ئادا - جۇدالىق مەكتۇبى (ئىسلامىي شېئىر)
ئادا - جۇدالىق
مەكتۇبى
سەن خۇدا
بىلگەن رەقىبلەر بەرمىگەي جەننەت ماڭا،
مەن سەھەردە
سەجدىدە، رەببىم قىلۇر ھىممەت ماڭا.
سەن يۈگۈرسەڭ
كۈنۇ - تۈن، دۇنيا تاماسىدا بىھوش،
زىكرى ۋە تەسبىھ،"شاھادەت"
بارچىدىن قىممەت ماڭا.
سەن يۈرەرسەن
كۇفرىدا توپ-توپ، لېكىن ھالىڭ غېرىب،
مەن ئۆزۈم
ئىمان بىلەن يالغۇز، رەسۇل ئۈممەت ماڭا.
كىشىكىم
تاپقاندا ھەقنى، ئەرزىمەس دۇنيا ئاڭا،
گەر سېنى
بىلسەم پاناھگاھ، بۇ ئوچۇق زۇلمەت ماڭا.
قۇتۇلۇپ كەتسەم
نە ئارمان، كۇفرىنىڭ پاتقىقىدىن،
ئۈزمىدىم ئۈمىدنى،
رەببىيل ئالەمىين نۇسرەت ماڭا.
غايىسىز
ياتساڭ بىھوش، كەۋسەر ساڭا جەننەت ھارام،
ئۇيقۇدىن تۇرماق
كېرەك، قول-پۇت، ئەقىل نېئمەت ماڭا.
Yorumlar
Yorum Gönder