ئۆرە تۇرۇپ يەپ ئىچىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟


ئۆرە تۇرۇپ يەپ ئىچىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

سوئال: بەزى ھەدىس شەرىفلەردە ئۆرە تۇرغان ھالدا يەپ ئىچىش مەنئىي قىلىنغان ئىكەن. ئەمما، يەنە بەزى ھەدىس شەرىفلەردە بولسا ئۆرە تۇرۇپ يەپ ئىچىشكە رۇخسەت قىلىنغان ئىكەن. بىز بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ قايسىسىغا ئەگىشىمىز كېرەك؟
پەتىۋا بەگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ [ۋاپاتى: ھىجىرىيە 1420-يىلى؛ مىلادىيە 1999-يىلى]
جاۋاب: سوئالدا تىلغا ئېلىنغان ئىككىلى تۈردىكى ھەدىس سەھىھ. ئوچۇق بايان قىلساق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆرە تۇرۇپ يەپ ئىچىشنى مەنئىي قىلغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:{ أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ زَجَرَ عَنِ الشُّرْبِ قَائِمًا}«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشنى چەكلىدى.»(سەھىھۇل مۇسلىم 2024-نومۇرلۇق ھەدىس)؛ ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ سەئىد خۇدرى مۇنداق دېگەن:{أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نَهَى عَنِ الشُّرْبِ قَائِمًا}«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشنى چەكلىدى.»(مۇسلىم 2025-نومۇرلۇق ھەدىس)
شۇنداقلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچكەنلىكى توغرۇلۇقمۇ ھەدىسلەر كەلگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان:{سَقَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مِنْ زَمْزَمَ فَشَرِبَ وَهُوَ قَائِمٌ}«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە زەمزەم سۈيىدىن بەرگەن ئىدىم، ئۇنى ئۆرە تۇرۇپ ئىچتى.» (بۇخارى 1637؛ مۇسلىم 2027) ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشچە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن:{إِنَّ نَاسًا يَكْرَهُ أَحَدُهُمْ أَنْ يَشْرَبَ وَهُوَ قَائِمٌ ، وَإِنِّي رَأَيْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَعَلَ كَمَا رَأَيْتُمُونِي فَعَلْتُ} «بەزى كىشىلەر ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشنى يامان كۆرمەكتە. ھالبۇكى، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بەئەينى ماڭا ئوخشاش ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچكەنلىكىنى كۆردۈم.» (بۇخارى 5615) يەنە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچكەندە كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشىنى يامان كۆرگەن ئەلپازدا ئۇنىڭغا قاراشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى:{مَا تَنْظُرُونَ؟ إِنْ أَشْرَبْ قَائِمًا فَقَدْ رَأَيْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَشْرَبُ قَائِمًا ، وَإِنْ أَشْرَبْ قَاعِدًا فَقَدْ رَأَيْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَشْرَبُ قَاعِدًا} «نېمىگە قارايسىلەر؟ مەن ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچكەن بولسام، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچكىنىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆرە تۇرۇپ ئىچىمەن. ئەگەر ئولتۇرۇپ سۇ ئىچكەن بولسام، پەيغەمبەر سەللەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئولتۇرۇپ سۇ ئىچكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئولتۇرۇپ سۇ ئىچىمەن.»(مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 792؛ ئىبنى بازدىن باشقا ئەھمەد شاكىرمۇ سەھىھ دېگەن) ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{ كُنَّا نَأْكُلُ عَلَى عَهْدِ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَنَحْنُ نَمْشِي ، وَنَشْرَبُ وَنَحْنُ قِيَامٌ} «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا مېڭىۋاتقاچ يەيتتۇق، ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچەتتۇق.» (تىرمىزى 1881؛ ئىبنى بازدىن باشقا، ئەلبانىمۇ سەھىھۇل تىرمىزىدا بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
ئۆرە تۇرۇپ يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدە كەڭچىلىك بار. يۇقارقى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى سەھىھ، ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. براۋ ئۆرە تۇرۇپ يەپ ئىچمەكچى بولسا، شۇنداق قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم زەمزەم سۈيىنى ئۆرە تۇرۇپ ئىچكەن.»(بۇخارى 5617؛ مۇسلىم 2027؛ تىرمىزى 1882؛ نەسائىي 2965)
يىغىنچاقلىغاندا، ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىش ئەۋزەلراق ھەم سالامەتلىككە پايدىلىقراق؛ شۇنداقلا، ئۆرە تۇرۇپ يەپ-ئىچىشمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس. (ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى، 25-جىلد، 276-بەت)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

پەتىۋا بەرگۈچى ئورگان: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 8376-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
ئەسلى قائىدە كىشىنىڭ ئولتۇرۇپ ئىچىشى بولۇپ، بۇ ئەۋزەلدۇر. ئەمما، ئۆرە تۇرۇپ ئىچىشمۇ دۇرۇس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككىلى خىل ھالەتتە ئىچكەن بولۇپ، بۇنداق قىلىشى ئولتۇرۇپ ياكى ئۆرە تۇرۇپ ئىچىشتە كەڭچىلىك بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولغان.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولغاي.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز (ۋاپاتى: ھ 1420)؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد. [ئەرەبچىسى: الأصل أن يشرب الإنسان قاعدًا وهو الأفضل، وله أن يشرب قائمًا، وقد فعل النبي - صلى الله عليه وسلم - الأمرين للدلالة على أن الأمر في ذلك واسع. وبالله التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.]


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟