كەئبىنىڭ يۆنىلىشى
نامازدا قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش شەرت. ئاللاھ مۇنداق دېگەن:«نەدىلا بولۇڭلار، يۈزۈڭلارنى مەسجىدۇل ھەرامغا توغرىلاڭلار.» (سۈرە بەقەرە، 144-ئايەت) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر.» (تىرمىزى 1\171؛ ئىبنى ماجە 1\232) پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ قىبلە توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس مەدىنىدە ياشايدىغانلارغا، شۇنداقلا مەدىنىڭ جەنۇبىدا ۋە شىمالىدا ياشايدىغانلارغا قارىتا دېيىلگەن. كەئبىنىڭ شەقرى ياكى غەربىيدە ياشايدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىبلىسى شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ ئارىسىدۇر. (پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 3534-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)[فۇرقان دەئۋەت مەركىزى]
Yorumlar
Yorum Gönder