«دىن قېرىندىشىدىن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق يۆز ئۆرۈشى ھالال ئەمەس» ھەدىسىنىڭ شەرھى
[«بۇلۇغۇلمەرام»
1461-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ ئەييۇب
ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق
دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق
تەرك ئېتىشى، ئۇچراشقىنىدا بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشى ھالال ئەمەس. ئۇ ئىككىسىدىن ئەڭ
ياخشىسى ئاۋۋال سالام بەرگىنىدۇر.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم
رىۋايەت قىلغان)
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرىنىڭ بۇ ھەدىسكە شەرھى: «ئۈچ
كۈندىن ئارتۇق تەرك ئېتىشى» بىر مۆمىننىڭ يەنە بىر مۆمىن بىلەن ئۇچراشقىنىدا
گەپلەشمەي بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشى دېمەكتۇر.
[فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]
[فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]
Yorumlar
Yorum Gönder