ئالتە ھەدىس كىتابىنىڭ ئاپتورى
ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى كىم ، ئۇلارنىڭ
كىتاپلىرىدا ئاجىز ھەدىيسلەر بارمۇ ؟
Published Date: 2007-02-16
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى :
1- ئىمام بۇخارىي
2- ئىمام مۇسلىم
3- ئىمام ئەبۇ داۋۇت
4- ئىمام تىرمىزىي
5- ئىمام نەسائىي
6- ئىمام ئىبنۇ ماجەھ
ئۇلارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى تۆۋەندىكىچە :
1- ئىمام بۇخارىي
2- ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى - ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەت
بىن ئىسمائىيل بىن ئىبراھىيم بىن مۇغىيرەھ بىن بەردىزبەھ جەئىفىي بۇخارىي . ئۇنىڭ
بوۋىسى مۇغىيرەھ - بۇخارانىڭ ۋالىسى يەمان جەئىفىينىڭ ئازاتگەردىسى بولغاچقا ، مۇسۇلمان
بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىپ جەئىفىينى تەخەللۇس قىلغان . ئىمام بۇخارىي
ھ 194-يىلى بۇخارادا تۇغۇلغان . ئۇ يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغان ھەمدە ئون يېشىدىن بۇرۇن
ھەدىسلەرنى يادقا ئېلىشقا باشلىغان . ئۇ يېگىت بولغاندا مەككىگە سەپەر قىلغان ھەمدە
ھەج ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان . ئۇ بىر مەزگىل مەككىدە قىلىپ ، فىقھى، دىن ئاساسلىرى
ۋە ھەدىيس ئىماملىرىنىڭ قولىدا ئوقۇغان . ئاندىن ئۇ ساياھەت قىلىشنى ، بىر ئىسلام
رايونىدىن يەنە بىر ئىسلام رايونىغا بېرىشنى تولۇق 16 يىل داۋاملاشتۇرغان . ئۇ نۇرغۇن
بىلىم مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلغان ، ئۇيەردىن پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەدىيسلىرىنى توپلىغان ، ئاخىرى ئۇ جەمئىي 600،000 دىن
ئارتۇق ھەدىيسنى يېغىپ چىققان . ئۇ بىر مىڭ ھەدىيسشۇناسقا مۇراجىئەت قىلغان ۋە ئۇنى
ئۇلار بىلەن مۇزاكىرە قىلغان . بۇ ئالىملار ئۆزىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى ، تەقۋالىقى ،
ساغلام ئەقىدىسى تونۇلغان كىشىلەردۇر . بۇ زور مىقداردىكى ھەدىيسلەردىن ئۇ ئۆزىنىڭ
كىتابى [سەھىيھۇل بۇخارىي] نى تۈزۈپ چىققان،
ھەمدە تەتقىقاتىدا ھەدىسلەرنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشى
ۋە توغرا ھەدىيسلەرنى ئاجىز ھەدىيسلەردىن ئايرىشتا ، ھەمدە نەقىل قىلغۇچىلارنى سۈرۈشتە
قىلىشتا ئەڭ ئىنچىكە ئىلمىي كۆرسەتمىلەرگە ئەگەشكەن، شۇنداق قىلىپ ئۇ كىتابىغا
توغرا ھەدىيسلەرنىڭ توغرىسىنى خاتىرلىگەن ، لىكىن ئۇ بارلىق توغرا ھەدىيسلەرنى ئۆز
ئىچىگە ئالمىغان . كىتاپنىڭ تولۇق ئاتىلىشى - [الجامع الصحيح المسند من حديث رسول الله صلى
الله عليه وسلم وسننه وأيامه ] .
بۇخارانىڭ ۋالىسى بۇخارىينى ئۆيىگە كىلىپ
بالىلىرىغا دەرىس ئۆتۈپ بېرىشىنى ۋە ئۇلارغا ھەدىيسلەرنى ئوقۇپ بېرىشىنى ئويلىغان
، بىراق بۇخارىي ئۇنىماي ئۇنىڭغا خەت ئەۋەتكەن : « بىلىم ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىزدىلىشى
كىرەك .» مەنىسى ، بىلىم ئاپىرىپ بېرىلمەيدۇ ، ئەكىتىلىدۇ . ئالىملاردىن بىر نەرسە
ئۆگەنمەكچى بولغان ئادەم ئۇلارنىڭ قېشىغا مەسچىتكە ياكى ئۆيىگە بېرىشى كىرەك . شۇنىڭ
بىلەن ۋالىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىكى قوزغۇلۇپ ئۇنى بۇخارادىن چىقىرۋىتىشكە بۇيرىغان .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەمەرقەند كە يېقىن خەرتەنك يېزىسىغا كەتكەن ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى
بولۇپ ، ئۇ تاكى ھ 256- يىلى 62 يېشىدا ۋاپات بولغۇچە ئۇ يەردە ياشىغان . ئاللاھ ئۇكىشىگە
رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
2 - ئىمام مۇسلىم
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مۇسلىم بىن ھەججاج بىن مۇسلىم
قۇشەيرىي، نىساپورىي ئەبۇل ھۇسەيىن . ئۇ ئاساسلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى ھەمدە ئەڭ
بىلىملىكلەرنىڭ بىرى . ئۇ ئىمام شافىئىي ۋاپات بولغان كۈندە، ھ 204-يىلى نىساپوردا
تۇغۇلغان . ئۇ نىساپوردا ئوقۇغان ، ھەمدە چوڭ بولغاندا ھەدىيس ئۆگىنىش ئۈچۈن ئېراق
ۋە ھىجاز سەپەر قىلغان . ئۇ نۇرغۇن پېشىۋالاردىن ھەدىيسلەر ئاڭلىغان ھەمدە نۇرغۇن
ھەدىيشۇناسلار ئۇنىڭدىن ھەدىيس نەقىل قىلغان . ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق كىتابى - ئۇنىڭ [سەھىيھۇل
مۇسلىم ] كىتابى . بۇ ئىشەنچىلىك ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى . ئۇ بۇ كىتاپنى تۈزۈشكە
15 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلغان ، ھەمدە ئۇ سەھىيھۇل بۇخارىيغا قارىغاندا ئورۇن
ۋە ھەدىيسلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . نۇرغۇن ئالىملار ئۇنىڭ
كىتابىغا شەرھىيلەرنى يازغان .
ئۇنىڭ كىتاپلىرى يەنە[ كتاب الطبقات ]، [كتاب الجامع ] ، [كتاب الأسماء ] ۋە باشقا باسما ۋە قوليازما شەكلىدىكى
كىتاپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇ نەسەرئاباد شەھرىدە ، ھ 261- يىلى ، 57 يېشىدا ۋاپات
بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
3- ئىمام ئەبۇ داۋۇت
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى - سۇلەيمان بىن ئەشئەس بىن شەدداد
بىن ئامىر بىن ئىسھاق بىن بەشىير ئەزدىي ، سەجىستانىي ، سەجىستانلىق . ئەبۇ داۋۇت
ئۆز دەۋرىدىكى ئاساسلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى . ئۇ [سۈنەنى ئەبۇ داۋۇت]نىڭ
ئاپتورى ، ئۇ ئالتە ئىشەنچىلىك ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى . ئۇ ھ 202-يىلى تۇغۇلغان
. ئۇ باغداتقا سەپەر قىلىپ ئۇ يەردە ئىمام ئەھمەت بىن ھەنبەل بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە
ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالغان ؛ ئۇ يەنە ئۇنىڭغا ئوخشايىتتى . ئۇ يەنە ھىجاز ، ئېراق
، خۇراسان ، سۈرىيە ، مىسىر، ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ چىگرالىرىغىچە بارغان . نەسائىي
، تىرمىزىي ۋە باشقىلار ئۇنىڭدىن ھەدىيس نەقىل قىلغان . ئۇ تەقۋالىق ۋە توغرا يوللۇق
بولۇشتا ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە يەتكەن . ئۇنىڭ كىتابى سۇنەن 5300 دىن ئارتۇق ھەدىيسنى
ئۆز ئىچىگە ئالغان .
خەلىفە ئەبۇ ئەھمەت تەلھە ( مۇۋەففەق ئەبباسىي )
ئۇنىڭدىن ئۈچ نەرسىنى سورىغان : بىرىنچىسى ، ئۇ بەسرەگە كۆچىشى ۋە ئۇيەردە ئولتۇراقلىشىشى
كىرەك ، شۇنداق بولغاندا بىلىم ئىزدىگۈچىلەر ئۇنىڭ قېشىغا كىلەلەيدۇ ، ھەمدە شۇنداق
قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ . ئىككىنچىسى
، ئۇ [سۇنەن] نى بالىلىرىغا ئۆگىتىشى كىرەك . ئۈچىنچىسى ، ئۇ بالىلىرىغا مەخسۇس
سىنىپ بېرىشى كىرەك ، چۈنكى خەلىفىنىڭ بالىلىرى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئولتۇرماسلىقى
كىرەك . ئەبۇ داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دىگەن : بىرىنچىسىگە بولىدۇ ؛ ئىككىنچىسىگە
بولىدۇ ؛ ئەمما ئۈچىنچىسىگە بولمايدۇ ، چۈنكى ھەممە ئادەم بىلىمنىڭ ئالدىدا باراۋەر
. شۇنىڭ بىلەن مۇۋەففەق ئەبباسىينىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ دەرىسلىرىگە قاتنىشىدىغان ، ھەمدە
ئۇلار بىلەن باشقا كىشىلەر ئوتتۇرسىدا پەردە تارتىلىپ ئولتۇرىدىغان بولدى . ئۇ
تاكى ھ 275-يىلى ۋاپات بولغۇچە بەسرە دە تۇرۇپ قالدى . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت
قىلسۇن .
4- ئىمام تىرمىزىي
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى - مۇھەممەت بىن ئېيسا بىن سورەھ
بىن مۇسا بىن زەھھاك سەلەمىي ، تىرمىزىي ، ئەبۇ مۇسا . ئۇ ماۋەرائۇننەھىر شەھەرلىرىنىڭ
بىرى بولغان تىرمىزلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تىرمىزىي دەپ ئاتالغان . ئۇ ئاساسلىق ھەدىيشۇناسلار
ۋە ھەدىيس يادلىغۇچىلارنىڭ بىرى . ئۇ ھ 209-يىلى تۇغۇلغان ھەمدە بۇخارىينىڭ قولىدا
ئوقۇغان ؛ ھەمدە ئۇلار بەزى ئۇستازلاردىن بىرلىكتە دەرىس ئالغان . ئۇ خۇراسان ، ئېراق
ۋە ھىجازغا سەپەر قىلىپ ھەدىيس ئىزدەشنى باشلىغان . ئۇ ھەدىيسلەرنى يادلىشى ، ئىشەنچىلىكلىكى
ۋە بىلىمى بىلەن داڭق قازانغان .ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئەھمەت بىن ھەنبەل ، ئەبۇ داۋۇت
سەجىستانىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇ [ جامىئۇت تىرمىزىي] نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ
ئالتە ئىشەنچىلىك ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . بۇ كىتاپتا ئۇ ، ھەدىيسلەرنى
تەپسىلىي سۈرۈشتە قىلغان بولۇپ ،فىقھىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىلىق ، چۈنكى ئۇ تىغا
ئالغان ھەدىيسلەرنىڭ كۆپىنچىسى فىقھىنىڭ ئەھكاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك . ئۇ
ئىسنادلارنى تىلغا ئالىدۇ ، ھەدىيسنى نەقىل قىلغۇچى ساھابىلارنى تىزىملاپ چىقىدۇ ،
شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا ھەدىيس دەپ ئىشەنگەنلىرىنى توغرا دەپ يازىدۇ ، ئاجىز دەپ ئىشەنگەنلىرىنى
ئاجىزدەپ يازىدۇ .ئۇ فىقھىشۇناسلارنىڭ ئىچىدە كىمنىڭ بۇ ھەدىيسنى قوبۇل
قىلغانلىقىنى ،كىمنىڭ قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ . ئۇنىڭ [جامىئى] سى [سۇنەن]
كىتاپلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ دائىرلىك، ھەمدە ھەدىيسشۇناسلار ۋەفىقھىشۇناسلار ئۈچۈن ئەڭ
ئىشلىتىلىشچان كىتاپتۇر . ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى[ كتاب الشمائل النبوية ], [العلل في الحديث ] نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئۇ شەھەرلەرنى
ئايلىنىپ كۆزگە كۆرۈنگەن ، بىلىمى چوڭقۇر ئالىملاردىن توغرا نەقىللەرنى
توپلىغاندىن كىيىن ، ھاياتىنىڭ كىيىنكى قىسمىدا ئەما ياشىغان . ئۇ ھ 279- يىلى 70
يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
5- ئىمام نەسائىي
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى - ئەھمەت بىن شۇئەيىب بىن ئەلىي
بىن سىنان بىن بەھر بىن دىنار نەسائىي ، ئەبۇ ئابدۇرراھمان . ئۇ خۇراساننىڭ نەسا شەھرىدىن
كەلگەنلىكى ئۈچۈن نەسائىي دەپ ئاتالغان .
ئۇ ھ 215-يىلى تۇغۇلغان ، ھەمدە ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى
ئاساسلىق ئالىملار ۋە ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ [جرح وتعديل ] ھەققىدىكى شەرھى
ئالىملار تەرىپىدىن يۇقۇرى باھاغا ئېرىشكەن .ھاكىم مۇنداق دىگەن : مەن ئەبۇ ھەسەن
دارەقۇتنىينىڭ نەچچە قىتىم : ئەبۇ ئابدۇرراھمان - بارلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ ئىچىدە
بىرىنچىسى ، ھەم ئۆز دەۋرىدە ، نەقىل قىلغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى باھالىغۇچى ،دىگەنلىكىنى
ئاڭلىدىم .
ئۇ ئىنتايىن تەقۋا ۋە توغرا يوللۇق ئىدى ، ھەمدە
ئۇ ئەڭ ياخشى روزىنى(داۋۇدنىڭ روزىسى) تۇتۇشقا داۋاملىق ئادەتلەنگەن بولۇپ كۈن
ئالماشتۇرۇپ روزا تۇتاتتى . ئۇ مىسىردا ياشىغان ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ كىتابى نام
تاپقان ھەمدە كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن . ئاندىن ئۇ دەمەشىققە كۆچكەن ، ئۇ يەردە
ھ 300-يىلى سەپەرنىڭ 13 ، دۈشەنبە كۈنى 85 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت
قىلسۇن .
6- ئىمام ئىبنۇ ماجەھ .
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى - مۇھەممەت بىن يەزىد رەبئېىي
، قەزۋەينىي ، ئەبۇ ئابدۇللاھ . ئۇنىڭ دادىسى يەزىد ماجەھ دەپ تونۇلغانلىقى ئۈچۈن
، ئۇمۇ ئىبنۇ ماجەھ دەپ تونۇلغان . رەبئېىي دىگەن ئىسىم رەبىيئەنى كۆرسىتىدۇ ، چۈنكى
ئۇنىڭ دادىسى رەبىيئەنىڭ ئازاتگەردىسى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان .
ئۇ بىر داڭلىق ھافىز ھەمدە [سۇنەن] دەپ ئاتالغان
ھەدىيس كىتابىنىڭ ئاپتورى . ئۇ ھ 209-يىلى قەزۋەيىندە تۇغۇلغاچقا قەزۋەينىي دەپ
ئاتالغان . ئۇ ئېراق ، بەسرە، كۇفە ، باغداد ، مەككە ، سۈرىيە ، مىسىر ۋە رەيگە ھەدىيس
يېزىش ئۈچۈن بارغان . ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سەپەرلىرىدە ئۈچ كىتاپنى يازغان : تەپسىر ھەققىدە
بىر كىتاپ ؛ تارىخ ھەققىدە بىر كىتاپ ، بۇنىڭدا ساھابىلار دەۋرىدىن ئۆز دەۋرىگىچە
بولغان ، سۈننەت ھەققىدىكى نەقىللەرنى خاتىرلىگۈچى كىشىلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يازغان
؛ ھەمدە ئۇنىڭ [سۇنەن] ناملىق كىتابى . ئىبنۇ ماجەھ ھ 273- يىلى رامىزاننىڭ 22 ، دۈشەنبە
كۈنى 64 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
بۇ كىتاپلاردىكى ھەدىيسلەرنىڭ ھۆكمى :
سەھىيھۇل بۇخارىي ۋە سەھىيھۇل مۇسلىمغا كەلسەك ،
ئۇممەت بۇ كىتاپلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەدىيسلەرنى قوبۇل قىلدى ، ھەمدە ئۇلار بۇ
كىتاپلاردىكى ، بۇخارىي ۋە مۇسلىم ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن توغرا ئەمەسلىكىنى ئىنىق
ياكى مۇجمەل ھالدا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن نەقىل قىلغان ئىنتايىن ئاز ئىبارىلەردىن باشقا
ھەممىسىنىڭ توغرا(سەھىيھ) ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى ، ئالىملار بۇ ئىككى كىتاپقا
ئىلاۋىلەرنى يازدى ، مەسىلەن ، ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىييە ئۇنى چۈشەندۈرگەن .باشقا
سۈنەن كىتاپلىرىغا كەلسەك ، ئۇلار ئاندا-مۇندا ئاجىز ھەدىيسلەردىن خالى ئەمەس . ئۇلارنىڭ
بىرقىسمىنى ئاپتورلارنىڭ ئۆزى شۇنداقلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن . قالغانلىرى بولسا
باشقا ئالىملار تەرىپىدىن كۆرسۈتۈپ ئۆتۈلگەن . ئۇلار ئاجىز ھەدىيسلەرنىڭ ھەممىسىنى
بايان قىلمىغان ، چۈنكى ئۇلار ھەدىيسلەرنى ئىسنادلىرى بىلەن نەقىل قىلغان ، شۇڭا ئالىملارغا
نەقىل قىلغۇچىلار زەنجىرىنى تەكشۈرۈش ،ھەمدە كىمنىڭ ئىشەنچىلىك ، كىمنىڭ
ئاجىزلىقىنى بىلىش ئارقىلىق توغرا ھەدىيسلەرنى ئاجىزلىرىدىن تونۇش ئاسان .
بۇ ساھەدە داڭلىق ئالىملاردىن ، ئەھمەت ، دارەقۇتنىي
، يەھيا بىن مەئېىين ، ئىبنۇ ھەجەر ، زەھەبىي ، ۋاقىي ، ۋە شەۋكانىيلار بار . بۇ
ساھەدە ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن ئەلبانىي ، ئەھمەت شاكىر ۋە باشقىلار بار . ئاللاھ
ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەت سالىھ مۇنەججىد
www.islamqa.com
Yorumlar
Yorum Gönder