ئەرلەرنىڭ خانىم-قىزلارغا دەرس بېرىشىنىڭ ھۆكمى
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 13947-نومۇرلۇق
پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
(پەتىۋا كومېتىتىدىن سورالغان بۇ ھەقتىكى ئۇزۇن
سوئال قىسقارتىلدى)
ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا (مەيلى شەرئىي، مەيلى
دۇنياۋىي بىلىملەردىن) دەرس بېرىشىدە چوڭ خەتەر ۋە يامان ئاقىۋەتلەر يۈز
بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، (ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا دەرس بېرىشى) دۇرۇس ئەمەس.
پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 17929-نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا
مۇنداق دېيىلگەن:
خانىم-قىزلار مەكتىۋىدە ئەر ئوقۇتقۇچى بىلەن
خانىم قىزلار ئارىسىدا پەردە-توسۇق بولۇش، قىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوغۇل
ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەر مۇئەللىملەر بىلەن ئايال مۇئەللىملەر ئارىلىشىپ كەتمەسلىك
(شۇنداقلا، ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋازىغا ۋە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ
ئەر ئوقۇتقۇچىغا مۇپتىلا بولۇپ قالماسلىق) شەرتى بىلەن، ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىز
ئوقۇغۇچىلارغا –(پەردە-توسۇق ئارقىسىدىن)- دەرس بېرىشى دۇرۇس.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە،
ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى
باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدييان؛
menhej.blogspot.com
mujtehid.blogspot.com
Yorumlar
Yorum Gönder