ئاللاغا ھەمدى ئوقۇش تارازا-مىزاننى توشقۇزىدۇ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«پاكىزلىق
ئىماننىڭ يېرىمىدۇر. ئاللاغا ھەمدى ئوقۇش تارازا-مىزاننى
توشقۇزىدۇ. ‹سۇبھانەللاھ›(ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن)،‹ئەلھەمدۇلىللاھ›(بارلىق
ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر)، دېگەن كەلىمە ئاسمان-زېمىننىڭ
ئارىسىنى توشقۇزىدۇ. ناماز نۇردۇر. سەدىقە (بەرگۈچىنىڭ ئىمانىغا) پاكىتتۇر. سەۋر جۇلالىنىپ تۇرغان نۇردۇر.
قۇرئان كەرىم (ئەمەل قىلساڭ) سېنىڭ
پايداڭغا ياكى (ئەمەل قىلمىساڭ) زىيىنىڭغا ھۆججەتتۇر.
ھەر قانداق ئىنسان ئەتىگەندە ئۆزى ئۈستىدە ئېلىم-سېتىم قىلغۇچىدۇر.
ئۇ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغۇچىدۇر ياكى ئۆزىنى ھالاك قىلغۇچىدۇر.» ــ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
Yorumlar
Yorum Gönder