ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىشتىن چەكلىگەن ھەدىسلەر

 
ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىشتىن چەكلىگەن ھەدىسلەر

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

[1] ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىشتاننىڭ ئۇزۇنلۇقى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: (بۇ ھەقتە) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: {أبا سعيد الخدري عن الإزار فقال أنا أخبرك بعلم سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول إزرة المؤمن إلى أنصاف ساقيه.}«مۆمىننىڭ ئىشتىنى پاچاقنىڭ يېرىمىغىچىلىك بولىدۇ.» (مۇھەددىس ئەلبانى «سەھىھ جامىئ»، 919-نومۇرلۇق ھەدىس؛ نەسەئىي ۋە زىيائۇلمەقدىسى رىۋايەت قىلغان)
[2] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{ إزرة المؤمن إلى أنصاف ساقيه لا جناح عليه فيما بينه وبين الكعبين ما أسفل من ذلك ففي النار}«مۆمىننىڭ ئىشتىنى پاچىقىنىڭ يېرىمىغا كەلگۈچە بولىدۇ. ئىشتاننىڭ ئۇزۇنلۇقى پاچاقنىڭ يېرىمىدىن ھوشۇققىچىلىك بولسا دۇرۇس بولىدۇ. ھوشۇقتىن ئاشقىنى دوزاختا بولىدۇ.» (مۇھەددىس ئەلبانى «سەھىھ جامىئ»، 920-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنى يەنە تەبرانى «ئەلئەۋسەت» تە؛ نەسائىي «سۇنەن نەسائىي» دا؛ ئىبنى ھەجەر بۇخارى شەرھى «فەتھۇلبارى» دا؛ ئىمام ئەھمەد «مۇسنەد ئەھمەد» تە؛ ئىمام مالىك «مۇۋەتتائ» تا نەقىل قىلغان)
[3] ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{ إزرة المؤمن إلى أنصاف ساقيه لا جناح عليه فيما بينه وبين الكعبين ما أسفل من ذلك ففي النار ما أسفل من ذلك ففي النار لا ينظر الله يوم القيامة إلى من جر إزاره بطرا} «مۆمىننىڭ ئىشتىنى پاچىقىنىڭ يېرىمىغا كەلگۈچە بولىدۇ. ئىشتاننىڭ ئۇزۇنلۇقى پاچاقنىڭ يېرىمىدىن ھوشۇققىچىلىك بولسا دۇرۇس بولىدۇ. ھوشۇقتىن ئاشقىنى دوزاختا بولىدۇ. كىمكى كىبىر قىلىپ ئىشتىنىنى ئۇزۇن كىيسە، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ.» (مۇھەددىس ئەلبانى «سەھىھ جامىئ»، 921-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنى يەنە تەبرانى «ئەلئەۋسەت» تە؛ نەسائىي «سۇنەن نەسائىي» دا؛ ئىبنى ھەجەر بۇخارى شەرھى «فەتھۇلبارى» دا؛ ئىمام ئەھمەد «مۇسنەد ئەھمەد» تە؛ ئىمام مالىك «مۇۋەتتائ» تا نەقىل قىلغان؛ ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ھىببان، بەيھەقى قاتارلىقلارمۇ نەقىل قىلغان)
[4] [ياخشىلار باغچىسى 791-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھ قىيامەت كۈنى چوڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى يەرگە سۆرەلدۈرۈپ كىيگەن كىشىنىڭ يۈزىگە (رەھمەت نەزىرى بىلەن) قارىمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دىققەت قىلمىسام مېنىڭ كىيىمىمنىڭ ئېتىكى يەرگە سۈرۈلۈپ قالىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «سەن چوڭچىلىق يۈزىسىدىن شۇنداق قىلىدىغانلاردىن ئەمەس» دېدى.(بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 3665، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان)
[5] [ياخشىلار باغچىسى 792-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ قىيامەت كۈنى كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) چوڭچىلىق قىلىش يۈزىسىدىن يەرگە سۆرەلدۈرۈۋالىدىغان كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ،» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 5788، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان)

[6] [ياخشىلار باغچىسى 793-نومۇرلۇق ھەدىس]
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئەرلەر ئۈچۈن) كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان قىسىمى دوزاختىدۇر.»(بۇخارى 5787-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
[7] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باردۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ بۇنداقلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى (گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب (دوزاخ) بار» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ زەر «بۇ كىشىلەر ئازابقا ئۇچراپ ھالاك بولدى. (بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى) كىم ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
(ئۇلار) «ئىشتاننى ئۇزۇن كىيگۈچى، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى، مېلىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنغان كىشىدۇر» دېدى.
ئىمام مۇسلىمدىن كەلگەن رىۋايەتتە «ئاستىغا كىيگەن كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) يەرگە سۆرەپ كىيگۈچى» دېيىلگەن.(مۇسلىم 106-نومۇرلۇق ھەدىس)
يۇقارقى ھەدىسلەرنىڭ مۇپەسسەل شەرھىسى ئۈچۈن تور بېتىمىزدىكى تۆۋەندىكى پەتىۋانى زىيارەت قىلىڭ:http://menhej.blogspot.com.tr/2017/04/blog-post_11.html#more
يۇقارقى شەرھنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق:
ئىشتاننى كىبىر قىلماستىن ئۇزۇن كىيگۈچىنىڭ ئىككى ھوشۇقى ئاستى بىلەن قوشۇلۇپ دوزاختا كۆيىدۇ، ئۇنىڭغا مۇشۇ بىرلا جازا بېرىلىدۇ. كىبىر قىلىپ ئۇزۇن كىيگۈچى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ گەپ قىلماسلىقى، رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىماسلىقى، گۇناھلىرىىدىن پاكلىماسلىقى، دەھشەتلىك دوزاخ ئازابىغا ئۇچرىشى قاتارلىق تۆت جازاغا يولۇقىدۇ.
--
ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلمايدىغان، دوزاختا كۆيۈشتىن قورقمايدىغان، رەسۇلۇللاھ دوزاختىن خەۋەر بېرىۋاتسا ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىۋېرىدىغان ھارامخور، شەقىي بەندىلەردىن بولسىڭىز، دوزاخ ئوتىغا ئەڭ كامىدا ھوشۇقىڭىزنى ئاستىنى تەييارلاپ خالىغان ئىشىڭىزنى قىلىپ ياشاۋەرسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر ئىمان كېكىردىكىڭىزدە توختاپ قالماستىن قەلبىڭىزگە ئورناشقان مۆمىن بولسىڭىز، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ سىزگە رەھمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئىشتىنىڭىزنى ھوشۇقتىن ئاشۇرماي كىيىڭ. ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ ئىشتان كىيسىڭىز بەرىبىر ئىقتىسادىي كىرىمىڭىز ئېشىپ قالمايدۇ، شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولۇپ قالمايدۇ، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆرمەتلىك بولۇپ پېشىۋا بولۇپ كەتمەيسىز؛ خىزمەت تاپالمىغان بولسىڭىز ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىش بىلەن خىزمەتكە ئېرىشەلىشىڭىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئىشتاننى ئۇزۇن كەيسىڭىزمۇ، بەرىبىرى تۈركىيە سىزگە ۋەتەنداشلىقنى بەرمەيدۇ. ۋەتەنداشلىقنى بېرىپ بولغان بولسا، ئىشتاننى ئۇزۇن كەيگەنلىكىڭىزنى مۇبارەكلەپ سىز ئۈچۈن مال باھاسىنى چۈشۈرۈپ بەرمەيدۇ. شۇنداقلا، ئىشتانى ئۇزۇن كىيسىڭىز ئۇيغۇرلار سىزنى ھۆرمەتلەپ ئۆزىگە داھىي قىلىپ سايلىۋالمايدۇ.
دېمەك، ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىش بىلەن دۇنيالىقتا ئارتۇق بىرەر مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيسىز. ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىشتىن دۇنياۋىي مەنپەئەت، نام شۆھرەت ياكى ماختاش تەلەپ قىلمايمەن دېسىڭىز، ئۇ ھالدا بىلىڭكى، ئاخىرەتتە دوزاخ ئوتىدا كۆيىسىز. سۆزۈمگە يۇقارقى يەتتە سەھىھ ھەدىس گۇۋاھ. سىزنى دوزاخ ئوتىدا كۆيۈشتىن ساقلانسۇن، دەپ بۇ يازمىنى تەييارلىدىم. بۇرۇن ئۇزۇن كىيگەن بولسىڭىز، تەۋبە قىلىپ، دەرھال ئىشتانلىرىڭىزنى قىسقارتىپ، ھوشۇقنىڭ ئۈستىدە كىيسىڭىز ئاللاھ بۇ قىلمىشىڭىزدىن رازى بولىدۇ. بۇرۇنقى گۇناھلىرىڭىزنى مەغفىرەت قىلىدۇ. بۇ ھەدىسلەرنى تارقاتسىڭىز رەسۇلۇللاھنىڭ «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار...» دېگەن بۇيرۇقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش يولىدىكى بىر مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلغان بولىسىز. ئەمما، ئوقۇپ قويۇپ ئەمەل قىلمىسىڭىز، ياكى تارقىتىپ قويۇپ ئەمەل قىلمىسىڭىز – رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تەستىقلىمايدىغان، بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلمايدىغان ئەڭ شەقىي ئىنسانلار قاتارىدا ياشايسىز ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىسىز. ئىشتاننى ھوشۇقنىڭ ئۈستىدە كېيىشكە ھېچقانداق جاپا كەتمەيدۇ، ناماز ۋە روزا قاتارلىق ئىبادەتلەردەك جاپا تارتماستىنلا ئورۇندايسىز. شۇنداقلا ئىشتاننى قىسقا كىيىشكە ھېچقانداق ئىقتىسادمۇ كەتمەيدۇ. ئىشتاننى قىسقا كىيىش ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئاسىنى جۈملىسىدىن. شۇڭا رەسۇلۇللاھ «جەننەت سىلەرگە ئايىغىڭلارنىڭ شوينىسىدىنمۇ يېقىن، دوزاخمۇ ئايىغىڭلارنىڭ شوينىسىدىنمۇ يېقىن» دېگەن. دىندا چەكلەنگەن، شۇنداقلا ئەمەل قىلىش تولىمۇ ئاسان بىر ئىشقا ئەمەل قىلماي يۈرسىڭىز «دوزاخ ئايىغىڭىزنىڭ شوينىسىدىنمۇ يېقىن» بولغان كىشىلەردىن بىرى دەل سىز بولۇپ قالىسىز. ئاللاھ سىزگە ۋە ھەممىمىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىسۇن.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟