مەخپىي قىرائەتلىك نامازدا ئاشكارا قىرائەت قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى


مەخپىي قىرائەتلىك نامازدا ئاشكارا قىرائەت قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى



فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ [ۋاپاتى:ھ1420؛ م 1999]
سوئال: پەزىلەتلىك شەيخ، بىرەيلەن بىزگە مەلۇم بىر مەخپىي قىرائەتلىك نامازدا ئىمام بولۇپ، ئۈنلۈك قىرائەت قىلىپ ناماز ئوقۇدى. بۇ ئەھۋالدا نېمىنى تەۋسىيە قىلىلا؟
جاۋاب: بۇ ئەھۋالدا ئۇ ئىمامغا گۇناھ بولمايدۇ. بىراق، ئۇ سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىشى كېرەك. چۈنكى، (بەزى نامازلاردا) ئاشكارا ۋە (بەزى نامازلاردا) مەخپىي قىرائەت قىلىش سۈننەتتۇر. بىراۋ، ئاشكارا قىرائەتلىك نامازدا قىرائەتنى مەخپىي قىلىپ قالسا ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ.(سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلۋەتسە بولىدۇ.)
(ئىمام بىن باز:«نۇرۇن ئەلەد دەرب» 11\443)
Menhej.blogspot.com
Mujtehid.blogspot.com

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟