يۈزىنى ياپقان ئاياللارنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ھۆكمى

 
يۈزىنى ياپقان ئاياللارنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ھۆكمى

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 4127 – نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىكى 2 – سوئال

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سوئال: ئاياللارنىڭ يۈز يېپىشىنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ھەرقانداق بىراۋ مەيلى ئاياللارنىڭ يۈز يېپىشىدا ياكى باشقا ئىشلاردا، ئەر – ئايال مۇسۇلمانلارنى شەرىئەتكە بويسۇنغانلىقى سەۋەبلىك مەسخىرە قىلىدىكەن، ئۇ كاپىردۇر.
چۈنكى، ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «تەبۇك غازىتىدا بىر ئادەم بىر سورۇندا: بىزنىڭ ئەنە شۇ قارى ـ قۇرئانلىرىمىزغا ئوخشاش قورساققا ئامراق، يالغان سۆزلەيدىغان، جەڭ مەيدانىدا قورقۇنچاقلىق قىلىدىغان ئادەملەرنى كۆرمىدىم،- دېدى. مەسچىتتە تۇرغان بىر ئادەم: يالغان ئېيتتىڭ، سەن ھەقىقەتەن مۇناپىق ئىكەنسەن، سېنىڭ بۇ سۆزۈڭنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چوقۇم يەتكۈزىمەن،- دېدى. بۇ ئەھۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېتىپ باردى. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ئايەتمۇ نازىل بولدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىياللاھ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇ مۇناپىقنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىنىڭ بەل تاسمىسىغا ئېسىلىۋالغانلىقىنى، تاشلارغا پۇتلىشىپ پۇتلىرىنىڭ جاراھەتلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز بۇ سۆزنى راستىن ئەمەس، پەقەت چاقچاق قىلىپ (ئوينىشىپ) دەپ قويغانىدۇق،- دېگەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: {وَلَئِن سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ ۚ قُلْ أَبِاللَّـهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ ﴿٦٥لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ ۚ إِن نَّعْفُ عَن طَائِفَةٍ مِّنكُمْ نُعَذِّبْ طَائِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ} ﴿«سىلەر ئاللاھ نىڭ دىنىنى، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟ (65) سىلەر ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى، مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز» دېگەن ئايەتنى ئوقۇغانلىقىنى كۆردۈم».
دېمەك، بۇ يەردە مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىش ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى، پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلغانغا باراۋەر.(ئايەتتىكىگە ئوخشاش شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ھەر قانداق ئىشنى مەسخىرە قىلىش كاپىرلىق.).
ئاللاھتىن تەۋپىق تىلەيمىز. دۇرۇد – سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلەرگە بولغاي.
پەتىۋا بەرگۈچىلەر:
كومىتېت رەئىسى: ئەللامە ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز
كومىتېت مۇئاۋىن رەئىسى: ئابدۇرازاق ئەفىفى
ئەزا مۇفتىلار: ئابدۇللاھ ئىبن غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبن قائۇد

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟