جىھاد قىلماي ياكى جىھادنى ئارزۇ قىلماي ئۆلۈش نىفاق ئۈستىدە ئۆلۈشتۇر
مۇئەللىپ:
ئىمام ئىبنى ھەجەر
شەرھلىگۈچى: مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى
(سەفىيۇرراھمان
مۇبارەكفۇرى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق «شېرىن بۇلاق» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ
ئاپتورىدۇر. ھىندىستانلىق بۇ سەلەفىي ئالىم 2007-يىلى ۋاپات بولغان)
جىھاد كىتابى
[1258] عَنْ
أَبِي هُرَيْرَةَ رَ ضِيَ اَللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اَللَّهِ - صلى
الله عليه وسلم -{ " مَنْ مَاتَ وَلَمْ يَغْزُ, وَلَمْ يُحَدِّثْ نَفْسَهُ
بِهِ, مَاتَ عَلَى شُعْبَةٍ مِنْ نِفَاقٍ" } رَوَاهُ مُسْلِمٌ(1910)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«كىمكى غازات قىلماستىن ۋە غازات قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن
ئۆلسە، نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم
رىۋايەت قىلغان؛ 1910-نومۇرلۇق ھەدىس)
شەرھ:
«جىھاد» نىڭ لۇغەت مەنىسى قىيىنچىلىق ۋە غەيرەت
كۆرسىتىشتە مۇبالىغە مەنىسىدە بولۇپ؛ جىھادنىڭ شەرئىي مەنىسى: دىننى مۇداپىئە
قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ ۋە ئاسىيلارنىڭ
ئۆلتۈرۈلۈشى جەھەتتە غەيرەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
«غازات قىلماستىن ۋە غازات قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن
ئۆلسە» يەنى دىن دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشماستىن ئۆلسە ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشۇش
ئىمكانى تېپىلغان، بۇنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىمىسا ۋە بۇنى
نىيەت قىلمىسا «نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.»
[ئاللاھ چىن دىلدىن قىلىنغان سەمىمىي نىيەتنىمۇ،
سەمىمىيەتسىز ساختا نىيەتنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا ئاشكارا ۋە
يوشۇرۇننى بىلگۈچىدۇر. جىھاد قىلىش نىيىتىم بار دەپ كۆڭلىنىڭ بىر يېرىگە پۈكۈپ
قويۇپ ئۆز دۇنيالىق ئىشى بىلەن يۈرۈۋەرسە، بۇ سەمىمىيەتسىز نىيەتتۇر. بۇ ھەرگىزمۇ
جىھاد قىلىشنى ئارزۇ قىلىش جۈملىسىدىن ئەمەس.]
Yorumlar
Yorum Gönder