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كەلگەندە، ئۇلارغا سۈننەت ۋە ئىسلامنى ئۆگىتىدىغان بىرەيلەننە ئەۋەتمەكنى خالىدى. ئاندىن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ «بۇ ئۈممىتىمنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسىدۇر» دېدى.(مۇسلىم)
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىرەر جايدا بىرەر ئاق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك، ھۆرنىڭ ياكى قۇل، ئەرەب ياكى ئەجەمدىن بىرنى كۆرەي، ئۇنىڭ تەقۋالىقتا مەندىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلسەم، مۇتلەق ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنى ئارزۇلىدىم.(14)
ئابدۇللاھ ئىبنى مىرداس مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتاتتى. بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىپلا جىم بولاتتى. بىز بولساق جىقراق سۆزلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق.(15)
رائىف ئىبنى مۇسەييەبتىن: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيتتى: ۋۇجۇدىدا قۇرئاننى كۆتۈرگەرگەن ھافىز (قارىي) كېچىسى ئارقىلىق بىلىنگەي. ئىنسانلار ئۇخلاۋاتقاندا ۇ ئويغاق تۇرغاي؛ كۈندۈزدە ئىنسانلار روزا تۇتمىغاندا، ئۇ روزا تۇتقاي؛ ئىنسانلار خۇشال يۈرگەندە، ئۇ ھەسىرەت بىلەن يۈرگەي؛ ئىنسانلار كۈلۈپ يۈرگەندە ئۇ يىغلاپ يۈرگەي؛ ئىنسانلار غەۋغا چىقارغاندا ئۇ جىم بولغاي؛ ئىنسانلار كىبىر كۆرسەتكەندە ئۇ تەۋەززۇئ كۆرسەتكەي. قۇرئان ھافىزى مۇنداق بولغاي: يىغلىغاي، ھەسىرەتلەنگەي، خۇش پېئىل، ھېكىمەت ساھىبى ۋە كەمسۆز بولغاي. قۇرئان ھافىزىنىڭ ئەخمەق، غاپىل، جېدەلخور، غەۋغاچچى ۋە قوپال بولۇشى لايىق ئەمەس.(ئىمام ئەھمەد)
ئەممار ئەززۇھنى مۇنداق دەيدۇ: سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مائاشى تۆت مىڭ دىرھەم ۋە بىر خۇرجۇن رەخت ئىدى. ئۇ بۇلارنى سەدىقى قىلىۋېتىپ، زەمبىل توقۇپ دۇنيالىقىنى قامدايتتى. (16)
ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سايە نەدە بولسا، ئۇمۇ شۇ يەردە بولاتتى. ئۆيى يوق ئىدى. بىرەيلەن ئۇنىڭغا «ساڭا بىر ئۆي سالايلى، ئىسسىقتا سالقىنداپ، سوغۇقتىن دالدىنىسەن» دېدى. سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ماقۇل» دېدى. ئۇ كىشى ئىشقا كىرىشىش ئۈچۈن قايتماقچى بولدى. ھەزىرتى سالمان «قانداق ئۆي سالماقچى بولدۇڭ» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: شۇنداق بىر ئۆي سالايكى، ئۆرە تۇرساڭ بېشىڭ تورۇسىغا تېگىپ تۇرغاي، دېدى. سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بولىدۇ» دېدى.(17)
تاۋۇس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۇمەردىىمۇ تەقۋا كىشىنى كۆرمىدىم، ئىبنى ئابباستىنمۇ ئالىمراق كىشىنى كۆرمىدىم. (18)
ئەبۇ بەكرى ئىبنى ھافس مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ داستىخنىغا يېتىملەر داخىل بولمىغۇچە تاماق يېمەيتتى. (19)
ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: (مەدىنىلىك تابىئىن ئىماملاردىن) سەئىد ئىبنى مۇسەييەبكە بىر ئادەم كېلىپ، ئۇ زاتتىن ھەدىس سورىدى. ئۇ زات كېسەل بولغاچقا، يېتىقتا ئىدى. سورالغان ھەدىسكە ياتقان يېرىدىن ئولتۇرۇپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى «سېنى ئېغىرچىلىققا سېلىپ قويۇشنى خالىمايتتىم» دېدى. سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ «ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسىنى يېتىپ تۇرۇپ سۆزلەشنى خالىمىدىم» دېدى. (20)
يەزىد ئىبنى ھىزام مۇنداق دەيدۇ: سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئۈزۈلدۈرمەستىن روزا تۇتاتتى.(21)
سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: كىم ئاللاھ بىلەن باي بولسا، پۈتۈن ئىنسانلار ئۇنىڭغا موھتاج بولىدۇ. (22)
ئەبۇ زەنناد مۇنداق دەيدۇ: (ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ نەۋرىسى) قاسىم ئىبنى مۇھەممەدتەك سۈننەتنى بەك ياخشى بىلىدىغان بىرىنى كۆرمىدىم. كىشى سۈننەتنى بىلمىگۈچە ئادەم سانالمايتتى. (23)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: (ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى) ئەلى ئىبنى ھۈسەين نامازغا تۇرغاندا ئۇنى بىر تىتىرەك باساتتى. ئۇ زاتقا «نېمىشقا تىتىرەيسەن؟» دېيىلسە «كىمنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرماقچى ئىكەنلىكىمنى ۋە كىمگە يالۋۇرماقچى ئىكەنلىكىمنى بىلەمسەن؟» دەيتتى.(24)
ناماز: ئەبۇ جەئفەر مۇنداق دەيدۇ: ئەلى ئىبنى ھۇسەين رەھىمەھۇللاھ ھەر كۈن كېچىسى ۋە كۈندىزى مىڭ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.(25)
(مەدىنىلىك تابىئىنلاردىن) زىياد ئىبنى ئەبۇ زىياد رەھىمەھۇللاھ ئەنەس ئىبنى مالىكتىن ھەدىس رىۋايەت قىلاتتى. ئىمام مالىك ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: زىياد ئابىد كىشى ئىدى. ئاللاھنى بەك كۆپ زىكىر قىلاتتى. تولىمۇ ئاددىي كىيىنەتتى ۋە گۆش يېمەيتتى.(26)










نەقىل مەنبەلىرى:
(1)بۇخارى 3361
(2)ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئۇمەر بابى؛ تۈركچە 121-بەت؛
(3)ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئۇمەر بابى؛ تۈركچە 123-،124-بەت؛
(4)ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئۇمەر بابى؛ تۈركچە 125-بەت؛
(5)ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئۇمەر بابى؛ تۈركچە 121-بەت؛
(6)، (7) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئۇسمان بابى؛ تۈركچە 121-بەت؛
(8) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئەلى بابى؛ تۈركچە 138-بەت؛
(9) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى تەلھە بابى؛ تۈركچە 150-بەت؛
(10) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى زۇبەير بابى؛ تۈركچە 152-بەت؛
(11) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى زۇبەير بابى؛ تۈركچە 153-بەت؛
(12) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بابى؛ تۈركچە 156-بەت؛
(13) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس بابى؛ تۈركچە 158-بەت؛
(14) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئەبۇ قەتادە بابى؛ تۈركچە 163-بەت؛
(15) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئىبنى مەسئۇد بابى؛ تۈركچە 182-بەت؛
(16)، (17) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى سەلمان فارىسى بابى؛ تۈركچە 243-بەت؛
(18) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر بابى؛ تۈركچە 256-بەت؛
(19) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ھەزىرتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر بابى؛ تۈركچە 259-بەت؛
(20)، (21) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب بابى؛ تۈركچە 405-بەت؛
(22) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب بابى؛ تۈركچە 406-بەت؛
(23) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكر سىددىق بابى؛ تۈركچە 411-بەت؛
(24) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى تالىب بابى؛ تۈركچە 413-بەت؛
(25) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، ئەلى ئىبنى ھۇسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى تالىب بابى؛ تۈركچە 417-بەت؛
(26) ئىبن جەۋزى:«سەفۋاتۇس سەفۋا»، زىياد ئىبنى ئەبۇ زىياد بابى؛ تۈركچە 420-بەت.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى