ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى تالىپ بىرەر ئىمامنى تەقلىد قىلىشى كېرەكمۇ؟


ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى تالىپ بىرەر ئىمامنى تەقلىد قىلىشى كېرەكمۇ؟


پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق سورالدى:
پەزىلەتلىك شەيخ! ئىلىم ئۆگىنىشكە يېڭىدىن قەدەم قويغان تالىبقا قانداق نەسىھەتلىرى بار؟ ئىلىم ئۆگەنگۈچى تالىب مەزھەب ئىماملىرىدىن بىرەرسىنى تەقلىد قىلىشى كېرەكمۇ ياكى تەقلىد قىلىشنى تاشلىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە مۇنداق دېگەن:«ئەگەر بىلمىسەڭلار ئىلىم ئەھلىدىن سوراڭلار!»(سۈرە ئەنبىيا،7-ئايەت) ئىلىمدە يېتىشىش يولىدىكى بۇ ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى تالىب دەلىللەردىن ھۆكۈم چىقىرالمىغىنىدا، ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىشتىن باشقا يول يوق. تالىبنىڭ ۋاپات بولغان كلاسسىك ئىماملاردىن بىرىگە تەقلىد قىلىشى بىلەن ھايات ياشاۋاتقان ئىماملاردىن بىرىگە تەقلىد قىلىشىدا ھېچبىر پەرق يوق.
ھايات ياشاۋاتقان بىرەر ئىمامغا تەقلىد قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئۇنىڭدىن سورىشى ئىشنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. بىراق، بىر ھۆكۈمنىڭ سەھىھ ھەدىسكە خىلاپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقسا، كىشىنىڭ سەھىھ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇشى ۋاجىبتۇر.
(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «كىتابۇل ئىلم»، 115-بەت)
menhej.blogspot.com

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟