بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟
بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟
ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىدىكى 13731 – نومۇرلۇق سوئال
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: مۇئاز رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى (مۇسۇلمان) قېرىندىشىنى (سادىر قىلغان) بىر گۇناھى سەۋەبلىك زاڭلىق
قىلىدىكەن (ئەيىبلەيدىكەن)، شۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھنى سادىر قىلماي تۇرۇپ ئۆلمەيدۇ» دېگەنلىكى
رىۋايەت قىلىنغانىكەن. مۇشۇ ھەدىسنى تەپسىلىراق شەرھلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
جاۋاب: ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
بۇ ھەدىس تىرمىزىيدىن (كىتاب سىفات ئەلقىيامە ۋەلۋارا، 2429) رىۋايەت
قىلىنغان بولۇپ، ئەسلى لەۋزى: «كىمكى قېرىندىشىنى بىر گۇناھى سەۋەبلىك خىجىل قىلىدىكەن، ئۆزى شۇ
ئىشنى قىلماي تۇرۇپ ئۆلمەيدۇ» دۇر.
شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى زەئىف ھەم مەۋدۇ (توقۇلما) دېگەن. شۇ ۋەجىدىن بۇ
ھەدىسنى شەرئىي دەلىل قىلىشقا بولمايدۇ.
ھالبۇكى، ھەدىسنىڭ زەئىفلىكى گۇناھ قىلىپ
قالغان كىشىلەرنى مازاق قىلىشنىڭ توغرىلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ بەزىلىرى رەببىگە
تەۋبە قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلى ئۇلارغا جازا چۈشىدۇ. بۇ خىل
ئەھۋالدا، يەنى بىرەيلەننىڭ روھى تەۋبە ياكى ئۆزىگە كەلگەن مۇسىبەت سەۋەبلىك
پاكلىنىپ بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارنى تەنقىدلەشكە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ تەۋبىسى
ھەققىدە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «گۇناھىدىن تەۋبە قىلغۇچى گۇناھ
قىلىپ باقمىغانغا ئوخشاشتۇر» دېگەن. (ئىبىن ماجەدىن رىۋايەت قىلىنغان 4240 –
ھەدىس. بۇسەيرى ئەلزاۋائىدتا سەھىھ دېگەن).
ئىمام
ئەھمەد بۇ (سوئالدا تىلغا ئېلىنغان) ھەدىس «گۇناھىغا تەۋبە قىلىپ بولغان
قېرىندىشىنى تەنقىدلەشكە»كە قارىتىلغان دەيدۇ.
ئىبن
قەييۇم (رەھىمىھۇللاھ) مۇنداق دەيدۇ:
مېنىڭچە
بۇ ھەدىس شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، قېرىندىشىڭنى گۇناھى تۈپەيلى تەنقىدلىشىڭ
(مازاق قىلىشىڭ، تۆۋەن كۆرۈشۈڭ) شۇ
گۇناھتىنمۇ چوڭ گۇناھتۇر. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق سەن ئۆزۈڭدىكى ئاللاھقا
بولغان ئىتائەتچانلىقتىن پەخىرلىنىۋاتقان، ئۆزۈڭنى ماختاۋاتقان، ئۆزۈڭنىڭ
گۇناھلاردىن مۇستەسنا ئىكەنلىكىڭنى، ئەمما قېرىندىشىڭنىڭ گۇناھقا پېتىپ
قالغانلىقىنى جاكارلاۋاتقان بولىسەن.
لېكىن،
ئۇ قېرىندىشىڭ گۇناھى سەۋەبلىك ئاللاھتىن خىجىل بولۇۋاتقان، ئۆزىنى تۆۋەن
كۆرۈۋاتقان بولۇشى، ساختا تەقۋادارلىق تونىدىن، تەكەببۇرلۇقتىن ۋە ئۆزىدىن
پەخىرلىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان بولۇشى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا بېشىنى تۆۋەن
سالغىنىچە، ھەقىقىي بىر قۇلغا خاس سىياقتا تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە، بۇ
سېنىڭ ئۆزۈڭدىكى ئىتائەتمەنلىكتىن، قىلغان سالىھ ئەمەللىرىڭدىن پەخىرلەنگىنىڭدىن
ھەم شۇ ئەمەللەر ئارقىلىق يۇقىرى ماقامغا يەتكەنلىكىڭنى ئاللاھقا ۋە بەندىلەرگە
جاكارلىغىنىڭدىن ياخشىراقتۇر.
يۇقىرىقىدەك
ئەھۋالدا، ئاشۇ گۇناھكار ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نېمە دېگەن يېقىن، شۇنداقلا ئۆزىدىن
پەخىرلەنگۈچى، باشقىلارنى ئەيىبلىگۈچى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە نېمە دېگەن يېقىن ھە؟!
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى تۆۋەنچىلىككە ئاپىرىدىغان گۇناھ بىر
بەندىنى مەغرۇرلاشتۇرۇۋېتىدىغان سالىھ ئەمەلدىن سۆيۈملۈكتۇر. ئەگەر سىز كېچىسى ئويغانماي
ئۇخلاپ، سەھەردە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيالمىغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلىپ قوپسىڭىز، بۇ
سىز ئۈچۈن كېچىچە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇپ سەھەردە ئەمەللىرىڭىزدىن مەغرۇرلىنىپ
قوپقىنىڭىزدىن ياخشىراقتۇر. چۈنكى، ئۆزىدىن مەغرۇرلانغۇچىنىڭ ئەمەلى قوبۇل
قىلىنمايدۇ.
بەلكىم،
يېتەرسىزلىكلىرىڭىزنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا كۈلگىنىڭىز ئۆزىڭىزنى تەقۋا ساناپ، مەغرۇرلانغان
ھالدا يىغلىغىنىڭىزدىن ئەۋزەلدۇر. گۇناھكارنىڭ ئىڭرىشى (گۇناھى تۈپەيلى بىئارام
بولۇشى) ئۆزىنى پاك سانايدىغان ئادەمنىڭ زىكىر تەسبىھىدىن ئاللاھقا سۆيۈملۈكتۇر.
نادانلاردىن باشقا ھېچكىم ئاللاھ تەقدىر قىلغان
نەرسىنىڭ ئۆزىنى تاپماي قويمايدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمايدۇ. ئاللاھ ئۆزى ھەققىدە
كۆپ بىلىمگە ئىگە، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بەندىسى مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): «سېنى بىز (ھەقتە تۇرۇشتا) مۇستەھكەم
قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كەتكىلى ھەقىقەتەن تاس قالغان ئىدىڭ» [سۈرە
ئىسرا 74 – ئايەت]. شۇنداقلا يۈسۈف ئەلەيھىسسالاممۇ (تەرجىمە مەنىسى): «ئى
پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن زىندان سۆيۈملۈكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ
ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن، نادانلاردىن بولۇپ
قالىمەن» دېگەن. [سۈرە يۈسۈف 33 – ئايەت] دېگەن.
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: «قەلىبلەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئاللاھ بىلەن» دەپ قەسەم
قىلاتتى. ئۇ يەنە: «ئاللاھنىڭ ئىككى بارمىقى ئارىسىدا بولمىغان بىرمۇ قەلب يوق. ئۇ
خالىسا ھىدايەت قىلىدۇ، خالىسا ئازدۇرىدۇ (ئاللاھ راھمان – رەھىمدۇر، ئۇ ھەرگىز
بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ. شۇڭا ئۆزىنىڭ پاسىقلىقىنى ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە دۆڭگەش
باتىل، تەرجىماندىن) ئى قەلىبلەرنى ئالماشتۇرغۇچى ئاللاھ، قەلبىمنى دىنىڭدا
مۇستەھكەم قىلغىن. ئى قەلىبلەرنى يۆتكىگۈچى ئاللاھ، قەلبىمنى دىنىڭدا، ئىتائىتىڭ
ئۈسىتىدە مۇستەھكەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلاتتى.
ئاللاھ
ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
يۇقىرىقى
ماقالىنى يوللاشتا، ئۆزىدىكى ئەيىبنى كۆرمەي، باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان؛ ئۆزىنى
پاك، باشقىلارنى گۇناھكار سانايدىغان، ھەم ئۆزىنىڭ بۇ خىل خەتەرلىك ھالىتىدىن
بىخەۋەر يۈرۈۋاتقان قېرىنداشلارغا ئەسكەرتىش بولۇپ قالار دېگەننى كۆزدە تۇتتۇق.
ئەمما،
يۇقىرىقى ماقالىنى ئوقۇپ، سۈننەتكە ئۇيغۇن رەۋىشتە ياخشلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن
توسۇۋاتقان، باشقىلارنىڭ ئەيىب – نۇقسانلارنى تۈزىتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا
ئازار بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ ھەم شۇنداق قىلغۇچىلار بىلەن بۇ ماقالىنىڭ
ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
Yorumlar
Yorum Gönder