سۈننەتكە ئەگىشىش ۋاجىب، ئۇنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىر

 
سۈننەتكە ئەگىشىش ۋاجىب، ئۇنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىر

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىزى ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار توپلىمى(1-جىلد، 211-~222-بەتلەر) دىن تەرجىمە قىلىندى

بارچە ھەمدۇ – سانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر. دۇرۇد – سالاملار ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى، جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن، كۇفۇرغا ھېچقانداق ئۆزرە قالدۇرمىغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا؛ ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا؛ ئاللاھنىڭ كىتابىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ھېچبىر سۆز - جۈملىسىنى ئۆزگەرتىۋەتمەي، ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە پەۋقۇلئاددە سەمىمىيلىك بىلەن تەلتۆكۈس يەتكۈزگەن ساھابىلەرگە بولسۇن! ئاللاھ بىزنى تەقۋادارلىقتا شۇلارغا ئەگەشكەنلەردىن قىلسۇن!
شەرئىي ھۆكۈم چىقىرىشتا، ھالال – ھارامنى ئايرىشتا تايىنىلىدىغان مەنبەلەر ئىچىدە، ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ئۆلىمالار بىردەك قاراشقا (ئىجمائقا) كەلگەنلىرى تۆۋەندىكىلەر:
(1) خاتالىق يېقىنلىشالمايدىغان ئاللاھنىڭ كىتابى.
(2) ھېچقاچان ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدىغان، پەقەت ۋەھىيگە بىنائەنلا سۆزلەيدىغان پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى.
(3) ئۆلىمالارنىڭ ئىجماسى.
ئۆلىمالار بۇنىڭدىن باشقا مەنبەلەرنى، بولۇپمۇ قىياسنى دەلىل قىلىش ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان بولسىمۇ، جۇمھۇر (كۆپچىلىك) ئالىملار قىلىنغان قىياس تېگىشلىك شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولسا، ئۇنىڭغا تايىنىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. بۇ مەنبەلەرنىڭ شەرئىي دەلىل ھەققىدىكى ئىسپاتلار ناھايىتى كۆپ.

1. بىرىنچى مەنبە، يەنى ئاللاھنىڭ كىتابى. نۇرغۇن ئايەتلەردە، ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە قۇرئانغا ئەگىشىشنىڭ، چىڭ يېپىشىشنىڭ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكنىڭ ۋاجىبلىقىنى ئېيتقان.
ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە شۇنداق دەيدۇ {اتَّبِعُوا مَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاءَ ۗ قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ} [(ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئېيتقىنكى) (ئى ئىنسانلار!) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغانغا (قۇرئان ۋە سۈننەتكە) ئەگىشىڭلار، اﷲ نى قويۇپ، (سىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئۈندەيدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز - نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر] (سۈرە ئەئراف 3 – ئايەت).
ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە يەنە شۇنداق دەيدۇ {وَهَـٰذَا كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ مُبَارَكٌ فَاتَّبِعُوهُ وَاتَّقُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ}: [بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر. اﷲ نىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار] (سۈرە ئەنئام 155 – ئايەت)
 {قَدْ جَاءَكُم مِّنَ اللَّـهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُّبِينٌ ﴿١٥يَهْدِي بِهِ اللَّـهُ مَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَهُ سُبُلَ السَّلَامِ وَيُخْرِجُهُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِهِ وَيَهْدِيهِمْ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ} [سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى (15) اﷲ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (اﷲ نىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى) غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ] (سۈرە مائىدە 15 ~ 16 - ئايەت).
 {إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِالذِّكْرِ لَمَّا جَاءَهُمْ ۖ وَإِنَّهُ لَكِتَابٌ عَزِيزٌ ﴿٤١ لَّا يَأْتِيهِ الْبَاطِلُ مِن بَيْنِ يَدَيْهِ وَلَا مِنْ خَلْفِهِ ۖ تَنزِيلٌ مِّنْ حَكِيمٍ حَمِيدٍ} [شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)، شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر (41) ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر] (سۈرە فۇسسىلەت 41 ~ 42 - ئايەت).
 {وَأُوحِيَ إِلَيَّ هَـٰذَا الْقُرْآنُ لِأُنذِرَكُم بِهِ وَمَن بَلَغَ} [بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى] (سۈرە ئەنئام 19 – ئايەت)
{هَـٰذَا بَلَاغٌ لِّلنَّاسِ وَلِيُنذَرُوا بِهِ وَلِيَعْلَمُوا أَنَّمَا هُوَ إِلَـٰهٌ وَاحِدٌ وَلِيَذَّكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ} [كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، اﷲ نىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، بۇ (قۇرئان) تەبلىغدۇر} (سۈرە ئىبراھىم 52 – ئايەت).
  بۇ ھەقتىكى ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ. رەسۇلۇللاھمۇ سەھىھ ھەدىسلەردە بىزنى قۇرئانغا يېپىشىشقا بۇيرۇغان ھەم قۇرئانغا يېپىشىشنىڭ ھىدايەتكە، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشنىڭ ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
  سەھىھ ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىدالىشىش ھەجىدە مۇنداق دېگەن: « إنِّي تاركٌ فيكُمْ مَا لن تَضِلُّوا إن اعتَصَمْتُمْ بِهِ كِتَابَ الله» «مەن سىلەرگە ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلساڭلار ئېزىپ كەتمەيدىغان ئاللاھنىڭ كىتابىنى قالدۇردۇم» (سەھىھۇل مۇسلىم 1218 – ھەدىس).
 سەھىھ مۇسلىمدىكى يەنە بىر ھەدىستە زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: « إنِّي تاركٌ فيكُمْ ثِقْلَيْن أوَّلُهما كِتابُ الله فيهِ الهُدَى والنور فخُذُوا بكتَاب الله وتَمَسَّكُوا به» «مەن سىلەرگە ئىككى مۇھىم نەرسە قالدۇردۇم. بىرىنچىسى ئىچىدە ھىدايەت ۋە نۇر بولغان ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابىغا چىڭ ئېسىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېپىشىڭلار» (سەھىھۇلمۇسلىم 2408 – ھەدىس). يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: « قال: في القرآن: هو حبل الله من تسمك به كان على الهدى ومن تركه كان على الضلال» «قۇرئان ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىدۇر. كىمكى ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلسا توغرا يولدا بولىدۇ؛ كىمكى ئۇنى تەرك ئەتسە ئازغۇنلۇقتا بولىدۇ».
 بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. ساھابە رەزىياللاھۇ ئەنھۇملار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئىلىم – ئىمان ئەھىللىرى ئاللاھنىڭ كىتابىغا يېپىشىش، (مەسىلىلەردە) ئۇنىڭغا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقىدا بىردەك قاراش (ئىجمائ)قا كەلگەن. بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن ئارتۇق دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئىككىنچى مەنبە _ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ سۈننىتى. ساھابە رەزىياللاھۇ ئەنھۇملار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئىلىم – ئىمان ئەھلىلىرى مەزكۇر ئۇللۇق مەنبەگە (سەھىھ سۈننەتكە) ئىمان كەلتۈرگەن. ئۇنى ھۆكۈملىرىدە دەلىل – ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى ئۇممەتكە ئۆگەتكەن. ئۇلار سۈننەت ھەققىدە نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان، شۇنداقلا ئۇنى ئۇسۇلى فىقھى ۋە ھەدىس ئاتالغۇلىرىغا ئائىت كىتابلاردا شەرھلىگەن. سۈننەتنىڭ شەرئىي ھۆكۈم مەنبەسى ئىكەنلىكىگە قۇرئاندىكى رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش ۋە ئىتائەت قىلىش بۇيرۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دەلىللەر بار. بۇ بۇيرۇق رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ياشىغانلار ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر. ئىنسانلار ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچگە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ كىتابىنى تەپسىرلىگۈچى، شۇنداقلا ئۇنى سۆز – ھەرىكىتى ۋە سۈكۈتى ئارقىلىق شەرھلىگۈچىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بولمىسا، مۇسۇلمانلار نامازلارنىڭ قانچە رەكئەت ئىكەنلىكىنى، نامازنى قانداق ئوقۇشنى ۋە ئۇنىڭ ۋاجىبلىرىنى بىلەلمەيتتى. شۇنداقلا، ئۇلار روزىنىڭ، زاكاتنىڭ، ھەجنىڭ، جىھادنىڭ، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنىڭ، ئېلىم – سېتىمنىڭ، ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازالارنىڭ تەپسىلاتلىرىغا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنىمۇ بىلەلمىگەن بولاتتى.
   ئاللاھ تائالا سۈرە ئال ئىمراندا مۇنداق دەيدۇ: {وَأَطِيعُوا اللَّـهَ وَالرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ} [سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار} (سۈرە ئال ئىمران 132 – ئايەت)
ئاللاھ تائالا سۈرە نىسادا مۇنداق دەيدۇ: {يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّـهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنكُمْ ۖ فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّـهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا} [ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى اﷲ نىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر} (سۈرە نىسا 59 – ئايەت).
{مَّن يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّـهَ ۖ وَمَن تَوَلَّىٰ فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا} [كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ اﷲ قا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەر اﷲ نىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، ئەمەللىرىگە قاراپ ھېساب ئالغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق} (سۈرە نىسا 80 – ئايەت)
ئەگەر رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى شەرئىي دەلىل دەپ قارالمىسا ۋە خاتىرىلەنمىسە، بىز رەسۇلۇللاھقا قانداق ئىتائەت قىلىمىز؟ ئىختىلاپلاشقان مەسىلىلەردە ئۇنىڭغا قانداق مۇراجىئەت قىلىمىز؟ ئەگەر بىز شۇنداق دەۋا قىلساق (يەنى سۈننەتنى شەرئىي دەلىل دەپ قارىماي تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىمىز، ئىتائەت قىلىمىز دەپ دەۋا قىلساق)، بۇ «ئاللاھ بەندىلىرىنى مەۋجۇت ئەمەس بىر نەرسىگە مۇراجىئەت قىلىشقا بۇيرۇغان» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ باتىلنىڭ ھەممىدىن باتىلى، كۇفۇرنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئاللاھقا قىلىنغان گۇماننىڭ ئەڭ ئېغىرى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا سۈرە نەھلدە مۇنداق دېگەن: {وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ} [بىز ساڭا زىكىر (قۇرئان)نى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق} (سۈرە نەھىل 44 – ئايەت).
{وَمَا أَنزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ إِلَّا لِتُبَيِّنَ لَهُمُ الَّذِي اخْتَلَفُوا فِيهِ ۙوَهُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ} [(ئى مۇھەممەد!) بىز زىكىرنى (يەنى قۇرئاننى) پەقەت سېنىڭ كىشىلەرگە ئۇلار دەتالاش قىلىشقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق} (سۈرە نەھل 64 – ئايەت).
ئەگەر رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى مەۋجۇت ئەمەس بولسا ياكى شەرئىي دەلىل بولمىسا، ئاللاھ قانداقسىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە چۈشۈرۈلگەن كىتابنى شەرھلەشكە بۇيرۇيدۇ؟
ئاللاھ تائالا سۈرە نۇردا مۇنداق دەيدۇ: {قُلْ أَطِيعُوا اللَّـهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۖ فَإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيْكُم مَّا حُمِّلْتُمْ ۖ وَإِن تُطِيعُوهُ تَهْتَدُوا ۚ وَمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ} [ئېيتقىنكى: «اﷲ قا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتسا، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار» (سۈرە نۇر 54 – ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە شۇنداق دەيدۇ: {وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ} [اﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار} (سۈرە نۇر 56 – ئايەت).
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سۈرە ئەئرافتا مۇنداق دېگەن {قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللَّـهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعًا الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ لَا إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّـهِ وَرَسُولِهِ النَّبِيِّ الْأُمِّيِّ الَّذِي يُؤْمِنُ بِاللَّـهِ وَكَلِمَاتِهِ وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ} (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا اﷲ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، اﷲ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، اﷲ قا ۋە اﷲ نىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى، ئوقۇش – يېزىشنى بىلمەيدىغان پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار» (سۈرە ئەئراف 158 – ئايەت).
بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشنىڭ ھىدايەت ۋە رەھمەتكە باشلايدىغانلىقىنى ئوپئوچۇق كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سۈننەتكە ئەمەل قىلىنمىسا، ياكى سۈننەت ئىشەنچىسىز دېيىلسە، بۇ ھىدايەت ۋە رەھمەتكە ئېرىشىش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟
ئاللاھ تائالا سۈرە نۇردا مۇنداق دەيدۇ: {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ} [پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (كۇفۇر، سىناق، مۇسىبەت، يەر تەۋرەش، قىرغىنچىلىق، زالىمنىڭ قولىغا قېلىش قاتارلىق) پىتنىلەرگە يولۇقۇشتىن، يا قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن} (سۈرە نۇر 63 – ئايەت).
ئاللاھ جەللە ۋەئەلا سۈرە ھەشردە شۇنداق دەيدۇ: {وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا} [پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار} (سۈرە ھەشر 7 – ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىبلىقى ھەققىدە نۇرغۇن ئايەتلەر بار. قۇرئان بىلەن سۈننەت ئايرىلماس ئىككى شەرئىي مەنبەدۇر؛ بۇ ئىككىسىدىن بىرىنى ئىنكار قىلغۇچى يەنە بىرىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. ئالىملارنىڭ ئىجماسى بويىچە بۇ كۇفۇرلۇق، ئازغۇنلۇق بولۇپ، ئىنساننى ئىسلامدىن چىقىرىپ، كاپىر قىلىدۇ.
مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتكەن نۇرغۇن ھەدىسلەر رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان (قۇرئان – سۈننەت) غا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلماسلىقنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسەتمەكتە. مەزكۇر ھۆكۈم رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرداشلىرىغىلا ئەمەس، تاكى قىيامەتكىچە كېلىدىغان بارلىق ئىنسانغا ئورتاقتۇر. يۇقىرىدا دېيىلگەن دەلىللەردىن بىرى تۆۋەندىكىچە، سەھىھۇلبۇخارى ۋە سەھىھۇلمۇسلىمدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «من أطاعني فقد أطاع الله ومن عصاني فقد عصى الله» «كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ؛ كىمكى ماڭا ئىتائەتسىزلىك قىلىدىكەن، ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ» (سەھىھۇلبۇخارى 7137-، سەھىھۇلمۇسلىم 1835 – ھەدىس).
سەھىھۇلبۇخارىدا يەنە تۆۋەندىكى ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان: «كُلُّ أمَّتِي يدخلون الجنة إلاّ من أبى قِيلَ: يا رسول الله، ومَن يَأبَى؟ قالَ: من أطَاعَني دخلَ الجنة ومَن عَصَاني فَقَد أبَى» «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۈممىتىمدىن رەت قىلغۇچىلاردىن باشقىلىرى جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەندە، ساھابىلەر: «يا رەسۇلۇللاھ، رەت قىلغۇچىلار كىملەر؟» دەپ سورىغان، رەسۇلۇللاھ بۇنىڭغا: «كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ؛ ماڭا ئىتائەت قىلمىغانلار ئاشۇ رەت قىلغۇچىلاردۇر» دېگەن (سەھىھۇلبۇخارى 7280 – ھەدىس، مۇسنەد ئەھمەد 361\2).
ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ۋە ھاكىم سەھىھ ئىسنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، مىقدام ئىبن مەدىي كەرىب رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ألا إنِّي أوتِيتُ الكتابَ ومِثْلَهُ معه ألا يوشك رجلٌ شبعان على أريكته يقول: عليكم بهذا القُرآنِ فمَا وجدتم فيه من حلالٍ فأحلوه وما وجدتم فيه من حرامٍ فحرموه» «ماڭا قۇرئان ۋە قۇرئاننىڭ ئوخشىشى بېرىلدى. يېقىندا بىر كىشى قورسىقىنى تويغۇزۇپ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ: قۇرئاننىلا لازىم تۇتۇڭلار. قۇرئاندا نېمىنى ھالال دەپ تاپساڭلار ھالال دەڭلار، نېمىنى ھارام دەپ تاپساڭلار ھارام دەڭلار دەيدۇ» (يەنى ھەدىسنى تاشلاپ، قۇرئاننىلا تۇتۇڭلار دەپ دەۋا قىلىدۇ) ئەبۇ داۋۇد 4604 – ھەدىس.
ئەبۇداۋۇد ۋە ئىبن ماجەدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، ئىبن ئەبۇ رافى دادىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «لا أَلفينَّ أحدكم متكئًا على أريكته يأتيه الأمر من أمري مما أمرت به أو نهيت عنه فيقول: لا ندري، ما وجدنا في كتاب الله اتبعناه» «مەن بىرىڭلارنى مۇنداق ھالەتتە كۆرمەي: ئۇ ياستۇقىغا يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرۇپ، مەن بۇيرۇغان ياكى چەكلىگەن بىر ئىشنى ئاڭلىغاندا: <مەن بۇنى بىلمەيمەن. بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدا نېمىنى تاپساق شۇنىڭغا ئەگىشىمىز> دەيدۇ». تىرمىزىي 2663 – ھەدىس.
يەنە ھەسەن ئىبن جابىر رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن، مىقدام ئىبن مەئدىي كەرىب رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «حرم رسول الله صلى الله عليه وسلم يوم خيبر أشياء، ثم قال: يوشك أحدكم أن يكذبني وهو متكئ يحدث بحديثي فيقول: بيننا وبينكم كتاب الله فما وجدنا فيه من حلال استحللناه وما وجدنا فيه من حرام حرمناه ألا إن ما حرم رسول الله مثل ما حرم الله» «پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەيبەر كۈنى بىر ئىشنى ھارام قىلىپ بېكىتتى ۋە ئاندىن مۇنداق دېدى:<بىرىڭلار راھەت ياستۇقىغا يۆلەنگىنىچە مېنى (ھەدىسىمنى) ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلارغا مېنىڭ ھەدىسىم سۆزلەنسە، ئۇلار «ئاللاھنىڭ كىتابى ئارىمىزدا. بىز ئۇنىڭدا ھالال دېيىلگەننى ھالال؛ ئۇنىڭدا ھارام دېيىلگەننى ھارام دەيمىز» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان نەرسـىلەرمۇ ئاللاھ ھـــارام قىلغـــان نەرســـىلەر بىـــلەن ئوخشـــاشتۇر». ھاكىم، تىرمىزىي ۋە ئىبن ماجەلەر سەھىھ ئىسنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلغان مۇتەۋاتىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ئۆز خۇتبىسىگە ھازىر بولغانلارنى خۇتبە مەزمۇنىنى شۇ يەرگە ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇپ: «رب مُبَلِّغٌ أوعى من سامع» «يەتكۈزۈلگۈچى ئۇنى (سۆزلىرىمنى نەق مەيداندا) ئاڭلىغۇچىدىن ياخشىراق چۈشىنەلىشى مۇمكىن» دېگەن. تىرمىزىي 2657 – ھەدىس، ئىبن ماجە 232 – ھەدىس.
بۇنىڭدىن سىرت، سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىدە، ئارافات كۈنى (زۇلھەججىنىڭ 9 – كۈنى) ۋە قۇربان ھېيت (زۇلھەججىنىڭ 10 –كۈنى) خۇتبە سۆزلەپ، مۇنداق دېگەن «فليبلغ الشاهد الغائب، فرب من يبلغه أوعى له ممن سمعه» «بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار بۇنى (سۆزلىرىمنى) ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن. يەتكۈزۈلگۈچى ئۇنى (سۆزلىرىمنى نەق مەيداندا) ئاڭلىغۇچىدىن ياخشىراق چۈشىنەلىشى مۇمكىن».
ئەگەر سۈننەت ئۇنى ئاڭلىغان ۋە يەتكۈزۈلگەنلەرگە قارىتا شەرئىي دەلىل بولمايدىغان، تاكى قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولمايدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىنى ئۆزىنىڭ سۆزىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇمىغان بولاتتى.  شۇ ۋەجىدىن، ھەدىس __ ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچى، ياكى سەھىھ ئىسنەد ئارقىلىق خەۋەر تاپقۇچىغا ھۆججەت بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەدىسكە ئەگەشمەسلىككە ئۆزرىسى بولمايدۇ.
ساھابە رەزىياللاھۇ ئەنھۇملار پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەم ئاغزاكى، ھەم ئىش - ھەرىكەتتىكى سۈننەتلىرىنى تابىئىنلارغا يەتكۈزگەن، ئاندىن تابىئىنلار ئۇنى تابىئىي تابىئىنلارغا يەتكۈزگەن. شۇ تەرىقىدە، ئىشەنچىلىك ئۆلىمالار سۈننەتنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا، ئەسردىن ئەسرگە يەتكۈزگەن. شۇنداقلا، ئۇلار ھەدىسلەرنى كىتاب قىلىپ توپلاپ، ئۇنى سەھىھ، زەئىپ قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىپ، سەھىھ – زەئىپ ھەدىسلەرگە مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپلىرىنى بېكىتكەن. ئۆلىمالار سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمغا ئوخشاش سۈننەت كىتابلىرىنى خۇددى ئاللاھ ئۆزىنىڭ كىتابىنى بۇرمىلىنىشتىن ۋە ئىلاھسىزلىق نەزەرىيەلىرىدىن قوغدىغاندەك قوغدىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز» (سۈرە ھىجىر 9 – ئايەت)
شۇنىسى شەكسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىمۇ ۋەھىيدۇر. ئاللاھ ئۇنىمۇ ئۆز كىتابىنى قوغدىغاندەك قوغدايدۇ. ئاللاھ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى كاززاپلارنىڭ بۇرمىلىشىدىن ۋە نادانلارنىڭ خاتا شەرھلەشلىرىدىن؛ شۇنداقلا نادان، كاززاپ، ئاتېزمچىلارنىڭ ئۇنىڭغا قوشماقچى بولغان نەرسىلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن، بۈيۈك ئالىملارنى ئەۋەتكەن.
ئاللا سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سۈننەتنى قۇرئاننىڭ تەپسىرى قىلغان بولۇپ، سۈننەتتە قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرى تەپسىلاتلىرى بىلەن بايان قىلىنىدۇ. سۈننەت يەنە بالا ئېمىتىش، مىراسخورلۇق، بىر ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئاتا ياكى ئانا تەرەپ ھاممىسىنى تەڭ نىكاھىدا تۇتۇشنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىق قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمىغان باشقا ھۆكۈملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۆۋەندە ساھابە رەزىياللاھۇ ئەنھۇملار، تابىئۇن رەھىمەھۇمۇللاھلار، ۋە سۈننەتكە ئەگىشىش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاشنىڭ ۋاجىبلىقىدا ئۇلارغا ئەگەشكەن ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرىدىن نەقىل كەلتۈرىمىز:
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ زات مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇپ، ئەرەبلەردىن بەزىلىرى مۇرتەد بولغاندا (دىندىن چىققاندا)، ئەبۇ بەكر سىددىق رەزىياللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ناماز بىلەن زاكاتنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكەنلەر بىلەن جەڭ قىلىمەن» دېۋىدى، ئۇمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: <مەن كىشىلەر بىلەن ئۇلار «لا ئىلاھە ئىللاللاھ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگۈچە جىھاد قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئەگەر ئۇلار بۇنى دېسە، ماللىرىنى ۋە جانلىرىنى مەندىن ساقلاپ قالىدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھەق بولغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن تۇرسىمۇ، ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلامسەن؟» دەپ سورىدى. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىياللاھۇ ئەنھۇ: «زاكات ئەنە شۇ ھەقلەرنىڭ بىرى ئەمەسمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تاپشۇرغان بىر تال چىشى ئوغلاق چاغلىق نەرسىنى ماڭا تاپشۇرۇشتىن باش تارتىدىكەن، ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىمەن» دېدى. ئۇمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ: «مەن ئەبۇ بەكرىنىڭ جەڭ قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى. ساھابە رەزىياللاھۇ ئەنھۇملار رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ، مۇرتەد (دىندىن چىققۇچى) لەر ئىسلامغا قايتقۇچە، ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلغان ھەم مۇرتەدلىكتىن يانمىغانلارنى ئۆلتۈرگەن. مانا بۇ سۈننەتكە ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاشنىڭ ۋاجىبلىقىغا روشەن دەلىل.
بىر موماي ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ (نەۋرىسى قالدۇرغان) مىراستىن ئالىدىغان نېسىۋېسى ھەققىدە سورىغاندا، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «ئاللاھنىڭ كىتابىدا بۇ ھەقتە بايان يوق. مەن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدىمۇ بۇنىڭغا ئالاقىدار ھېچقانداق نەرسە بىلمەيمەن. ئەمما مەن بۇنى باشقىلاردىن (ساھابىلەردىن) سورايمەن» دېگەن. ئارقىدىن ئەبۇ بەكرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىشنى ساھابىلەردىن سورىغاندا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مومىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى تەقسىملەپ بەرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇبەكرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇمۇ مومايغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئېلىپ بەرگەن.
ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ھەرقايسى يۇرتقا تەيىنلىگەن ۋالىيلىرىغا كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم قىلىشقا، ئۇنىڭدىن ئېنىق ھۆكۈم تاپالمىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئىملاس (ئاپىسىغا ئەرزىيەت بېرىلگەنلىك سەۋەبلىك چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە) توغرىسىدا بېشى قاتقاندا، ساھابە رەزىياللاھۇ ئەنھۇملاردىن بۇ ھەقتە پەتىۋا سورىغان. مۇھەممەد ئىبن مەسلەمە ۋە مۇغىرە ئىبن شۇئبە رەزىياللاھۇ ئەنھۇمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە، بالىنى چۈشۈرۈۋەتكۈچىنى ئەر – ئايال قۇلنىڭ قىممىتىدە تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمۇ ئوخشاش پەتىۋا بەرگەن.
ئوسمان ئىبن ئەففان رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئاياللار ئىددەتنى ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇتامدۇ ياكى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىدىمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىككىلىنىپ قالغاندا، ئەبۇ سەئىد رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ سىڭلىسى فۇرەيئە بىنتى مالىك ئىبن سىنان رەزىياللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرۇغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئوسمان رەزىياللاھۇ ئەنھۇمۇ ئوخشاش پەتىۋا بەرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ۋەلىد ئىبن ئۇقبە ھاراق ئىچكەندە، ئوسمان رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە بېكىتىلگەن بويىچە جازا ئىجرا قىلغان (يەنى قۇرئاندا ھاراق ئىچكەنلەرنى قانداق جازالاش توغرىسىدا ئېنىق ھۆكۈم يوق، ت)
ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئوسمان رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەمەتتۇ ھەج (تەمەتتۇ ھەج دېگىنىمىز __ كىشىلەر ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ھەج ئايلىرىدا <يەنى شەۋۋال، زۇلقەئىدە ۋە زۇلھەججىدە> پەقەت ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىدۇ، مەككىگە يېتىپ كەلگەندە، ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلىپ، چېچىنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ ئىھرامدىن چىقىدۇ، تەرۋىيە كۈنى <زۇلھەججىنىڭ 8- كۈنى> يالغۇز ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىدۇ ۋە ھەج پائالىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، تەمەتتۇئ ھەج قىلغان كىشى دەسلەپتە ئۆمرە قىلىدۇ، كىيىن كامىل ھەج قىلىدۇ)نى چەكلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تەمەتتۇ ھەج قىلغان ھەم: «مەن ھەرقانداق بىرىنىڭ كۆز قارىشى تۈپەيلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئەتمەيمەن» دېگەن.
ئىبن ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇما باشقىلارنىڭ ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمالارنىڭ كۆز قارىشىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزى بەرگەن تەمەتتۇ ھەج توغرىسىدىكى پەتىۋاغا قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، «مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا تاش يېغىپ ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن قورقۇۋاتىمەن. مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن دېسەم، سىلەر ئۆمەر ۋە ئەبۇ بەكىر مۇنداق دېگەن دەۋاتىسىلەر» دېگەن. ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمالاردەك كاتتا زاتلارنىڭ قارىشىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، سۈننەتنى رەت قىلغانلار جازا – لەنەتكە لايىق بولغان يەردە، ئۇ زاتلاردىن بەكلا تۆۋەن تۇرىدىغانلارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ئېسىلىۋېلىپ، سۈننەتنى رەتنىڭ قىلغانلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟
ئىمران ئىبن ھۇسەين رەزىياللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە سۈننەتتىن سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا، بىرەيلەن ئۇنىڭغا قۇرئاندىن سۆزلەشنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن ئىمران ئىبن ھۇسەين رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بەكلا ئاچچىقلىنىپ: «سۈننەت قۇرئاننىڭ تەپسىرى، سۈننەت بولمىسا بىز پېشىن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت ئىكەنلىكىنى؛ شام نامىزىنىڭ ئۈچ رەكئەت ئىكەنلىكىنى؛ بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا يەنە زاكاتنى قانداق بېرىشنى بىلەلمىگەن بولاتتۇق» دېگەن.
ساھابە رەزىياللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ سۈننەتنى ئۇلۇغلىغانلىقى، سۈننەتكە ئەگىشىشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقى ھەققىدىكى مىساللار ئىنتايىن كۆپ.
ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇما كىشىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاللاھنىڭ دېدەكلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدىن توسماڭلار» دېگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەندە، ئىبن ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنى توسىمىز» دېگەن. بۇنى ئاڭلىغان ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇما پەۋقۇلئاددە ئاچچىقلىنىپ «مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن دېسەم، سەن ماڭا <ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنى توسىمىز> دەۋاتامسەن؟» دېگەن.
ئابدۇللاھ ئىبن مۇغەففەل رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بىر تۇغقىنىڭ تاش ئېتىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى توسقان ھەم: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چوڭ بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماقتا تاش ئېتىشتىن توسقان ۋە ئۇنىڭ سەۋەبنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى <بۇ شەكىلدە تاش ئېتىش ئارقىلىق ئوۋ ئوۋلىغىلى بولمايدۇ، دۈشمەننى ئۆلتۈرگىلىمۇ بولمايدۇ، لېكىن كۆزنى قۇيۇۋېتىدۇ ۋە چىشنى تۆكۈۋېتىدۇ» دېگەن. تۇغقىنى (ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي) يەنە شۇنداق تاش ئاتقاندا ئىبنى مۇغەففەل رەزىياللاھۇ ئەنھۇ: «مەن ساڭا پەيغەمبەر ئېتىۋاتامسەن؟ مەن سەن بىلەن مەڭگۈ گەپلەشمەيمەن» دېگەن.
بەيھەقى كاتتا تابىئىن ئەييۇب ساختىيانىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر ئادەمگە ھەدىس سۆزلەپ بەرسەڭ، ئۇ ئادەم: ھەدىسنى قوي! بىزگە قۇرئاندىن سۆزلىگىن دېسە. بىلگىنكى ئۇ ئادەم ئازغۇن ۋە گۇمراھدۇر».
ئىمام ئەۋزائىي «سۈننەت قۇرئاننىڭ نوپۇزلۇق قازىسىدۇر» دېگەن. بۇ سۈننەت قۇرئاندىكى ئومۇمىي شەكىلدە بايان قىلىنغان نەرسىلەرنى كونكرېتلاشتۇرىدۇ، ياكى قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمىغان ھۆكۈملەرنى بايان قىلىدۇ دېگەنلىكتۇر. خۇددى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا {وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ} [بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق] دېگەندەك.
ھالبۇكى، ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ماڭا قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى (سۈننەت) بېرىلدى» دېگەن.
بەيھەقى ئامىر ئىب شەئبىي رەھىمەھۇللاھنىڭ بەزى كىشىلەرگە: «سىلەر سۈننەت بىلمىگەندە ھالاك بولۇپ كېتىسىلەر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ رىۋايەت سەھىھتۇر.
ئىمام بەيھەقى يەنە ئىمام ئەۋزائىي رەھىمەھۇللاھنىڭ دوستلىرىدىن بىرىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىر ھەدىس ئاڭلىغىنىڭدا، ئۇنىڭدىن باشقىغا تايىنىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقارمىغىن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئاللاھقا ۋاكالىتەن سۆزلەيدۇ».
بەيھەقى يەنە بۈيۈك ئىمام سۇفيان سەۋرىنىڭ: «جىمى ئىلىمنىڭ ئاساسى سۈننەتتۇر» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «مۇشۇ قەبرىگە كۆمۈلگۈچىدىن باشقا ھەرقاندىقىمىزنىڭ قارىشى رەت قىلىنسا بولىدۇ».
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنسا، ئۇ رازىمەنلىك ۋە مۇلايىملىق بىلەن قوبۇل قىلىنىشى كېرەك».
ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ: «ئەگەر مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئەگەشمىگەن بولسام، سىلەرنى كاللامدىن ئاداشقىنىمغا گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىمەن». ئۇ زات يەنە: «ئەگەر مەن بىر سۆزنى ئېيتقان بولسام، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسى ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمدە كەلسە، مېنىڭ سۆزۈمنى چۆرۈۋېتىڭلار» دېگەن.
ئىمام ئەھمەد ئىبن ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ دوستلىرىدىن بىرىگە: «ماڭىمۇ، مالىككىمۇ، شافىئىيغىمۇ ئەگەشمە! ئەكسىچە، بىز ھۆكۈملىرىمىزگە ئاساس قىلغان مەنبەگە ئەگەشكىن» دېگەن. ئۇ زات يەنە: «ئاللاھ تائالا { فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ} [پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن} دېگەن تۇرسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن بىر سەھىھ ھەدىسنى بىلىپ تۇرۇپ، سۇفياننىڭ رايىغا ئەگەشكەنلەرگە ھەيرانمەن» دېگەن. ئاندىن ئۇ يەنە «بۇ يەردىكى پىتنىدىن نېمە كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى بىلەمسەن؟ پىتنە شېرىكتۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ بەزى قاراشلىرىغا قارشى چىقىش بىلەن ئىنسان قەلبىدە بەزى يۈز ئۆرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ – دە، ئۇ ھالاك بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.
بەيھەقىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، شەرەپلىك تابىئىن مۇجاھىد ئىبن جابىر رەھىمەھۇللاھ: ئاللاھ تائالانىڭ {فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّـهِ وَالرَّسُولِ} [ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اﷲ قا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار} دېگەن ئايىتىنى تەپسىرلەپ، «ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىش قۇرئانغا مۇراجىئەت قىلىشنى، رەسۇلۇللاھقا مۇراجىئەت قىلىش ئۇنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.
بەيھەقى يەنە زۇھرى رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۆتمۈشتىكى ئۆلىمالىرىمىز سۈننەتكە يېپىشىش نىجادلىقنىڭ كاپالىتى، دەيتتى»
كاتتا ئىمام ئىبن قۇدامە رەھىمەھۇللاھ « روضة الناظر، في بيان أصول الأحكام» دېگەن كىتابىدا «ئىككىنچى شەرئىي دەلىل مەنبەسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر. سۆزلىرىدىكى (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن غەيبتىن خەۋەر بېرىش قاتارلىق) مۆجىزىلەر ئارقىلىق راستچىللىقى ئىسپاتلانغان رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى ھۆججەتتۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ كىشىلەرنى ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى چىقىشتىن ئاگاھلاندۇرغان».
ھافىز ئىبن كەسر رەھىمەھۇللاھ ئاللاھنىڭ {فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ} [پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن} دېگەن سۆزىنى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرى ئۇنىڭ يولىنى، ئۇسۇل (مەنھەج)ىنى، شەرىئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى بارلىق سۆز ۋە ئەمەللەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ۋە ئەمەلى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭكىگە توغرا كەلگىنى قوبۇل قىلىنىدۇ، توغرا كەلمىگىنى كىمنىڭ بولۇشتىن قەتئىينەزەر، رەت قىلىنىدۇ. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە: «كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا بولمىغان ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قارشىلىق كۆرسەتكەن كىشى دىلىغا كاپىرلىق، مۇناپىقلىق ياكى بىدئەتخورلۇقتىن ئىبارەت پىتنىنىڭ يېتىپ قېلىشدىن ياكى ئۆزىگە دۇنيادا ئۆلتۈرۈلۈش، جازالىنىش ياكى تۈرمىگە تاشلىنىشتەك ئازابنىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ئىمام ئەھمەد ئابدۇرازاقنىڭ ئۆزىگە مۇنۇ ھەدىسنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ، مەئمەر ھاممام ئىبن مۇنەببىھتىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ۋە سىلەرنىڭ مىسالىڭلار، ئوت قالىغان بىر كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئوت ئەتراپىنى يورۇتقاندا پەرۋانىلەر ۋە ئوتقا ئۆزلىرىنى ئاتىدىغان ھاشارەتلەر كېلىپ ئۆزلىرىنى ئوتقا ئېتىشقا باشلايدۇ. ئۇ كىشى ھاشارەتلەرنى قانچە توسۇپ باقسىمۇ، ئۇلار ئۇ كىشىدىن ئۈستۈن كېلىپ ئوتقا بۆسۈپ كىرىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ مىسالىم بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار. مەن سىلەرنى ئوتتىن قايتىپ كېلىڭلار دەپ، ئوتقا چۈشۈپ كېتىشىڭلاردىن ساقلاش ئۈچۈن بېلىڭلاردىن تۇتۇۋالىمەن، (لېكىن) سىلەر مەندىن ئۈستۈن كېلىپ ئوتقا بۆسۈپ كىرىسىلەر». (ئىبن كەسر رەھىمەھۇللاھنىڭ تەپسىرى ئاياغلاشتى).
ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ «مفتاح الجنة في الاحتجاج بالسنَّة» (جەننەتنىڭ ئاچقۇچى سۈننەتنى تۇتۇشتۇر» دېگەن كىتابىدا: «بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلغاي، كىمكى رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن، مەيلى سۆز ياكى ھەرىكەت توغرىسىدىكى، فىقھى ئالىملىرى بېكىتكەن شەرتلەرگە توشىدىغان بىر سەھىھ ھەدىسنى ئىنكار قىلسا، كاپىر بولىدۇ. ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ. قىيامەت كۈنى يەھۇدىي، ناسارا ياكى باشقا كاپىر پىرقىلەر بىلەن تەڭ قوپىدۇ» دېگەن.
ساھابە، تابىئىن ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن زاتلاردىن كەلگەن، سۈننەتنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقى ھەققىدىكى بايانلار ئىنتايىن كۆپ. يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان ئايەت، ھەدىس ۋە باشقا دەلىللەرنىڭ ھەق ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھنىڭ بارلىق مۇسۇلمانلارنى ۋە بىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىشىنى؛ بىزنى ئۆزىنىڭ غەزىپىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىشىنى ۋە ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىشىنى تىلەيمەن. ھەقىقەتەن، ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر.
دۇرۇد – سالاملار ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تەقۋالىقتا شۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟