ئىمام ئىبنى قەيىىم: كۆزنى تۆۋەن قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى

ئىمام ئىبنى قەيىىم: كۆزنى تۆۋەن قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ «قەلب دورىسى» ناملىق كىتابىدىكى «كۆزنى تۆۋەن قىلىش»نىڭ پەزىلەتلىرى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى


سۈرە نۇردىكى «مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى تۆۋەن قىلسۇن، ئەۋرەتلىرىنى قوغدىسۇن» دېگەن ئايەتتىكى «كۆزلىرىنى تۆۋەن قىلسۇن» كەلىمىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىلگىرىكى تەرجىمىلىرىدە «نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن» دەپ ئېلىنغانىدى، ئەمما قىسمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئايەتنىڭ ئەسلى ئەرەبچە لەۋزىدىن ئەمەس، تەرجىمىسىدىن ھۆكۈم ئېلىپ خاتالىشىپ قېلىشى، يەنى «تىكىلىپ قارىمىغان ئەھۋالدا قارىسا بولىدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى؛ شۇنداقلا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەسلى تېكىستىدىكى «يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ» دېگەن كەلىمىنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىدە «lower their gaze»، تۈركچە تەرجىمىسىدە «bakışlarını indirsinler»، خىتايچە تەرجىمىسىدە «放低视线» دېگەن، يەنى «كۆزلىرىنى تۆۋەن قىلسۇن» دېگەن مەنىدىكى ئىبارىنىڭ ئىشلىتىلىشى سەۋەبلىك، مەزكۇر تەرجىمىدىمۇ مۇشۇ بويىچە ئېلىندى.

1. كۆزنى تۆۋەن قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغانلىقتۇر. بۇ ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى سائادىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىدۇر. ئىنسان ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەببى تەبارەكە ۋەتەئالانىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىشتىنمۇ پايدىلىق ئىش يوقتۇر. كىشى دۇنيا – ئاخىرەتتە پەقەت رەببىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىقلا سائادەتكە ئېرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا سەل قاراش بىلەن بەتبەخت بولىدۇ.

2. كۆزنى تۆۋەن قىلىش ھالاك قىلغۇچى زەھەرلىك ئوقنىڭ قەلبكە تېگىشىنى توسۇپ قالىدۇ.

3. كۆزنى تۆۋەن قىلىش قەلبتە ئاللاھقا نىسبەتەن يېقىنلىق شەكىللەندۈرىدۇ ھەم قەلبنىڭ ئاللاھ بىلەن زىچ مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ. چۈنكى، كۆزنى ئۆز خاھىشىغا قويۇۋېتىش قەلبنى پارچە – پارچە قىلىدۇ ۋە ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. قەلبكە نىسبەتەن، كۆزنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشتىمۇ زىيانلىق ئىش يوق. چۈنكى، ئۇ قەلب بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا يىراقلىق پەيدا قىلىدۇ.

4. كۆزنى تۆۋەن قىلىش قەلبنى كۈچلەندۈرىدۇ، بەختلىك قىلىدۇ. كۆزنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش بولسا قەلبنى زەئىپلەشتۈرىدۇ ۋە بىئارام قىلىدۇ.

5. كۆزنى تۆۋەن قىلىش قەلبنى نۇرلاندۇرىدۇ، كۆزنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش قەلبنى قارايتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بىزنى كۆزىمىزنى تۆۋەن قىلىشقا بۇيرۇپ: «قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ» (مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى تۆۋەن قىلسۇن، ئەۋرەتلىرىنى قوغدىسۇن) (سۈرە نۇر 30 – ئايەت) دېگەن ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇ نۇر سۈرىسىدە «اللَّـهُ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ مَثَلُ نُورِهِ كَمِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ ۖ الْمِصْبَاحُ فِي زُجَاجَةٍ»، (ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر. ئاللاھنىڭ (مۇئمىن بەندىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى (چىراغ قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ) دېگەن. يەنى بۇ «ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، چەكلىگەن نەرسىلىرىدىن يانغان مۇئمىن قۇللارنىڭ قەلبىدىكى نۇرغا ئوخشاشتۇر» دېگەنلىكتۇر.
قەلب نۇرلانغاندا ياخشىلىق ئەلچىلىرى ئۇنىڭغا ھەر تەرەپتىن كېلىشكە باشلايدۇ. قەلىب قارىدىغاندا بولسا بالا ۋە يامانلىق بۇلۇتلىرى ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۈستىگە توپلىنىدۇ. قەلب نۇرلانغاندا بىدئەت ۋە زالالەتكە، ھاۋايى ھەۋەسلەرگە ئەگىشىشنى، ھىدايەتتىن چېكىنىشنى، سائادەت يوللىرىدىن يۈز ئۆرۈشنى ۋە بەختىسزلىككە ئاپىرىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشنى ھېچبىر شەكىلدە راۋا كۆرمەيدۇ. بۇ نۇر غايىب بولغاندا بولسا، قەلب ساھىبى كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا يول تاپالماي يۈرگەن ئەماغا ئوخشاش چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا قالىدۇ.

6. كۆزنى تۆۋەن قىلىش كىشىگە ھەق بىلەن باتىلنى، ھەق سۆزلىگۈچى بىلەن باتىل سۆزلىگۈچىنى ئايرىيالىغۇدەك پاراسەت ئاتا قىلىدۇ.
ئىبن شۇجا كىرمانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيتتى: «كىم سۈننەتكە ئۇيغۇنلىشىش ئارقىلىق سىرتىنى، داۋاملىق ئۆزىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئىچىنى بېزىسە، كۆزىنى ھارامغا قاراشتىن ساقلىسا، نەپسىنى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن قوغدىسا ۋە ھالالدىن ئوزۇقلاندۇرسا، ھېچبىر پاراسەت ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ».

ئىمام ئەھمەدتىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «كىم ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىر نەرسىنى تەرك ئەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشىسىنى بېرىدۇ» دېگەن. ئىنسان كۆزىنى ھارام قىلغان نەرسىگە قاراشتىن ساقلىسا، بۇ تەرك ئېتىشنىڭ بەدىلىگە ئاللاھ ئۇنىڭ ھوشيارلىقىنى زىيادە قىلىدۇ. ئىلىم، ئىمان، مەرىفەت ۋە پەقەت قەلب ھوشيارلىقى بىلەنلا نائىل بولغىلى بولىدىغان توغرا پاراسەت ئىشىكلىرىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاچىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نېئمەتلەرگە نائىل قىلغاي!

«قەلب دورىسى» ناملىق كىتاب تۈركچە نەشرىنىڭ 314 ~ 315 – بەتلىرىدىن ئېلىندى.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟