يىلنىڭ يېرىمدا يەم بىلەن بېقىلغان ھايۋانلارغا زاكات كېلەمدۇ؟

 
يىلنىڭ يېرىمدا يەم بىلەن بېقىلغان ھايۋانلارغا زاكات كېلەمدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە مۇھەممەد ئىبىن سالىھە ئەلئۇسەيمىن
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سوئال: يىلنىڭ يېرىمدا يەم بىلەن بېقىلغان ھايۋانلارغا زاكات كېلەمدۇ؟
جاۋاب: يىلنىڭ يېرىمىنى پۈتۈنلەي ئېغىلدا يەم يەپ ئۆتكۈزىدىغان ھايۋانلارغا زاكات كەلمەيدۇ. چۈنكى، ھايۋانلارغا زاكات كېلىشى دالىلدا ئۆسكەن ئوت-چۆپلەرنى يېيىش بىلەن بولىدۇ. بىراق، ھايۋانلار تىجارەت مەقسىدىدە بېقىلغان بولسا، ئۇ ھالدا تىجارەت ماللىرىغا كېلىدىغان زاكات ھۆكمى بويىچە زاكات كېلىدۇ. تىجارەت ئۈچۈن بېقىلغان ھايۋانلارنىڭ قىممىتى ھەر يىلى تەڭ شەكىلدە ئۆلچىنىپ، ئاندىن بۇ قىممەتنىڭ قىرىقتا بىرى زاكات ھېسابىدا بېرىلىدۇ.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟