بىر سەپسەتىگە رەددىيە
تورلاردا
تۆۋەندىكىدەك سەپسەتە تارقىلىپ يۈرگەن:
ئىمام
ئىززىدىن ئابدۇسالام«بىر زىمىندا زىنا -پاھىشە ئەۋج ئالغان بولسا، زىنا توغرىسىدا
توختالماي، جازانە توغرىسىدا سۆزلەش خىيانەت سانىلىدۇ» دېگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ
ھازىرقى ئەھۋالىدەك دىنسىزلاشتۇرۇش، ئىززەت ـ ئابروينى يەرگە ئۇرۇش، ئەخلاقنى بۇزۇش...
تارقىلىۋاتقان شارائىتتا دىننىڭ ئاساسلىرى ۋە مەقسەتلىرى ھەققىدە توختالماي،
ئىشتاننى ئۇزۇن -قىسقا كىيىش، بۇرۇت- ساقالنى ئۇزۇن- قىسقا قويۇش... دېگەندەك كۈچنى
زايا قىلىۋىتىدىغان پارچە مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىش نادانلىق ئەمەسمۇ ؟ ئامانەت ۋە
مىللەتكە خىيانەت قىلغانلىق سانالمامدۇ؟
پەرز
ئەينى بىلەن پەرز كۇپايە ياكى سۈننەتنىڭ ئورنىنى پەرق ئىتەلمەي كۈچ، پۇل ۋە قاننى
ئورۇنسىز سەرىپ قىلىشچۇ؟
--
يۇقارقى
سەپسەتىگە ئابدۇللاھ تارىمى ئەپەندى مۇنداق رەددىيە قايتۇرغان:
ئىمام
ئىززۇددىن ئابدۇسسالام مەشھۇر ھەنەفىي ئالىمىدۇر. ئاللاھ بۇ زاتقا رەھمەت قىلغاي.
ئىمام ئىززۇددىننىڭ يۇقارقى سۆزى ھەم توغرا سۆز.
زامانىمىزدا
مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قانداق ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟
مۇسۇلمانلار
ئارىسىدا قۇرئان سۈننەتنىڭ چەك-چېگرالىرىدىن يۈز ئۆرۈش؛ پەرزنى ئادا قىلماسلىق؛
ھارامدىن قاچماسلىقتەك پاسىقلىق كەڭرى تارقىلىق كەتتى. تەۋھىد ئەقىدىسى توغرا
بولغانلارغا ئايدىڭكى، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش ھەر-بىر مۇسۇلمانغا پەرز.
رەسۇلۇللاھ بىر ئىشقا بۇيرۇپ، ئۆزى ۋە ساھابىلەر ئۇ بۇيرۇقنى قەتئىي تەرك ئەتمىگەن
بولسا، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ بۇيرۇقىغا ئۆزى ياكى ساھابىلەر تەرىپىدىن ئەمەل
قىلىنمىغان سەھىھ دەلىل بولمىسا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇ بۇيرۇقى پەرز ھسابلىنىدۇ.
رەسۇلۇللاھنىڭ ساقالنى ئۇزۇن قويۇپ مۇشرىكلارغا ئوخشاپ قالماسلىققا بۇيرۇشى دەل
رەسۇلۇللاھنىڭ پەرز بۇيرۇقلىرىدىندۇر. مۇشرىكلارغا ئوخشىۋېلىش ھەر قانداق ئەھۋالدا
ھارامدۇر. ئىشتاننىڭ ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كەيگۈچىگە «ھوشۇقىنىڭ ئاستى دوزاختا كۆيىدۇ»
(بۇخارىنىڭ ھەدىسى) «ئاللاھ قىيامەت كۈنى قارىمايدۇ، گۇناھىدىن پاكلىمايدۇ، قاتتىق
ئازابقا دۇزاچ بولىدۇ» (بۇخارىنىڭ ھەدىسى) دەپ دوزاخ ئازابى بىلەن خەۋەر بېرىشى
ھەم ئىشتاننى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كېيىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، قىلىنسا
ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى گۇناھى كەبىرە
دائىرىسىگە كىرىدۇ، بۇ ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا كەڭرى تارقالغان فىقھى
قائىدىسىدۇر.
قارايدىغان
بولساق، مۇسۇلمان ئەركەكلەردە ئايال كىشىگە ئوخشىۋېلىش، ئاللاھنىڭ يارىتىشىنى
ئۆزگەرتىش، مۇشرىكلارغا ئوخشىۋېلىش ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىشتىن
ئىبارەت تۆت چوڭ گۇناھ بىراقلا مۇجەسسەملەشكەن ساقال چۈشۈرۈش، ساقال كېسىش ۋە
ساقالنى بىر تۇتامدىن قىسقا قويۇشتەك پاسىقلىق قىلمىشى كەڭ ئەۋج ئالغان. ئىشتاننى
ھوشۇقىدىن ئاشۇرۇپ كىيىش پاسىقلىقىمۇ ھەم كەڭرى يامرىغان. مۇسۇلمانلار سەھىھ ھەدىس
بىلەن قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان ساقالنى كامىل قويۇش ۋە ئىشتاننى
قىسقا كىيىشتىن ئىبارەت قىلىش ئەڭ ئاسان بولغان بۇ پەرزگە قىلچە رىئايە قىلماس
بولۇپ كەتكەن بۇ كۈندە، مۇسۇلمانلارنى ئورۇنداش ھەممىدىن ئاسان بولغان بۇ ئىككى
پەرزگە بۇيرۇش، بۇ قىلمىشلارنىڭ گۇناھىنى مۇسۇلمانلارغا چۈشەندۈرۈش، ساقالنى كامىل
قويۇپ، ئىشتاننى قىسقا كىيىشنى تەشۋىق قىلىش دەل ئىززىدىن ئابدۇسسالام نەزەردە
تۇتۇۋاتقان «زېمىندا قانداق بىر باتىل ئىش يۈز بەرسە، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي
باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىش دىنغا قىلىنغان خىيانەت» كە چۈشۈپ قالماسلىقتۇر.
ساقالنى كامىل قويۇش بىلەن ئىشتاننى قىسقا كىيىشنى تەرك ئېتىشتەك گۇناھى كەبىرە
بىلەن كارى بولماي، ساقالنى كامىل قويۇش بىلەن ئىشتاننى قىسقا كىيىشتەك ھەر-بىر
ئەر يىگىرمە تۆت سائەتتە بىر مىنۇتمۇ خالىي قالمايدىغان بۇ پەرزنى تەشۋىق قىلىشنى
تاشلاپ، «چاشگاھ نامىزىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشتا چىڭ
تۇرۇش...» دېگەندەك نەپلە ئەمەللەرگە ئېسىلىۋېلىش دەل ئىززۇدىن ئابدۇسسالام كۆزدە
تۇتقاندەك «زېمىندا بىر باتىل ئىش يۈز بەرسە ئۇنىڭدىن كىشىلەرنى توسماي، باشقا
ئىشلار بىلەن يۈرۈش دىنغا قىلىنغان خىيانەتتۇر.»
رەسۇلۇللاھقا
ئىمانىڭىز بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئورۇنداڭ.
ساقالنى كامىل قويۇش بىلەن ئىشتاننى قىسقا كىيىشنىڭ نەرى تەس؟ بۇنىڭغا ئەمەل
قىلغان كىشى رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغان كىشىدۇر، ئەمەل قىلمىغان كىشى رەسۇلۇللاھقا
ئاسىي بولغان كىشىدۇر. رەسۇلۇللاھقا ئاسىي بولغان كىشىنى ئاسىيلىقتىن ياندۇرۇشقا
كۈچەش قۇربى يەتكەنلەر، بىلگەنلەر ئۈچۈن پەرز. بىراۋ بوينىدىكى پەرزنى ئادا قىلىش
ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بۇيرۇغان پەرز ئەمەلنى ئورۇندىشى ئۈچۈن تىرىشىپ،
قەلىمى بىلەن جىھاد قىلسا، ئىلىم-دەئۋەت جىھادىغا قارشى ئىسلامىي تون كىيىۋېلىپ
شوئار توۋلاپ چىقىش ئەبۇ لەھەبتىنمۇ بەتتەر خۇمپەرلىك بولماسمۇ؟
ياكى بۇنى
تارقىتىۋاتقۇچى ئىسلامدىن ساۋادى يوق، رەسۇلۇللاھنىڭ «ئىشتاننىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان
قىسىمى دوزاختا» دېگەن بۇخارىنىڭ سەھىھ ھەدىسىدىن ۋە بۇ ھەقتىكى باشقا سەھىھ
ھەدىستىن خەۋىرى يوق، قارا قورساق قەلەمكەشمۇ؟ ۋەياكى بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل
قىلمايدىغان مۇناپىقمۇ؟ ۋەياكى ئۇنىڭ ھوشۇق ۋە تاپىنى دوزاخ ئوتىغا شۇنچە
چىداملىقمۇ؟
رەسۇلۇللاھ
ساقالنى كامىل قويۇشقا، ئىشتاننى قىسقا كىيىشكە بۇيرۇغان بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ
بۇيرۇقىنىڭ دەل ئەكسىچە ساقال چۈشۈرۈش، ساقال كېسىش ۋە ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىشتەك
ھارام ئىش مۇسۇلمانلار ئارىسىغا كەڭرى تارقىلىپ كەتتى. مۇسۇلمانلار ئارىسىغا،
جۈملىدىن نەچچە مىليون ئۇيغۇر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىغا كەڭرى تارقالغان مۇشۇ
ئىش توغرىسىدا پەقەت بىر ئىككى ئۇيغۇر توختىلىپ، خەلقنى بۇ ھەقتە بولسىمۇ
رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قايتىشقا چاقىرىۋاتقانلىقى بىلگەن كىشى ئۈچۈن قوللاشقا،
قەدىرلەشكە تېگىشلىك ياخشى ئىش ئىدى. ئەمما، قىيامەت كۈنىدە «ۋاي ئېسىت، پەيغەمبەر بىلەن بىر يولنى تۇتسامچۇ»
(فۇرقان سۈرىسىنىڭ 28-ئايىتى) دەپ قوللىرىنى ئاغزىغا تىقىپ نادامەت چېكىش
پېشانىسىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن شەقىي كىشىلەر ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدىمۇ بولغاچقا،
رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقلىرى تەشۋىق قىلىنسا، ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئولتۇرالماي قالدى.
ئاللاھ بۇنداقلارنى ئىسلاھ قىلسۇن.
خۇلاسە، ئىززىدىن
ئابدۇسسالام ۋە باشقا رەببانى ئۆلىمالار ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا بولغان بولسا، ئۇيغۇر
ئەرلىرىنى كېچە-كۈندۈزلەپ ساقالنى كامىل قويۇش، ئىشتاننى قىسقا كىيىش پەرىزگە
بۇيرۇغان بولاتتى. بۇ دەل زېمىندا تارقالغان ھارام ئىشنى جىددىي رەۋىشتە توسۇشنىڭ
تەقەززاسىدىن بىرى ئەلۋەتتە.
Yorumlar
Yorum Gönder