ھەيزدىن پاكلانغاندىن كېيىن كەلگەن سارغۇچ سۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:
بىز (ھەيزدىن) پاكلانغاندىن كېيىن (ئەۋرەتتىن) كەلگەن دۇغنى ۋە سېرىق سۇيۇقلۇقنى
ئەرزىگۈدەك بىر نەرسە سانىمايتتۇق.» بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئەبۇ داۋۇد
رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ. (‹بۇلۇغۇلمەرام› 140-نومۇرلۇق
ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان
مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن:
بۇ خىل سۇيۇقلۇقلار ھەيز ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەدىس، ھەيز مۇددىتى توشقاندىن كېيىن
ۋە ھەيز قېنى توختىغاندىن كېيىن چىققان (سارغۇچ) سۇنىڭ ھەيز
ھېسابلانمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. («بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 140-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ
شەرھى)
Yorumlar
Yorum Gönder