«ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئاتا قىلسا، ئۇنى دىننى بىلىدىغان قىلىدۇ» ھەدىسىنىڭ شەرھى




«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇنى دىننى بىلىدىغان قىلىدۇ.»(بۇخارى 71؛ مۇسلىم 1037؛ ئىبنى ماجە 221؛ مۇسنەد ئمام ئەھمەد 4\93؛ مۇۋەتتائ مالىك 1667؛ دارىمىي 226)

ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارىدا بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:
بۇ ھەدىستىن مۇنۇ چۈشەنچىلەر ئايدىڭلىشىدۇ:  دىننى بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان، يەنى ئىسلامنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك فىقھى ۋە ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگەنمىگەن كىشىلەرنىڭ خەيردىن (ياخشىلىقتىن) مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  بۇنىڭدىن سىرت، ئالىملارنىڭ باشقا ئىنسانلارغا قارىغاندا  ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ دىندا چوڭقۇر فىقھى بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ باشقا ئىلىملەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشتىن كۆپ ئەۋزەللىك سانىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى