كاپىرنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىنىڭ ھۆكمى

كاپىرنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىنىڭ ھۆكمى


«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 9272-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

پىتنىسىدىن خاتىرجەم بولۇنغان، ياخشىلىق يولىغا مېڭىشىدىن ئۈمىد كۈتۈلگەن بىر كاپىرنىڭ مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىقىغا ئۆتۈشى دۇرۇس. بىراق، بۇ كاپىر ئىسلامغا كىرمىگەن ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت يوق. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشرىكلارنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى بۇيرۇغان. (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 1\222؛ بۇخارى فەتھۇلبارى 3168؛ مۇسلىم 1637؛ دارىمى 2501)

تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدييان
قوشۇمچە: بۇ ھەقتە سەئۇدىيلىق مەشھۇر فەقىھ، ئەللامە شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» ناملىق ئەسىرىدە سەئۇدىيدا ياشاۋاتقان كاپىرلارنىڭ قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنلاردا ياشىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان ھەم بۇ خىل ھالەتتىن ئېچىنىپ، قايغۇرغان.
(menhej.blogspot.com
Mujtehid.blogspot.com)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟