ھەيزدار ئايال ناماز ئوقۇمدۇ؟ روزا تۇتامدۇ؟




    «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«ئايال كىشى ھەيزدار بولغاندا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟» ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، ئۇزۇ بىر ھەدىستىن ئېلىنغان.(ئىمام ئىبنى ھەجەر «بۇلۇغۇلمەرام 144-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: ئىسلام ھەيزدار ئايال كىشىنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلىقىنى ۋە روزا تۇتمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بىراق، ھەيزدار ھالەتتە تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان ئوچۇق دەلىللەر مەۋجۇت. ھەيزدار ھالىتىدە ئوقۇيالماي قالغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ (يەنى تولۇقلاپ ئوقۇمايدۇ.)[سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 144-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى]


ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز (ھەيزدىن) پاكلانغاندىن كېيىن (ئەۋرەتتىن) كەلگەن دۇغنى ۋە سېرىق سۇيۇقلۇقنى ئەرزىگۈدەك بىر نەرسە سانىمايتتۇق.» بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ. (‹بۇلۇغۇلمەرام› 140-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: بۇ خىل سۇيۇقلۇقلار ھەيز ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەدىس، ھەيز مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ۋە ھەيز قېنى توختىغاندىن كېيىن چىققان (سارغۇچ) سۇنىڭ ھەيز ھېسابلانمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. («بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 140-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟