بىر مىليون ھەدىس ياد ئالغان مۇھەددىسلەر ئىمامى



بىر مىليون ھەدىس ياد ئالغان مۇھەددىسلەر ئىمامى

ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھ «سىفەتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدە ئىمام ئەھمەدنىڭ تەرجىمىھالىنى بايان قىلىپ، مۇنۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان:
ئەبۇ زۇرئا : ئىمام ئەھمەد ئىبن ھەنبەل بىر مىليون ھەدىس يادىلىغانىدى، دېۋىدى، باشقىلار «سەن قانداق بىلىسەن؟» دېدى، ئۇ:
 ـــ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتىم، ئۇنىڭدىن (ھەربىر ھەدىسكە قوشۇپ، شۇ ھەدىس كەلگەن) بابلارنىڭ ماۋزۇسىنىمۇ ئاڭلىدىم،ـــ دېدى.

ئەبۇ جەئفەر ئىبن ئەھمەد ئىبن مۇھەممەد ئىبن سۇلايمان تۇستەرى ئېيتىدۇكى، ئەبۇ زۇرئادىن «ھەدىس شەيخلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ھەدىس يادلىغان كىمنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورالغانىدى، ئۇ «ئەھمەد ئىبن ھەنبەلنى كۆردۈم. ئۇ ۋاپات بولغان كۈنى، كىتابلىرى توپلىنىۋىدى، 12 تۆگىگە يۈك بولغۇدەك كىتاب چىقتى. كىتابنىڭ يا تېشىغا، يا ئىچىگە پالانىنىڭ ھەدىسى دەپ يېزىلمىغانىدى. چۈنكى، ئۇ بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىنى يادقا بىلەتتى» دېدى.

ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھ «سىفەتۇس سەفۋا»، 555 - بەت

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟