بەرزەخ ھاياتىنىڭ ئېنىقلىمىسى
ئىككى
ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى-ھ: 1420)
بەرزەخ
ھاياتى بەندىنىڭ دەپنە قىلىنغاندىن باشلاپ، تاكى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلگىنىگىچە
داۋاملىشىدىغان مۇددەتنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ۋاپات
بولغانلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ياشاپ ئۆتكەنلەر ۋە زامانىمىزدا ۋاپات بولغانلارنىڭ
ھەممىسى تاكى قىياەت كۈنىگىچە بەرزەخ ھاياتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. كۈنىمىزدە ۋاپات
بولغانلارمۇ بەرزەخ ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە. دېمەك، بەرزەخ ھاياتى سىزنىڭ
ۋاپاتىڭىزدىن باشلاپ قىيامەت كۈنىگىچە بولغان (ئۆلۈكلۈك) دەۋرىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.
ئۆلۈكلەر تاكى قايتا تىرىلدۈرۈلگۈچە بەرزەخ ھاياتىنى ياشايدۇ. قايتا
تىرىلدۈرۈلگەندە بەرزەخ ھاياتى ئاخىرلىشىپ، ئاللاھقا ھېساب بېرىشكە يۈزلىنىدۇ.
(ئەللامە ئىبنى باز « نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى»4-جىلدى، 313-بەت)[«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]
Yorumlar
Yorum Gönder