ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ يېشىللىشىدىغانلىقى ۋە سۈننەتنىڭ ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىي ئىكەنلىكى توغرىسىدا



ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ يېشىللىشى ۋە سۈننەتنىڭ ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىي ئىكەنلىكى توغرىسىدا
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{ لَا تَقُومُ السَّاعَةُ حَتَّى تَعُودَ أَرْضُ الْعَرَبِ مُرُوجًا وَأَنْهَارًا }«تاكى ئەرەبلەرنىڭ زېمىنىدا يايلاقلار پەيدا بولۇپ، دەريالار ئاقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ.» (مۇسلىم 157)
زامانىمىزدىكى پەن تەتقىقاتچىلىرىدىن دوكتور زەغلۇل نەججار ۋە شەيخ ئابدۇلمەزجىد زىندانى قاتارلىق شەيخلەرنىڭ بۇ ھەقتە غەرب گىئولوگلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ ئىلگىرى يېشىلچىلىق بولغانلىقى، كەلگۈسىدە يەنە يېشىللىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقى بايان قىلىنغان. غەربنىڭ داڭلىق گىئولوگلىرى جېنىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنىڭمۇ ئاللاھتىن چۈشكەن ۋەھىيلىكىگە ئىشىنىۋاتقان ۋە توپ توپ بولۇپ ئىمان ئېيتقۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننەتنىڭ دىندىكى ئورنىدا باتىل ئېتىقادتا ئىكەنلىكى، ياكى ھېېچقانداق چۈشەنچىسى يوقلۇقى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. كاپىر گىئولوگ ئالىمى، پروفىسور ئالفېرد كرونېر شەيخ زىندانى بىلەن قىلغان سۆھبىتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن:«مەن قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئۇچرايدىغان پەننىي پاكىتلاردىن بەكلا ھاڭ-تاڭ قالىمەن. ھالبۇكى بىز شۇ پەننى پاكىتلارنى زامانىۋىي پەننى مېتودلار (ۋە پەننىي ئاپپاراتلار) ۋاسىتىسىدە تېخى يېقىنقى يىللاردا بايقاپ چىقىۋاتىمىز. بۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇ بىلىملەرگە پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىي ئارقىلىق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.»
 بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن دۇنياغا داڭلىق ئىسلام سوئال جاۋابلىرى پەتىۋا تور بېكىتىنىڭ تۆۋەندىكى سەھىپىسىنى زىيارەت قىلىڭ. (ئەرەبچە ۋە ئېنگىلىزچە ئىككى خىل تىلدا)
https://islamqa.info/ar/110197 
(ئەرەبچىسى)
https://islamqa.info/en/110197 
(ئېنگىلىزچىسى)


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟