كىشىنىڭ ئەيبىنى يۈزىگە سېلىشنىڭ ھۆكمى
سوئال: براۋنىڭ ئەيىبىنى يۈزىگە سېلىشنىڭ ھۆكمى
نېمە، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 5276-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب: ئەگەر نەسىھەت قىلىش، گۇناھتىن توسۇش نىيىتىدە
براۋنىڭ گۇناھىنى يۈزىگە سېلىش دۇرۇس بولىدۇ، (بۇ خىل ئەھۋالدا) نەسىھەت قىلىنغۇچى
ئۆز ئەيىبلىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن نەسىھەت قىلغۇچى گۈزەل ئۇسلۇب قوللىنىشى لازىم.
بىراق، مەسخىرە قىلىش، قۇسۇرىنى يېيىش، يامانلىق قىلىش ياكى يۈزىنى تۆكۈش ئۈچۈن بىراۋنىڭ
ئەيىبىنى يۈزىگە سېلىش دۇرۇس ئەمەس.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە،
ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى
باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غەديان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد
menhej.blogspot.com
mujtehid.blogspot.com
Yorumlar
Yorum Gönder