جۈمە مۇبارەكلەش بىدئەت

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 134741 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ بىر قىسمى

جۈمە كۈنىنى قۇتلۇقلاشنىڭ بىدئەتلىكى توغرىسىدا


مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ۋە روزا ھېيت كۈنلىرى بىر – بىرىنى تەبرىكلىشى ھەققىدە، ساھابە رەزىياللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ بۇنى قىلغانلىقى مەلۇم. ئەمدى جۈمە كۈنى ئۆزئارا تەبرىكلىشىش ھەققىدە، بۇنداق قىلىش دىندا بەلگىلەنمىگەن. يەنى جۈمە كۈنىنىڭ بىر ھېيت (بايرام) كۈنى ئىكەنلىكىنى ساھابە رەزىياللاھۇ ئەنھۇملار بىلەتتى، شۇنداقلا ئۇلار جۈمەنىڭ خىسلىتى ھەققىدە بىزدىن كۆپ بىلىملىك ئىدى ھەم بۇ كۈننىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلاتتى، ئۇنى چوڭ كۆرەتتى. ئەمما، ئۇلارنىڭ جۈمە كۈنى بىر – بىرىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق مەلۇمات يوق. شۇنىسى شەكسىزكى، ھەرقانداق ياخشىلىق پەقەت شۇلارغا ئەگىشىش بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

شەيخ سالىھ فەۋزان رەھىمەھۇللاھدىن: «ھەر جۈمە كۈنى يازما ئۇچۇر ئەۋەتىشىپ بىر – بىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن.:«سەلەف سالىھلارنىڭ جۈمە كۈنى بىر – بىرىنى تەبرىكلەشكەنلىكىگە ئالاقىدار ھېچقانداق مەلۇمات يوق. شۇڭا بىز ئۇلار قىلمىغان ھەرقانداق ئىشنى دىنغا كىرگۈزمەسلىكىمىز كېرەك».

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟