تاراۋىھ نامىزى ئارىلىقىدا «سۇبھانىزىل جەبەرۇت» دەپ ئالاتاغىل توۋلاش بىدئەت
ۋەتەندە
تاراۋىھ ئوقۇسا، ھەر تۆت رەكئەتنىڭ كەينىدىن مەزىناخۇن باشچىلىقىدا «سۇبھانە زىل جەبەرەت،
ۋەل مەلەكۇت، ۋەل كىبرىيائى ۋە ئەزەمەتى...» دېگەن سانانى ئوقۇيدىغان بىدئەتچىلىك
قىلمىشى بەك ئېغىر ئىدى. ئەسلىدە بۇنى رەسۇلۇللاھ رۇكۇسىدا ئوقۇغان بۇ ھەقتە سەھىھ
ھەدىس كەلگەن. ئەمما، بىزنىڭ موللا-مەزىنلىرىمىز كۆپىنچىسى ھەدىسنىڭ زىتىغا ئىش
قىلىشقا ئىتتىپاققا كەلگەچكە، ئاللاھ ئۈستىمىزگە زالىمنى دەسسىتىپ، ھەدىسكە قارشى
قوپقاننىڭ، رەسۇلۇللاھقا قارشى قوپقاننىڭ دەردىنى خەلقىمىزگە قاتتىپ تېتىتماقتا. تورداشلار
بۇ ۋە بۇ خىلدىكى بىدئەتلەردىن قاتتىق ئاگاھ بولغاي. تاراۋىھ نامازلىرىنىڭ
ئارىسىدا ئالا تاغىل توۋلىمىغاي. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاتاغىل سەت ئاۋازلارنىڭ ئاللاھ
قۇرئاندا ئېشەكنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاتقان. شۇڭا، ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان ھەممە قىلمىشلاردىن
تېز مۇددەتتە قۇتۇلۇپ كەتسەك، ئاللاھنىڭ غەلىبىسىنىڭ بىزگە قۇچاق ئېچىشىدىن سۆز
ئاچقىلى بولىدۇ قېرىنداشلار.
Yorumlar
Yorum Gönder