باشقىلارنى پاسىقلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش غەيۋەت ئەمەس


سوئال: ھاراق ئىچىش قاتارلىق ناچار ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىپ يۈرىدىغان ۋە باشقا چوڭ گۇناھلارنى قىلىدىغان بىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشى ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق مۇئامىلە قىلماسلىقى ئۈچۈن باشقىلارنى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرساق بولامدۇ؟ بۇنداق قىلىش دۇرۇسمۇ؟
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 18452-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جاۋاب: پاسىقلاردىن ۋە چوڭ گۇناھلارنى قىلىدىغانلاردىن باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋاجىبتۇر. بىر مۇئمىن پاسىقلارنىڭ سەلبىي ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ يامان تەسىرىگە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بولغان باشقا مۇئمىن قېرىنداشلىرىنى پاسىقلارنىڭ توزىقىغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك، شۇنداقلا پاسىقلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى رەسۋا قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، شۇ پاسىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ پاسىقلارغا ۋە چوڭ گۇناھلارنى قىلغۇچىلارغا نەسىھەت قىلىش كېرەك. (ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىغا تارقاپ كەتكەن، يىگىرمە تۆت سائەت، ھەتتا ئۆمۈر بويى شۇ مۇسۇلمان بىلەن بىللە يۈرىدىغان چوڭ گۇناھلاردىن بىرى ئەرلەرنىڭ ساقالنى قىرىۋېتىشى ياكى بىر تۇتامدىن پەس قويۇشى، شۇنداقلا ئىشتاننى ھوشۇقىدىن ئاشۇرۇپ، سۈرۈلدۈرۈپ كىيىشىدۇر. رەسۇلۇللاھ ساقالنى كامىل قويۇپ، مۇشرىكلارغا ئوخشىۋالماسلىقىمىزغا بۇيرۇغان ۋە ئۆز بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلماي ئاسىيلىق قىلغۇچىنى ‹جەننەتكە كىرىشكە ئۇنىمىغۇچى› دەپ سۈپەتلىگەن. ئىشتاننى ئۇزۇن كېيىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ دوزاختا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. «ئاللاھ قىيامەت كۈنى كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) چوڭچىلىق قىلىش يۈزىسىدىن يەرگە سۆرەلدۈرۈۋالىدىغان كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 5788، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان) يەنى كىبىر قىلماستىن ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىۋالسا ھوشۇقىنىڭ تۆۋىنى دوزاختا كۆيىدۇ. يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئەرلەر ئۈچۈن) كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان قىسىمى دوزاختىدۇر.»(بۇخارى 5787-نومۇرلۇق ھەدىس)  كىبىر قىلىپ ئۇزۇن كىيسە قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ، گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇنىڭغا سۆز قىلمايدۇ ۋە دەھشەتلىك جازاغا تارتىدۇ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باردۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ بۇنداقلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى (گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب (دوزاخ) بار» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ زەر «بۇ كىشىلەر ئازابقا ئۇچراپ ھالاك بولدى. (بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى) كىم ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
(ئۇلار) «ئىشتاننى ئۇزۇن كىيگۈچى، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى، مالىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنغان كىشىدۇر» دېدى.
ئىمام مۇسلىمدىن كەلگەن رىۋايەتتە «ئاستىغا كىيگەن كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) يەرگە سۆرەپ كىيگۈچى» دېيىلگەن.(مۇسلىم 106-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتىراپلىق بىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن دەئۋەت مەركىزىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان مۇنۇ پەتىۋانى ئوقۇغايسىز. ئىشتاننى ئۇزۇن كېيىشتىن چەكلەش ھەدىسلىرىنىڭ شەرھى)
بىز ھارامنى تاشلاپ مەكرۇھقا ئېسىلىۋالىدىغان جاھىللاردىن، پەرزنى تاشلاپ مۇستەھەبنى تالىشىدىغان ئەخمەقلەردىن بولماسلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۈننىتى بىلەن ۋاجىب بولغان بۇيرۇقلارنى تولۇق ئورۇندايلى ۋە دوزاخ بىلەن خەۋەر بېرىلگەن ھاراملاردىن قەتئىي يانايلى. دىندا ساقال بىلەن ئىشتاندىن باشقا نەرسە يوقمۇ؟ دېگۈچىگە، شۇنداق دەيمىزكى: ساقال بىلەن ئىشتان مەسىلىسى شەرئىي مەسىلىلەردىن بىرى. شۇڭا، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئاسىي بولغان ئىكەنسىز، بىزنىڭ سىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن توغرىنى تەۋسىيە قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ناماز ۋە دۇئالىرىمىزدا «ئى ئاللاھ، مېنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەپ كۈنىگە نەچچە ۋاخ دۇئا قىلىپ، ئەمەلىيىتىدە رەسۇلۇللاھ دوزاخ بىلەن خەۋەر بەرگەن ئىشلارنى تەپ تارتماستىن، ھېچبىر گۇناھكارلىق تۇيغۇسىدا بولماسدىن ئايلاپ، يىللاپ ھەتتا بىر ئۆمۈر قىلىپ يۈرۈش ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. شۇنداقلا، بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىغا، نەسىھەت قىلغۇچىغا تەنە قىلغۇچى ياخشى ئىنسان ئەمەس.  -تەرجىماندىن) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «دىن نەسىھەتتۇر» دېۋىدى، ساھابىلەر «دىن كىم ئۈچۈن نەسىھەتتۇر، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھ، ئاللاھنىڭ كىتابى، پەيغەمبىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئۈچۈن» دېدى. (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رەھىمەھۇللاھ تەمىد ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.)
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غەديان؛ سالىھ ئەلفەۋزان؛ بەكرى ئەبۇ زەيد
menhej.blogspot.com
mujtehid.blogspot.com

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟