شەرئىي ئىلىم ئۆگەنمەسلىك دوزاخ يولىنى ئىختىيار قىلغانلىقتۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«كىم ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن بىر يولغا كىرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ
يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.» (مۇسلىم 4867) بۇ ھەدىستىن، ئىلىم ئۆگەنمىگەن،
ئىلىم يولىغا ماڭمىغان كىشى دوزاخ يولىنى بويلاپ ماڭغان بولىدۇ دېگەن ھۆكۈممۇ
چىقىدۇ. چۈنكى، ئىلىم بىلمىگەن، جاھىل ئىنسان ھالال بىلەن ھارامنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە،
بىر تۈركۈم ھاللاردا بولسىمۇ ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال دەپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ئىلىمدىن
نېسىۋىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن توغرا بىلەن خاتا ئايرىپ مۇئامىلە قىلمايدۇ. بىدئەتنى سۈننەت بىلىپ بىدئەتچىلىك قىلىدۇ، سۈننەتنى بولسا يامان كۆرىدۇ. تەقۋادارلىق يولىنى پاسىق، فاجىرلارنىڭ يولىدىن ئايرىيالماي تېڭىرقاپ يۈرىدۇ. ھەتتا،
ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە دۈشمەنلىك قىلىپ، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە
دوستلۇق ئىزھار قىلىدۇ. ئىلىم تەلەپ قىلىش جەننەت يولىنىڭ ۋەسىلىسى بولغىنىدەك،
ئىلىمدىن ئۆزىنى بىھاجەت ساناش دوزاخ يولىنى ئىختىيار قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىمدىن كەلگەن «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇنى دىندا فەقىھ قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسمۇ دەل مۇشۇ جۈملىدىن بولۇپ. ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىگە شەرئىي ئىلىم ۋە سالىھ ئەمەل نېسىپ قىلىدۇ؛ ئۆزى ئۆچ كۆرگەن كىشىنى بولسا شەرئىي ئىلىمدىن ۋە سالىھ ئەمەلدىن مەھرۇم قويۇش بىلەن ئۇنى دوزاخ يولىغا قويۇپ بېرىدۇ.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىلىمگە تەشنا، جۈملىدىن ئايەت ھەدىسلەرنى ئۆگىنىشكە ۋە ئەمەل
قىلىشقا ھېرىسمەن سالىھ بەندىلىرى قاتارىدىن قىلسۇن.
Yorumlar
Yorum Gönder