تەكبىر توۋلانغاندا نەپلە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى





«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سوئال: بەزى كىشىلەر پەرز ناماز باشلانغان چاغدا (پەرز نامازغا قاتنىشىش ئۈچۈن) ئوقۇۋاتقان نەپلە نامىزىنى توختىدىكەن (بۇزىدىكەن). بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئورگان: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى (7-جىلد، 240-بەت)

جاۋاب: پەرز ناماز باشلانغاندا نەپلە ناماز ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس. بۇ ھۆكۈم مۇنۇ ھەدىسكە ئاساسلانغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىقامە (تەكبىر) توۋلانغاندا پەرز نامازدىن باشقا ناماز يوق.»(ئىمام ئەھمەد، 2-331؛ مۇسلىم، 2-153: ئەبۇداۋۇد،1266؛ نەسائىي،1-139؛ تىرمىزى، 2-282؛ ئىبنى ماجە،1151؛ دارىمى،1-337)
شۇ ۋەجىدىن، كىشى نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرز ناماز باشلانسا، يۇقىرقى ھەدىسكە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نەپلە نامازنى توختىدۇ. چۈنكى، پەرز ناماز نەپلىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
پەتىۋا بەرگۈچىلەر: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛
ئابدررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى