نامازدا ئوڭ سولغا كۆز يۈگۈرتۈش مەكرۇھ
نامازدا ئوڭ
سولغا كۆز يۈگۈرتۈش مەكرۇھ
سەئۇدىي
پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: سۈننەتتە نامازدا تۇرۇپ ئۇياق بۇياققا
كۆز يۈگۈرتۈش چەكلەنگەن. بۇنداق قىلىش شەيتاننىڭ كىشىنىڭ نامىزىنى ئوغرىلاپ
كەتكەنلىكىدۇر. ئىمام بۇخارى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
رىۋايەت قىلغان:«مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن نامازدا
ئۇياق-بۇياققا كۆز يۈگۈرتۈش (نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورىدىم.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹ئۇنداق قىلىش شەيتاننىڭ بەندىنىڭ
نامىزىدىن ئوغۇرىلاپ كەتكىنىنىڭ ئىپادىسىدۇر› دېدى.»(أخرجه أحمد 6 / 106، والبخاري 1 / 94، 2 /
324، وأبو داود برقم (910) والنسائي 1 / 177، والترمذي 2 / 484) بۇ
ھەدىستىن ئېلىنىدىغان ھۆكۈم: نامازدا ئوڭ سولغا كۆز يۈگۈرتۈش مەكرۇھ بولۇپ،
نامازنى نۇقسانلىق قىلىپ، ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ. بىراق، نامازدا ئۇياق بۇياققا
كۆز يۈگۈرتكەن كىشىنىڭ نامىزىنى قايتا ئوقۇشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، زۆرۈرىيەت
تۇغۇلغاندا نامازدا ئوڭ سولغا قاراشنىڭ دۇرۇسلۇقىنى دەلىللەيدىغان ھەدىسلەر بار.
بۇ سەۋەبلىك، نامازدا ئوڭ سولغا قاراش نامازنى بۇزمايدۇ. [پەتىۋا كومېتىتىنىڭ
8092-نومۇرلۇق پەتىۋاسى]
Yorumlar
Yorum Gönder